- تىزىملاتقان
- 2011-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-28
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2446
- نادىر
- 3
- تېما
- 143
- يازما
- 290
  
- يوقلىما
- 90
قىزغىنلىق- 678 سەر
تىللا- 323 دانە
تۆھپە- 462 سەر
شۆھرەت- 564 سەر
  
| ھەسەتخورلۇق

بېلىقچىلار دائىم قۇتىنىڭ ئاغزىنى قىسقۇچپاقىلارغا قارىتىپ ئېچىپ قويىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قىسقۇچپاقىلار قۇتىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلايدىكەن. قىسقۇچپاقىلار قۇتىغا لىق توشقاندىن كېيىن، ئاندىن بېلىقچىلار قۇتىنىڭ پەقەت ئاستىلا ئېتىك بولۇپ، ئۈستىدە قاپقىقى يوق ئىكەن. ئەمەلىيەتتە قىسقۇچپاقا ناھايىتى ئاسانلا قۇتىدىن چىقىپ كېتەلەيدىكەن. بىراق قىسقۇچپاقا ناھايىتى ھەسەتخور بولغاچقا، ئاقىۋەت بىرەر قىسقۇچپاقىمۇ بۇقۇتىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىكەن، چۈنكى بىر قىسقۇچپاقا يۇقىرىغا ياماشقاندا، يەنە بىر قىسقۇچپاقا ئۇنى پەسكە چۈشۈرۈۋېتىدىكەن. نەتىجىدە بۇ قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھەممىسى تاماق ئۈستىلىدىكى ئېسىل نازۇ – نېمەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن. ھېكمەت: ھەسەتخورلۇق بىزگە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ھەسەتخورلۇق باشقىلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە باشقىلارنى ئازابلايدۇ، باشقىلارغا ھەسەت قىلىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئەخمىقانىلىك.
مەنبە :ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى |
|