- تىزىملاتقان
- 2011-8-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-31
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1584
- نادىر
- 0
- تېما
- 91
- يازما
- 206
  
- يوقلىما
- 72
قىزغىنلىق- 480 سەر
تىللا- 123 دانە
تۆھپە- 295 سەر
شۆھرەت- 364 سەر
| تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشىدىكى خاتا قاراشلار
1. كۆپ مىقداردا شورپا ئىچىش. تۇغۇتلۇق ئاياللار ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن شورپا ئىچىدۇ، شورپا سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بىراق بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ئاز، ھەزىم قىلىشى ناچارراق بولغاچقا، بۇ بوۋاقنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. ئۇزاققىچە قارا شېكەر سۈيى ئىچىش، قارا شېكەر سۈيى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا پايدىلىق، لېكىن ئۇزاققىچە ئىچكەندە چىشقا زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بەدەندە ئىسسىق ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىنىشتىن ئىلگىرى قۇۋۋەتلىك تاماقنى كۆپ يېيىش؛ بىز قىسىم ئاياللار تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىنىشتىن ئىلگىرى قۇۋۋەتلىك تاماق ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان دورىلارنى كۆپ يەيدۇ، لېكىن بۇ بەدەنگە زىيانلىق.
4. چاينى كۆپ ئىچىش. بىر قىسىم تۇغۇتلۇق ئاياللار چاينى كۆپ ئىچىدۇ، بۇ يېمەكلىك بىلەن بەدەندىكى تۆمۈرنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچەينىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كەم قانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
5. شاكىلاتنى كۆپ يېيىش. تۇغۇتلۇق ئاياللار شاكىلاتنى كۆپ يېگەندە ، بوۋاقنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
6. يەڭگىپ بولۇپلا ئورۇقلاش. بىر قىسىم تۇغۇتلۇق ئاياللار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئەسلىدىكى ئورۇق ھالىتىگە قايتىش ئۈچۈن تاماقنى ئاز يەيدۇ، لېكىن بۇ سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز بولۇپ، بوۋاقنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. |
|