پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1053 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 4

باشلانغۇ چ مەكتەپنىڭ 2010-2011- ئۇقۇش يىلى خىزمەت پىلانى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
71
قىزغىنلىق
988 سەر
تىللا
266 دانە
تۆھپە
435 سەر
شۆھرەت
535 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:22:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ    2010-2011-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى


ئومومى ئەھۋال: يىزىمىز ناھىيە مەركىزىدىن 56كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان چەت-يىراق يىزىلارنىڭ بىرى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1575 نەپەر بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى پىئونىر 1171 نەپەر. يېزىمىزدا  7تارماق مەكتەپ 2 ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار. ئومومى ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچى   90 نەپەر، رەھبەرلەرنىڭ تەستىقى ئارقىلىق باشقا جايلاردا ئارىيەت بۇلۇپ ئىشلەۋاتقانلار 6نەپەر،خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرۋاتقانلار3  نەپەر،تۇغۇت كىسەل رۇخسىتى6نەپەر ئەمىلى قالغان ئادەم 69  نەپەر   «قوش تىل» تەييارلىق سىنىپ ئۇقۇتقۇچىسى 6نەپەر . جەمئى ئىشلەۋاتقانلار سانى 74 نەپەر ،  سىنىپ  57   . بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل سىنىپ سانى 13،ئۇقۇغۇچى سانى 436نەپەر. 1- يىللىق سىنىپ سانى 7، ئۇقۇغۇچى سانى 165نەپەر .بۇنىڭدىن قوش تىل سىنىپ سانى 5، ئوقۇغۇچى سانى 131نەپەر. 2-يىللىق سىنىپ سانى 6 ئۇقۇغۇچى سانى 169نەپەر قوش تىل سىنىپ سانى 2ئۇقۇغۇچى سانى 68نەپەر، 3- يىللىق سىنىپ سانى 6 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 244 ،بۇنىڭ ئىچىدىكى قوش تىل سىنىپ سانى 4،ئوقۇغۇچى سانى 156نەپەر. 4- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 339،بۇنىڭ ئىچىدىكى قوش تىل سىنىپ سانى 2،ئوقۇغۇچى سانى83نەپەر. 5- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچى سانى 347 . 6- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 313 . ئۇقۇشتىن ئىلگىركى قوش تىل  سىنىپ سانى 10بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 276،
1.يىتەكچى ئىدىيە
ماركىسىزىم،لېنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسى ۋە دېڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسىنى،«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىديسىنى يىتەكچى قىلىپ ،سوتسىيالىستىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ،پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ ،«ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ،گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلىش» پائالىيتى ۋە«ئىلغارلىقنى تالىشىپ نەمۇنىچى بۇلۇش »خىزمىتى،«ئىككى ئاساسەن » نەتىجىلىرنى مۇستەھكەملەپ ھەم يوقۇرى كۈتۈرۈپ ،يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى ۋە «قوش تىل»ئوقۇتۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ ،ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ساپا مائارىپى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئوقۇتۇش سۈپىتى يوقۇرى كۈتۈرۈش.
2. مەۋسۇملۇق خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى
1) خىزمەتنى مىقدارلاشتۇرۇپ ،ئۈنۈم مائاشىنى يولغا قۇيۇپ ،مۇكەممەل بولغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى باھالاش مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ ،«خىزمەت تەقسىماتى ئادىل بولۇش ،نەتىجىسىنى يەكۈنلەش ئەتىراپلىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى قۇزغۇتىلىدۇ.
2)قۇشۇن قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ،ئوقۇتقۇچىلارنى «قوش تىل »، دائىملىق تەربىيە ،يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى بۇيچە تەربىيەلەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرلىدۇ.
3)ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ،ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزۈتۈپ ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەھىلل قىلىپ ،سۈپەت قارىشىنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ ،خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئۇقۇتۇش سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە قارتىلىدۇ.
4)تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۈلگىلىك ئۇچۇق دەرس ،مۇكاپاتلىق ئۇچۇق دەرس ئۆتۈش لاھىيسى، كۆرگەزمە مۇسابىقىسى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ ، مەۋقەنى ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا قارتىپ ،تەشكىللەش، يەكۈنلەش، يىتەكلەش، كېڭەيتىش ئېلىپ بىرىش دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ، ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق ھالقىلىرى قىلىپلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
5)تەجربىلىك ئوقۇتۇش ۋە 2-دەرىسخانا پائالىيتىنى جانلاندۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل كۇرژۇك پائالىيتىگە قاتنىشىش نىسپىتىنى ئاشۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق يتىلىشى ئىلگىرى سۈرلىدۇ.
6) ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان  سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرغا قارتا يىتەكچىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،مەكتەپ تەرىپىدىن 15كۈندە بىر قېتىم ،سىنىپ مۇدىرلىرى ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم مانۋېر ئېمتىھان ئېلىش ئارقىلق شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىشتىكى بەش ئۇقۇغۇچى يەتكۈزۈش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
7)مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئۈنۋىرسال ساپاسى ،مەكتەپ باشقۇرۇش قابىلىيتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنجى سېپىگە چوڭقۇر چۈكۈش ،بىرەر ئاساسى پەننى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ دەرس ئۈتۈش ئارقىلىق يىڭى دەرس ئىسلاھاتى دەرىسخانا ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈپ ،ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگىلىك ،باشلامچىلىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
8)ئۇقۇتۇش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن دەرىسلەرنى تۇلۇق تەسسىس قىلىپ ،قىرائەتخانا ،تەجرىبەخانا،مەركىزى مەكتەپتىكى كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش سىنىپى ،يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ،تەنتەربىيە، ساقلىقىنى ساقلاش،مۇزىكا،گۈزەل سەنئەت،ساقلىقنى ساقلاش،ئەمگەك تەخنىكا ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،ئۇلارنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ،ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ،ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرلىدۇ.
9)«قوش تىل» ئۇقۇتۇشىنى ھەققى كۈچەيتىپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەنگەنلەرنى ئۆز ئورنىغا قۇيۇپ ۋە رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ «قوش تىل »سىنىپى ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇقىم بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ،مەكتىۋىمىزنىڭ «قوش تىل»ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.
3.سىياسى-ئىدىيۋى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت:
1)        سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىينىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.
بۇجەھەتتە مەكتەپلەدە ھەپتىدە 2سائەتلىك يەنى دۈشەنبە،چارشەنبە  كۈنلىرى چۈشتىن كىيىنكى مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز. خاتىرە قالدۇرۇشقا تەسىرات سۆزلەشكە يىتەكلەيمىز.
2)قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغۇرسىدىكى ھۆججەت، قانۇن، نىزاملارنىڭ روھىنى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنيەتلىك، ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمىز.
3)ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق ۋە ساغلاملىق ، پىئۇنىرلار ئەتىرەت پائالىيتىى  دەرىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاتىزىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىى،ساغلاملىق تەربىيسى ،ئەيدىس كىسىلىنىڭ   ئالدىنى ئېلىش پىروگىراممىسى   ،زەھەر چەكلەش ،  دولەت مۇداپىيە ، بىخەتەرلىك  ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش ، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن  مۇداپىيەلىنىش تەربىيسىنى كۈچەيتىمىز.
مۇھىت ئاسىراش تەربىيسىنى 1- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە بولغان ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر ئۇقۇش ماۋسۇمىدا  ، مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسى 3 سائەت  مەخسۇس لىكسىيە شوزلەشنى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرىمىز ھەر ئۇقۇش ماۋسۇمىدا  تارماق مەكتەپلەر بۇيىچە بىر قېتىم ئۇقۇغۇچىلارغا يۇد كەملىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىشقا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز
4)ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنى دەرىستىن كىيىن ئېلىپ بېرلىدىغان  پىئونىرلار پائالىيتىنى  تارماق مەكتەپلەر بۇيىچە جانلىق ئېلىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلمىز .سىنىپ يېغىنى قەرەرلىك تۇلۇق ئاچىمىز  
5)ئىتىپاق ياچىكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
6)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن داھىيلارنى ھۆرمەتلەش، ئىنقىلاۋى قەھرىمانلاردىن ئۈگۈنۈش پائالىيەتلىرىنى ئەتىراپلىق قانات يايدۇرىمىز.
7)ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىك كىتاۋىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە دەرىسلىك كىتاۋىنى رەتلىك پاكىزە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلمىز.

4.ۋاقىت ۋە دەرىسلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى
1)ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرلىشى
بۇ ئۇقۇش مەۋسۇمى جەمئى 20ھەپتە بۇلۇپ دەرس سائىتى 18ھەپتە باسقۇچلۇق ئقمتىھان بىر ھەپتە، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بىر ھەپتە بۇلىدۇ.كونكىرىت ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى تۈەندىكىچە:
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ ئۇقۇش باشلاش تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە A5كۆرسەتكۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرى ئىشلىنىدۇ.  
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنى يىغىپ ئۇقۇش باشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىدۇ.
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى دەرىسلىك كىتاپلار تارقىتىلىدۇ،ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ ئۇقۇش باشلىنىدۇ.
ئۇقۇش ۋاقتى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بۇلىدۇ.
9-ئاينىڭ 5-ھەپتىسى (9-ئاينىڭ 27–كۈنىدىن9-ئاينىڭ30- كۈنىگىچە)مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
11-ئاينىڭ 1-ھەپتىسى (11-ئاينىڭ 1–كۈنىدىن5- كۈنىگىچە)مەكتەپلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق(باسقۇچلۇق) ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
12-ئاينىڭ 1-ھەپتىسى (11-ئاينىڭ 29–كۈنىدىن12-ئاينىڭ3- كۈنىگىچە)مەكتەپلەرنىڭ ئۈچىنجى قېتىملىق ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
12 -ئاينىڭ 5-ھەپتىسى (12-ئاينىڭ 26–كۈنىدىن12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە)مەكتەپلەرنىڭ تۆتىنجى قېتىملىق(ماۋسۇملۇق) ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
2011-يىلى 1-ئاينڭ 14-كۈنى ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلىدۇ.
2)دەرسلىك ئۇرۇنلاشۇرۇش
ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ دەرس ئۇرۇنلاشتۇرلۇشى ،ھەپتىلىك پائالىيەت ئۇرۇنلاشتۇرلىشى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ (2007) 57-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدىكى ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيچە بولىدۇ. «قوش تىل»سىنىپلىرنىڭ دەرىسى خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ (2009) 65-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى رۇھى بۇيچە ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ.« قوش تىل »باللار باغچىلىرى (ئوقۇشتىن ئاۋالقى تەييارلىق سىنىپ )نىڭ دەرسى خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ (2009) 164-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدىكى تەلەپ بۇيچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ماۋسۇمدا ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ  ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرىش كاپالەتلەندۈرلىدۇ ، ئۇقۇشتىن ئىلگىركى «قوش تىل » تەييارلىق سىنىپلىرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ، ھەپتىلىك دەرىسنى 20سائەت ئۇرۇنلاشتۇرۇش،  دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ،سۆزلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،ئوقۇشتىن ئىلگىركى تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسىدىكى تەپلەپ بۇيچە دەرس ئۈتۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇمۇشىغا كۈڭۈل بۆلۈش، ئۆلچەم بۇيچە تاماق بىرىشكە ۋە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ مۇقۇملۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
3)دەرسىلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە
بىرىنچىدىن :ئوقۇتۇش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن دەرىسلەرنى تولۇق تەسىس قىلىپ ، دەرس سائىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلنىدۇ.
ئىككىنچىدىن:ئوقۇتۇش كالىندارىنى ، سۈرئەت پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، پىلاندا ۋاقىت دەرس سائىتى ، دەرس تىمىسى ۋە تاپشۇرۇق ،كۆرسەتمىلىك قۇرال قاتارلىق ئەكىس ئىتىشكە تىگىشلىك بولغان مەزمۇنلار تولۇق ئەكىس ئەتتۈرلىدۇ .
ئۈچىنچىدىن : مەكتەپلەردە دەرس سىرتكىسىنى ئىلمى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ،دەرسلىكنى تاق سائەتلىك ئۆلچەم بۇيچە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ، دەرس سېتكىسىنىڭ مۇقۇملىقىغا  كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خالىغانچە دەرىس ئالماشتۇرۇشىنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىپ، تۈزۈم تۈزۈپ خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرۇش ، دەرس توختىتىش ۋە سەۋەپسىز دەرس قالدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىپ ، ئۆتۈۋاتقان پەن تۈرىنىڭ مەۋسۈم ئىچىدىكى ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ .
تۆتىنچىدىن :مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆز كەسپىدىن دەرس ئېلىش ۋە دەرس ئۈتۈشنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۇرۇلىدۇ.
5.ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ
1)ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى ، خەلىقنى سۈيۈش تەربىيسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ، ۋەزىيەت تەربىيسى (ئېقىم مەسەللىرى)، «ئوتتۇر-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى » تەربىيسى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان ئۈگۈنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش، سىنىپ يىغىنى ، ئىتتىپاق (پىئونىرلار)پائالىيتىنى پىلانلىق ، مەقسەتلىك ،كۆپ خىل شەكىللىك ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىلي تۈزۈم كۆز قارشى ۋە كوللىكتىۋىزىملىق كۆزقارىشىنى يىتىلدۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يىتىلىدۇرۇش، مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس ھەرخىل ئەنئەنۋىي ئادەت تەربىيلىرنى ئېلىپ بىرىش ،  دۆلەت بەلگىلىگەن بايرام ، خاتىرە كۈنلەر، مىللى ئەنئەنىۋى بايرام كۈنلىردە مەزمۇنى مۇل بولغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرلىدۇ.
2)بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.  ئىككى گىمناستىكا ۋە ئىككىنچى دەرىسخانا پائالىيتى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق تەرەققى قىلىدۇرۇشتىكى ئىلمى،ئۈنۈملۇك پائالىيەتتۇر.تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرس ئۆلچەمگە ئاساسەن ئەتتىگەنلىك گىمناستىكا،دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكا،كۆز ئاسىراش گىمناستىكىسى ۋە باشقا تەنتەربىيە پائالىيتى ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش ، ھەممە مەكتەپلەر ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس تەنتەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ ، سىنىپىنى بىرلىك قىلىغان ھالدا مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ،ھەر بىر مەكتەپنىڭ ئۆزىگە خاس تەنتەربىيە ئالاھدىلىكى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىگىدىن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
3)مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت،پەن-تېخنىكا ئىجادىيەت كۆرگەزمە پائالىيتىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىجادچانلىق رۇھىنى ئۇرغۇتۇپ ، قابىلىيتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ، تەبىئى تالانىتىغا ئاساسەن ، كۇرژۇكلارنى ياخشى تەشكىللەپ، پائالىيەتلەرنى جانلىق ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە جەلىپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تۇراقلىشىشىنى كۈچەيتىپ ، ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشكە ئاساس سېلىنىدۇ.
4)ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بىرىلىدىغان تەربىيەلەر ياخشى ئېلىپ بىرىلىدۇ .
(1) دەرىس ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرىسىنى تولۇق تەسىس قىلىش ، ھەر ھەپتىدە بىر سائەت ساغلاملىق دەرىسى ئۆتۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ،شارائىتى بار مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلەش ، 5-6-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرىغا نىسپىتەن پىسخىك ساغلاملىق تەربىيسى يىتەكچى پىراگىراممىسىنىڭ رۇھىغا ئاساسەن ، پىلانلىق ، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا پىسخىك ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بىرىش كاپالەتلەندۈرلىدۇ .(2) دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى ئېلىپ بىرىش بىرىلىدۇ.
(3)دۆلەتنىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىنىدۇ.
(4)مەكتەپلەر «ئوتتۇر-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگىراممىسى»،«ئوتتۇر-باشلانغۇچ مەكتەپ زەھەر چەكلەش مەخسۇس تەربىيە پروگراممىسى»نىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، زەھەر چەكلەش تەربىيەسىنى 5-6-يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا 2سائەت ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
(5)مۇھىت ئاسىراش تەربىيەسىنى 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا 4سائەت ئېلىپ بىرىش كاپالەتلەندۈرلىدۇ.
(6)ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت مۇداپىئە تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ . (7)بىخەتەرلىك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ دەرس مەزمۇنىغا ۋە ساغلاملىق دەرىسى،سىنىپ يىغىنى ،ئىتتىپاق ۋە پىئونىرلار ئەترەت پائالىيەتلىرىگە مۇۋاپىق بىرلەشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارغا يول قاتناش بىخەتەرلىكى ،ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش،يەرتەۋرەش بىخەتەرلىك ئېڭىنى يوقۇرى كۈتۈرۈپ ، تۈلۈك ھادىسىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
(8)يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىيەلىنىش تەربىيسىنى ياخشى ئېلىپ بىرىش بىلەن بىرگە بۇ مەۋسۇمىدا بىر قىتىم يۇد كەملىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتكەن دەرىس ،ئېلىپ بارغان تەربىيەلەرنىڭ دەرس تەييارلىقى ،خاتىرسى تولۇق بولۇش كاپالەتلەندۈرلىدۇ.
5)دەرس لاھىيسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇلىدۇ . بۇنىڭدا :
بىرىنچىدىن:دەرسلىك ھەپتىسىنى بىرلىككەكەلتۈرۈش،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ،ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرپپىلىرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانلىرى قاتارلىق ئۈچ پىلاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوقۇتۇشنى كالىندار سۈرئەت پىلانىدا ئۇرۇنلاشتۇرغان سۈرئەت بۇيچە ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق پىلاننىڭ تولۇق ئۇرۇنلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قىلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن:مەكتەپلەردە دەرس تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،تەستىقسىز دەرس ئۆتۈش ، دەرس تەستىقلىماسلىق ،تەستىق پىكىرى يازماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
ئۈچىنچىدىن:يەككە دەرس تەييارلاش ۋە كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇش گۇرۇپسىنىڭ كوللىكتىپ تەييارلىغان دەرىسى ھەپتىسىگە بىرقېتىمىدىن كەم بولماسلىق ، ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەردىن خاتىرە قالدۇرۇش،تەجىربە -يەكۈنلەرنى مۇستەھكەملەش ئەمەلگە ئاشۇرلىدۇ ، دەرس باشلانغان ئىككىنجى ھەپتىسى ھەر قايسى پەنلەدىن ئۈلگىلىك دەرس لاھىيەسىنى باھالاپ چىقىپ ، قېلىپلاشقان دەرس لاھىيەسىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
تۆتىنچىدىن:دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلاردا ھىسيات،پوزىتسىيە شەكىللەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
بەشىنچىدىن:بار شارائىتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ،مەركىزى مەكتەپتە كەسىپ بۇيچە دەرس تەييارلاش،دەرس ئۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلار يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى تەدىرجى ھەل قىلىپ ،ئوقۇتقۇچىلار ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلىدۇ.
6)تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ .
بىرىنچىدىن: ماتىماتكا،خەنزۇتىلى،تىل-ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەردىن ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىمىدىن تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. باشقا پەنلىردىن كەسىپ ئالاھدىلىكىنى ئاساس قىلىپ ،گۈزەل-سەنئەت،مۇزىكا قاتارلىق دەرسلەردە ئائىلە يېزىقچە تاپشۇرۇقى ئۇرۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.تەنتەربىيەدەرىسىدە نوقتىلىق ھالدا 3-يۈرۈش رادىئۇ گىمناستىكىسى ۋە كۆز ئاسىراش گىمناستىكىسىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش،مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلىش ، گۈزەل-سەنئەت دەرىسىدە ئىملا تۈزەش ۋە ھۆسنىخەت يېزىش ، رەسىم سىزىشنى ئاساس قىلىش ، مۇزىكا دەرىسىنىڭ تاپشۇرۇقىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى بەش مىللىيچە ناخشا،بەش ئېنقىلابى ناخشا ئېيتالايدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
ئىككىنچىدىن:تاپشۇرۇق مىقدارىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلانىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ، ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىنىدۇ ئۈچىنچىدىن:تاپشۇرۇق بىرىشتە ھەر قايسى پەن دەرسلىكىلىرنىڭ مەزمۇنى ۋە شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساس قىلىپ دەرىسلىك كىتاپتىكى مەشىق ، كۆنۈكمە ۋە مەشىق قوللانمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
7)«قوش تىل» ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىدۇ. بۇنىڭدا «قوش تىل»بۇيچە تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى «قوش تىل»سىنىپلىرغا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم «قوش تىل» سىنىپلىرنىڭ دەرسىنى ئۆلچەم بۇيچە تەسىس قىلىش ، خەنزۇتىلى ئاساسى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئانا تىل ئەدەبىياتىدىن باشقا دەرسلەرنى خەنزۇتىلى بۇيچە ئۈتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۋاپىق تەڭشەپ،«قوش تىل»سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ مۇقۇملۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، «قوش تىل» سىنىپلىرىنى ماتىريال بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، «قوش تىل» ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۈتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
8)مەكتەپلەر  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش ،تەتقىقات ئىشلىرىغا ھەقىيقى كۈڭۈل بۆلۈپ ،ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بىرىلىدىغان سىياسى ئۈگۈنۈش ،كەسپى ئۈگۈنۈش  ۋە «قوش تىل» ئۈگۈنۈش ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ،مىللى ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈش ،خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇرتىلى ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ . «قوش تىل»ئۈگۈنۈش مەكتەپتە تەربىيەلەش ۋاقتىنىڭ 10سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئايدا بىر ،مەكتەپ ئىككى ئايدا بىر ئىمتىھان ئېلىپ ئۈگۈنۈش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈلىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىتەكلەش،تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرياللىرى بىلەن تەمىللەش،تەتقىقات ماقالىسى يېزىش ،تەتقىقات تىمىسى تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرلىدۇ. ئوقۇتۇش گۇرپىلىرنىڭ  مەخسۇس كەسپى ئۈگۈنۈش ۋاقتىنىڭ ھەپتىسىگە تۆت سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئۈستۈرۈشكە تىرشچانلىق كۆرستىلىدۇ.
9) ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى يوقۇرى كۈتۇرۈش ئۈچۈن رىقابەت سەھنىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،پەن باشلامچى ۋە ئوقۇتۇش ماھىرلىرنى تۇرغۇزۇپ ،تەتقىقات خاراكتىلىك پائالىيەتلەردە پەن باشلىرى ۋە ئوقۇتۇش ماھىرلىرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مەۋسۇمدا پەن باشلامچىلىرى ئۇچۇق دەرىسدىن كەم بولغاندا ئىككى سائەت ئۇرۇنلاشتۇرلۇپ، ئوقۇتۇش تەجىربىسى كېڭەيتىلىپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى ۋە ئوقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپۈتى ئۆستۈرلۈشكە تىرشچانلىق كۈرسىتىلىدۇ.مەكتەپلەر دەرس ئاڭلاش،باھالاش تۈزۈمى قىلىپلاشتۇرلىدۇ.شۇجى، مەكتەپ مۇدىرى (تارماق مەكتەپ مۇدىرى)نىڭ ھەر مەۋسۇمدىكى دەرسى ئاڭلاش ۋاقتى 30سائەت ،مۇئاۋىن مۇدىر، ئىلمى مۇدىرنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاقتى 35سائەت ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاقتى 40سائەت بۇلىدۇ .
10)تەجىرىبىخانا،قىرائەتخانا(كۈتۈپخانا)ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ رۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ،تەجىرىبىخانا،قىرائەتخانا(كۈتۈپخانا)ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرنى ئىشلىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ، تەجرىبە دەرسلىرى ۋە كۆرسەتمىلىك تەجرىبە دەرسلىرنىڭ ئىلمى ،ئۈنۈملۈك ئېلىپ بىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىنىدۇ . بىرىنچىدىن:مەكتەپلەر تەجىرىبىخانا،قىرائەتخانا(كۈتۈپخانا)ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرنى ئىشلىتىش ،ئاسىراش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، كىشى بېشىغىچە ئەمىللەشتۈرلىدۇ. ئىككىنچىدىن: ئىلمى بۈلۈم قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ ، ئوقۇتقۇچىلارۋە تەجىرىبخانا ، قىرائەتخانا، كۈتۈپخانا ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىنىپىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئۈچىنىچىدىن: تەجىرىبىخانا،قىرائەتخانا(كۈتۈپخانا)ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملارنى ئۆز ئىشىغا قۇيۇپ،ئۇلانىڭ رۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. مەكتەپلەر يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرنى ئاسىرشى ، بۇزۇلغان ھامان مەلۇم قىلىپ ، ئۈسكۈنلەرنىڭ نورمالنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھەپتىلىك چۇشۈرۇشكە تىگىشلىك دەرىسلىكلەرنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ ، يىللىقلار بۇيچە رەتلەپ ، ئوپتىڭ دىسكىغا كۆچۈرۈپ ئارخىپلاشتۇرىدۇ ، ئىلىمى بۆلۈم مەخسۇس يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش دەرس سىتكىسى تۈزۈپ ،ھەر بىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.
مۇساپىلىق ئۈسكۈنلىردىن پايدىلنىپ دەرس ئۆتۈش سائىتى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 16سائەت ، تارماق مەكتەپلەردە 12سائەت بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
11)ئىش ئۈنۈم مائاشىنى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ،جەريانى ،ئەمىلى نەتىجىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،مەكتەپنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ ھەركەتلەندۈرگەچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،ياخشى ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدىغان ،ياخشى ئىشلىمىگەنلەر ئاز ئالىدىغان ،ئىشلىمىگەنلەر ئالمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى ھەقىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.
12)ئەلاچى ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خىزمىتىى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ.مەكتىۋىمىزدە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش ،خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇلۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ،ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى يىلمۇ-يىل ئىشىشىغا كاپالەنتلىك قىلىنىدۇ.
يۇقارقى بىر قاتار خىزمەتلەر پىلانلىق ،ئۈنۈملۈك  تەدبىرلەر ئارقىلىق يولغا قۇيۇلۇپ ، پۈتۈن نىشاننى ئوقۇتۇش سۈپەتنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشكە قارتىپ ، مەكتىۋىمىزنىڭ بىلىم سۈپىتىنى %65گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.
6.يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش خىزمىتى
1) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى رەتلىك، پاكىزە ساقلاپ نۇرمالنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
2) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا تارقىتىلغان دەرىسلىك ماتىرياللىرىنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ ئوقۇتۇشقا پايدىلنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
3) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
4) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمىز.
5) رەھبەرلىك بەنزىدىكى ئەزالارنى ھەركەتلەندۇرۇپ ، قەرەلىك ھالدا مەكتەپلەرنىڭ ھەرساھە خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىمىز. مەخسۇس تەربىيلەنگەن لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالغانلارنى مەخسۇس يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل قىلىمىز. خالىغانچە ئالماشتۇرمايمىز.
6) ئۈسكۈنىلەرنى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەيمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز.
7) ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىمىز. ئەگەر پەۋقۇلادە ئەھۋال ئاستىدا بۇزۇلسا يۇقۇرغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ رىمۇنىتلاپ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
7.ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش بىخەتەرلىك،دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتلەردە:
1) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2) دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كەرەشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز.
بۇجەھەتتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مەسئۇليەتنى ئىنىق ئايرىپ كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
3) خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىشكە، جىدەل-ماجرا چىقىرىشقا قەتئى يول قويمايمىز. مەسىلە چىقارغۇچىلارنىڭ سىياسى،ئىختىسادى جەھەتتىن مەسئۇليەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز.
4) مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.قايسى ئورۇندىن، كىمدىن مەسىلە كۆرۈلسە شۇنىڭ مەسئۇليىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز ھەمدە 50يۈەندىن 100يۈەنگىچە مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى قۇيىمىز. كۆرۈلگەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
5) ئوت،سۇ، توك، قاتناش، ئوغىرلىق ھادىسلىرىدىن ساقىلنىش توغىرسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
6) 24  سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملىق خىزمەتلەر قاتاردا  چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.بىر كۈن جىبەرلكتە تۇرمىغۇچىلارغا 50يۈەندىن 100يۈەنگىچە مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى قۇيىمىز. خىزمەت باھالاشقا تەسىر قىلدۇرىمىز.
7)بۇ ماۋسۇمدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەر توغىرسىدا مەخسۇس مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرىمىز.

9.پىلانلىق تۇغۇت ئاياللار خىزمىتى جەھەتتە:
1)پىلانلىق تۇغۇت قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ تەشۋىق قىلىپ بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2) كۆرسەتكۈچ ئالماي تۇرۇپ ھامىلدار بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. خىلاپلىق قىلغان ئاياللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز. قانۇنسىز ھامىلدار بولغانلارنىڭ  ھامىلدار بولغان ئايدىن باشلاپ ھەر ئايلىقى ئۈچۈن 100يۈەندىن تۇتۇپ قالىمىز. خىزمەتتىن قالغان ۋاقتىنى سەۋەپسىز ئىشتىن قالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىز. تۇغۇت ۋاقتى توشقانلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا يىتەكلەيمىز.
3)ئاياللارنى تاق ئايدا زىيارەت، قوش ئايدا تەكشۈرتۈشكە سەپەرۋەر قىلىمىز. مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان تەدبىر قوللىنىمىز.
4)پىلاندىن سىرىت ۋە ئارتۇق پەرزەنىت يۈزى كۆرگۈچىلەر بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا يوللايمىز. ئىشتىن توختىتىمىز.
5)پىلانلىق تۇغۇت ئاياللار خىزمىتى جەھەتتە مەخسۇس مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
9.مەنىۋى مەدىنيەت، تۆتلەشتۈرۈش خىزمىتى جەھەتتە :
1) مەنىۋى- مەدىنيەت ،تۆتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2) پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتىنى ھەر ۋاقىت قانات يايدۇرىمىز.
3) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاكىزە، رەتلىك كىيىنىشىگە، چاچ-ساقاللىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالدۇرۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قلىمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلاردىن 50يۈەندىن مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى ئالىمىز.
4) باش مەكتەپنىڭ ناھىيە " ناھىيە دەرىجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن" دىگەن نامىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە" ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن" بۇلۇپ باھالىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
5) بۇ  ماۋسۇمدا مائارىپ ئىدارىسى يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ھەركەتلەندۇرۇش ئارقىلىق جەگە ، ھاجىغىل قاتارلىق مەكتەپلەنىڭ 614.6مىتىر كۇۋادىرات يول مەيدانىنى  قاتتىقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيمىز.شاختاشلام مەكتەپكە 450مىتىر ئەتىراپىدا ئۆلچەملىك ۋاسكىتبۇل مەيدانى ياسايمىز.
6) ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنى مەدىنيەتلىك، ئەدەپلىك بۇلۇشقا سۆز ھەركەتكە دىققەت قىلىشقا يىتەكلەيمىز.
7)لەمپە ،دىڭكۆل ،ھاجىغىل قاتارلىق مەكتەپلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك يىشىللاشقان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايمىز.
باشقا خىزمەتلەر جەھەتتە:
1).مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، كەم ئەسلەھەلەرنى تۇلۇقلاپ بىرىمىز.
2).مەكتەپ يەرلىرىنى ئوبدان باشقۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ مەكتەپلەر شارائىتىنى ياخشىلايمىز.
3).ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالمايمىز.
4).مەكتەپ ھىساۋات ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ ھەرئايلىق ھىساۋات ئىشلىرىنى ئاشكارلايمىز. يىل ئاخىردا مەكتەپلەرنىڭ ھىساۋاتىنى ئالىمىز.
5).ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە مەسئۇليەتنامىدىكى تەلەپلەر بويىچە مەۋسۇم ئاخىردا خۇلاسە چىقىرىمىز.
6). ئىمتاھان ئېلىش ئىشلىرىنى مائارىپ ئىدارىسى بەلگىلىگەن كۈن  تەرتىپ بويىچە ئالىمىز. خۇلاسىلەپ مائارىپ ئىدارىسىغا يوللايمىز.
7).مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل مال-مۈلۈكلىرىنى، ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت ، ساقلىقنى ساقلاش سايمانلىرىنى، ياخشى باشقۇرۇپ بۇزۇلۇپ كىتىشنىڭ ئوغرىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، بۇ جەھەتتە قايسى مەكتەپتە مەسىلە كۈرۈلسە باشقۇرۇغۇچى خادىمدىن باھاسى بۇيىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
8). بۇ ماۋسۇمدا  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىشلق ئىسىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلق كۆرستىمىز، كونا مەشلەرنى ئالماشتۇرۇىمىز.
10).ئىچىملىك سۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز.
11)قۇرۇ تاملىرنى ئاسىراش،بۇزۇلغانلىرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتىپى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى


قۇشۇمچە: ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كونكىرىت ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى جەدىۋەلدە بىرىلدى.
ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كونكىرىت ۋاقىت ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى
رەت        ۋاقىت        ئىشلەيدىغان خىزمەت مەزمۇنلىرى        مەسئۇل ئىشخانا
1        8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27كۈنىگىچە        ئۇقۇش باشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئشلىندۇ، دەرس تەييارلىقى،كىتاپ تارقىتىلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
2        8-ئاينىڭ 30-كۈنى        رەسمى ئۇقۇش باشلىندۇ.        ئىلمى بۈلۈم
3        8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە        ئۇقۇتۇش كالىندار پىلانى تۈزۈپ تارقىتىلىدۇ،مەكتەپلەردە ھەقسىز دەرىسلىكلەرگە تامغا بېسىلىدۇ،مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللىرى ئىشلىنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
4        9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە        دەرس تەييارلىقىنىڭ ئىشلىنىشى ،كالىندار پىلاننىڭ كۈچۈرلۈش ،تاپشۇرۇق بىرپ ئۆرگەرتىش خىزمەتلەر تەكشۈرلىدۇ، ئۆلگۈلۈك مۇكاپاتلىق دەرس تەييارلاش پائالىيتى ئېلىپ بىرىلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
5        9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە        مەكتەپلەردىكى «قوش تىل»سىنىپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنى تاللاپ باشقا يېزىلاغا بېرىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا يىتەكلىنىدۇ ۋە مەكتىۋىمىزدە تەجرىبە كىڭەيتىلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
6        9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە        ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ 9-ئايلىق ئىمتاھان سۇئالى چىقىرلىدۇ.
ھەمدە مەكتەپلەر ئارا ۋالىبول ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
7        9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە        ھەرقايسى يىللىقلاردىن ئىمتاھان ئېلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمىغا دەم ئېلىنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
8        10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ 9-ئايلىق بىر ئايلىق خىزمەتلىرى تەكشۈرلىدۇ        ئىلمى بۈلۈم
نوقتا مەسئۇللىرى
9        10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە        قوش تىل تەييارلىق سىنىپلار بۇيچە كۆرەك پائالىيتى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
بۇنىڭدا قوش تىل تەييەرلىق سىنىپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىنىپ ئىچىدە دائىملىق ئادەت سۆزلىرىنى ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش سىنىپ مۇھىتى قاتارلىق ئەھۋاللار كۈرۈلىدۇ(6ياشلىقلار خەنزۇچە 5ياشلىقلار ئۇيغۇرچە)        ئىلمى بۈلۈم
10        10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە        ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغان ئۇقۇغۇچىلار مانىۋىر ئىمتىھانى ۋە باشقا پەنلەر بۇيچە زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
11        10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ باسقۇچلۇق ئىمتىھان سۇئاللىرى چىقىرىلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
12        11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە        ھەرقايسى يىللىقلاردىن ئىمتاھان ئېلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.
ناھىينىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
13        11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە         نوقتا مەسئۇللىرى ئۆز نوقتىسىغا بېرىپ خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ        نوقتا مۇدىرلىرى
14        11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ نۇرمال ئىشلىتىلىش ئەھۋاللىرى تەكشۈرلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
15        11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ 11-ئايلىق ئىمتىھان سۇئاللىرى چىقىرىلىدۇ
1-يىللىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئايرىم تەكشۈرلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
16        11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ 11-ئايلىق ئىمتىھانى ئېلىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
17        12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە        مەمۇرىيەتتىكى نوقتا رەھبەرلىرى تۆۋەنگە بىرىپ خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىندۇ.        ئىلمى بۈلۈم
18        12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە        شەرت تۈزۈپ مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرى تەكشۈرلىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
19        12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئاللىرى چىقىرىلىدۇ        ئىلمى بۈلۈم
20        12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە        مەكتەپلەرنىڭ ماۋسۇملۇق مۇكاپات جازا ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
21        1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە        ناھىنىڭ ماۋسۇملۇق ئىنتانىسى ئېلنىدۇ.        ئىلمى بۈلۈم
22        1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە        2011-2010 –ئۇقۇش يىلى 1- ماۋسۇملۇق ئىنتاھان خۇلاسە قىلنىدۇ . ھەر تۈرلۈك جەدىۋەللەر ئىشلەپ ئارخپلاشتۇرلىدۇ        ئىلمى بۈلۈم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
595 دانە
تۆھپە
614 سەر
شۆھرەت
710 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 19:17:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئىھتىياجلىق ياخشى ماتىرىيال ئىكەن. قۇشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان بولسىڭىز تېخمۇ ياخشى بۇلاركەن..

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6044 سەر
تىللا
4157 دانە
تۆھپە
4140 سەر
شۆھرەت
4603 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 21:33:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۇزۇپسىلەر كۆپ رەھمەت !ھە راسىت سىزدە پارتىيە ياچايكىسى شۇجىسنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزۈمى بارمۇ ؟

Rank: 2

قىزغىنلىق
110 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
71 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 20:04:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيال ئىكەن.ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
988 سەر
تىللا
266 دانە
تۆھپە
435 سەر
شۆھرەت
535 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بار يوللاپ بىرەي . لازىم بولسا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 13:07, Processed in 0.168510 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش