- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-2
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4773
- نادىر
- 5
- تېما
- 90
- يازما
- 296
 
قىزغىنلىق- 1323 سەر
تىللا- 1159 دانە
تۆھپە- 647 سەر
شۆھرەت- 716 سەر
       
| ئاسىيا كېندىكى تورى (مۇخبىر رېن خۇا ئىختىيارى مۇخبىر گۇ جۈن خەۋەر قىلىدۇ)، بىر قانچە كۈندىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسى ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئابلىكىم تىلۋالدىنىڭ ئۆيىنى بۆلەكچىلا ئاۋات بولۇپ كەتتى، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى توپ-توپ بولۇشۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان ياغاچ ئايروپىلانىنى كۆرۋاتاتتى.
 ياغاچتىن ياسىغان ئايروپىلان مۇخبىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە،نۇرغۇنلىغان كەنت ئاھالىلىرى ئايروپىلاننى كۆرۋاتاتتى. ياغاچتىن ياسىغان ئايروپىلان ھويلا ئىچىگە قويۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6 مېتر، كەڭلىكى 1.5 مېتر، ئېغىرلىقى 150 كېلوگرام. باش گەۋدىسى ئالدى قانىتى ئارقا قۇيرۇقى قاتارلىقلار ئۈچ تاختا ۋە ياغاچنى كىرىشتۇرۇپ ياسالغان. پىرقىرغۇچى ئازىراق يانتۇ، كۈتۈرلۈپ-تۆۋەنلەش رولى بار،ھەرىكەت كۈچىگە ئىشلىتىلگەن توك ھەرىنىڭ ماتۇرى. كابىنكا ئىچىدىكى مۇلازىمەت سۇپىسىغا سىيرىلىش، كۈتۈرلۈپ پەسىيىش، يۆلىنىش قاتارلىق ئۈچ باشقۇرۇش دەستىسى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ يەنە ئۈچ پارچە ياغاچ تاختىدىن ياسالغان پىرقىرىغۇچى، پەلەمپەيسىمان شەكىللىك كابىنكىسى بار. كىشلەرنىڭ كۆرگىلى كەلگىنىنى كۆرۈپ، ئابلىكىم تىلۋالدى ئىپتىخارلانغان ھالدا ئۇلارغا ئايروپىلاننى تونۇشتۇردى ھە دە توك ئارقىلىقپىرقىرغۇچنى ئايلاندۇردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئابلىكىم تىلۋالدى ياغاچچىلىقنى بىلىدىغان، دېھقانچىلىقنىمۇ ياخشى قىلدىغان ئەقىللىق ئادەم. ئۆتكەن يىلى قىش كىرگەندە، ئۇ بىكارچىلىقتا يۈرۈپ ياغاچتىن بىر ئايروپىلان ياساش ئويىغا كەلدى. ئىقتىسادىي شارائىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ياغاچلاردىن ئايروپىلان ياسىدى، ئايروپىلان ياساشنى باشلىغاندى باشلاپ، دەم ئالغاندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق زىھنىنى ئايروپىلان ياساشقا قاراتتى. «ئۆيدىكىلەر مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئىزچىل قارشى تۇردى، ھازىر ئايروپىلاننى ياساپ بولاي دەپ قالدىم، قۇشنىلارنىڭ زۇقلىنىپ قاراشلىرىدىن، ئۆيدىكىلەرمۇ مېنى چۈشەندى» دېدى ئابلىكىم تىلۋالدى كۈلۈپ تۇرۇپ. ھازىر ئايروپىلانغا ئەينەك ئورنىتىپ، سېرلىسىلا بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا مۇخبىر ئابلىكىم ۇردىنىڭ ئەزەلدىن ئايروپىلاننى كۆرۈپ باقمىغانلىقى، ئايروپىلاننى ياساشتا چېرتىيۇژ،مۇدىلى يوق ئىكەنلىكى،پۈتۈنلەي تېلېۋىزوردىن كۆرگەن سۈرەت ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ياسىغانلىقىنى ئۇقتى. ھازىر ئابلىكىم تۇردى كەنتتىكى داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ قالدى، يېزا يەنە تېخى ئۇ ياسىغان ئايروپىلاننى ئۈرۈك چېچىكى بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئابلىكىم تۇردى مۇنداق دېدى.« بۇ ئايروپىلاننى ياساپ بولغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى يەنە بىر ئاسماندا ئۇچىقىلى بولىدىغان ئايروپىلان ياسىماقچى بولىۋاتىمەن. ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر چوقۇم كېلىپ، ئايروپىلانىمنى كۈرۈپ بىقىڭلار» مۇخبىر ئابلىكىم تۇردىنىڭ زىرەك، ھۈنەرگە پىششىق كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ياساش ئۆيىدە يەنە ئۇ ياسىغان قار تازىلاش ماشىنىسىنى كۆردى، ئۇمۇ ياغاچتىن ياسالغان ئىكەن. |
|