خانىم قىزلىرىمىزغا 16 ھىكمەت  1.سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇڭ،ھەرگىزمۇ ھازازۇل، قوپال بولماڭ، ئەدەپسىز قىزلار ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قۇيىدۇ. ئىسىل نازاكەتلىك قىزلار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ ، 2.ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا،قىزلار بۇ ۋاقىتتا گۈزەلىككە ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن بىرگە كىشىلىك پەزىلىتىنىمۇ تەربىيلەشكە كۈچ سەرىپ قىلىشى كىرەك ،چۈنكى سىز 28ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىنلا قېرىش كوچىسىغا قاراپ يول ئالىسىز، بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى قورۇق چۈشكەن رۇخسارىڭىز بولماستىن بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىزدۇر، 3.بىر ئايالنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ قانداق بولىشىغا باغلىق،ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقەتلىك ئىش - ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى توغرا تالاشتۇر. 4،بىر ئەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوسىتلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى. 5.ئاياللارنىڭ دوسلۇق ھىسياتىنىڭ كېلىشىمۇ، قايتىشىمۇ تىز بولىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلۇق ھىسياتى ئاچا-سىڭىللىق ھىسياتىدىن ئشەنچىلىك.شۇڭا سىز ئۇنى قەدىرلىشىڭىز كىرەك . 6،كەلسە-كەلمەس گىرىم بۇيۇمىلىرىغا سەرىپ قىلغان پۇلغا ياخشى كىتاپتىن ئىككىنى سىتىۋالغىنىڭىز ياخشى .گىرىممۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى ،ئالاھىدە گىرىم قىلدىغانلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن،بىلىمى ئىقتىدارى ۋەساپاسى ئارقىلىق باشقىلارغا قالدۇرغان تەسىر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. 7.شاللاق ئوغۇللار دائىم سىزنى ياخشى كۆرىدىغان تۇيغۇ بىرىدۇ .سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆردىغان ئوغۇل بالا سىزگە ئالدىراپ «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دىمەيدۇ ،دىيىش زۈرۈرىيتى تۇغۇلغاندا دەيدۇ ،سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىنى پەقەت كۆڭلىدە بىلىدۇ ھەمدە كۆڭلىنى سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ ، 8.ئەگەر بىر ئوغۇل بالا سىزنى بىر كۆرۈپ باشقىچە ھەۋەسلەردە بولسا ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيتىڭىزدۇر ،ئۇ چاغدا سىز ناچار ئۇغۇل بالىغا يۇلۇقۇپ قالغانلىقىڭزغا ئاغرىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،چۈنكى بۇنىڭغا ئۆزىڭىز سەۋەپچى. 9.ھەممە ئوغۇللار سىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن ،شۇڭا سىز ھامان چىكىنىش يولى قۇيۇپ قۇيسىڭىز بولىدۇ ،چۈنكى سىز ئازاپلانغاندا كىچىككەن بولىسىز . 10.ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن بىرەر يەرگە بىرىپ ئايلانغىڭىز كەلسە كىتاپخانلارغا بارسىڭىز بولىدۇ ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىتىۋالغان كىتاپنى سىزنىڭ ئوقۇغانلىقىڭىزنى بىلگەندە شۇ پەيىتنىڭ قانچىلىك رومانتىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھىس قىلماي قالمايدۇ ، 11.بىرى سىزنى ياخشى كۆرسە ،سىز ئۇنى كىچىك ئىشلاردىنمۇ سىزەلەيسىز ،ئەگەر بىرى سىزنى ياخشى كۆرمىسە سىز يەنە ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ بايقىيالايسىز . 12.ئەگەر سىز سېھىرىي كۈچكە ئىگە بىر ئەرنى بايقىغان چىغىڭىزدا ئۇنىڭ يىنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ قالىسىز ، 13.مۇھەببەتلىشىش قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكى «جەزمەن ئوقۇلىدىغان دەرس» ئەمەس .شۇڭا سىزئۇنى«تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس» قىلسىڭىز بولىدۇ ، 14.ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كىيىنكى بەش يىللىق ھاياتىڭىزنى پىلانلىسىڭىز بولىدۇ ،سىز ئالدى بىلەن بۇ پىلانغا ئوغۇللارنى كىرگۈزمەڭ .ئۆزىڭىزلا بۇ پىلاننى ياخشى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ ،ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلماڭ . 15.ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئەر بىلەن ئوغۇلنىڭ پەرقى چوڭ. ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار كۈچلۈك -ئاجىزلىق ،پىشىپ يېتىلىش ۋە خاملىق جەھەتتىلا ئەمەس ھىسسيات ۋە كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت جەھەتتىمۇ پەرىقلىندۇ ،سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھازىر قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدە ھەقىقى ئەر بولالايدىغانلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭىز كىرەك . 16.ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى ئاتا ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-26 13:28
|