پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1058 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 2

خىيانەتچىنىڭ سوتلىنىشى (فېليەتون )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
78
قىزغىنلىق
723 سەر
تىللا
166 دانە
تۆھپە
329 سەر
شۆھرەت
366 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 23:45:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىييانەتچىنىڭ سوتلىنىشى
(فېليەتون)
ۋېن داۋ
سودىيە: ئىسمىڭ نېمە ؟
خىيانەتچى: ياۋ گېمىڭ
سودىيە: دېلو سادىر قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋەزىپەڭ نېمە ئىدى ؟
خىيانەتچى : مەلۇم شەھەرنىڭ باشلىقى .
سودىيە: بايان قىلىنغان جىنايىتىڭنىڭ پاكىتىغا قارىتا گېپىڭ بارمۇ ؟
خىيانەتچى : پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلىمەن .
سودىيە : يەنە باشقا سۆزۈڭ بارمۇ ؟
خىيانەتچى : بەزى پاكىتلارغا مەن قارشى .
سودىيە : ئېيتە .
خىيانەتچى : پاش قىلغۇچىلارنىڭ تۆھپىسى بولىدۇ . مەن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى بىلەن مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ خىيانەت قىلغان ، پارا ئالغانلىقنى ئۆزۈمنىڭ چېتىلىپ قېلىشدىن قورقماي ، پارتىيە ، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسىدە پاش قىلغان .......
سودىيە : پاش قىلىشتا شەخسىي ئاداۋىتىڭ يوقمۇ ؟
خىيانەتچى : يوق ، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى زىددىيەتكە ئۇزۇن بولغان ، داۋاملىق دەتالاش قىلاتتۇق ، ئۇ زورلۇق قىلاتتى ، بەك ئۆكتەم ئىدى ، ھەممە ئىشنى ئۆزەمنىڭ دېگىنچە قىلسام دەيتى . بىز تېخى بىر-بىرمىزگە سېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىشقان . خىيانەت قىلىش ، پارا ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا راسا بىر مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن .
سودىيە : دەلىل ئىسپاتلار تولۇق مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئورنى يوق .
خىيانەتچى : ھازىر جاھان شۇنداق بوپ كەتتى ، پارا ئالمايدىغانلار يوق ، پەقەت پارا ئېلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ خالاس . مەسىلەن : بەزىلەر ئاسارە ئەتىقە ، ھۆسنىخەت سوغا قىلىدۇ ، بەزىلەر بولسا ساھىپجاماللارنى سوغا قىلىدۇ ، ئادەم دېگەن ھېسسىياتلىق مەخلۇق ئەمەسمۇ ، مەن ئالغان پۇل –ماللار نىڭ ھەممىسى ئادىمىگەرچىلىك ئەلۋەتتە . مەن سودىيىدىن سوراپ باقاي : مەن دىن كۆپ خىيانەت قىلغان ، پارا ئالغانلارنى نېمىشقا تۇتمايسىلەر ؟
سودىيە : بىزنىڭ دېلو بېجىرىشتىكى پىرىنسىپىمىز : پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش .
خىيانەتچى : مەن دائىم : مەن مۇشۇ يەرلىك ، شەھەر باشلىقى بولغاچقا مۇشۇ جاي خەلقىغە مېھرىم چۇڭقۇر ، مەن خەلقنىڭ چاكىرى ، خەلقنىڭ ئوغلى ، دەيتىم .
سودىيە : ئەمەلىيەتتە قانداق قىلدىڭ ؟
خىيانەتچى : (لام -جىم )
سودىيە : سەن ئەڭ ئېچىنىشلىق دەپ ھېس قىلغان مەسىلە نېمە ؟
خىيانەتچى : رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ ئىتتىپاق بولىشى بەك مۇھىم . ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر ، بۇ جەھەتتە مەن ياخشى بىرتەرەپ قىلالمىدىم . ئەگەرچەندە بىز رەھبەرلىك كوللىكتىۋىدىكىلەر ئىتتىپاق بولۇپ ، ئۇيۇلتاشتەك بىرلەشكەن ، نىيىتىمىزنى بىر قىلىپ ، كۈچىمىزنى بىر قىلغان بولساق چاتاق چىقاتتىمۇ ؟
سودىيە : بۇ گېپىڭچە بولغاندا ، بۇنداق قىلىش كوللىكتىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش بولمامدۇ ؟
جىنايەتچى : ئاپلا ، سودىيە يولداش ، مېنىڭ سىزنى تەنقىدلىگىنىم ئەمەس ، كوللىكتىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېگەن نېمە گەپ ؟ بىزنىڭ بۇ كوللىكتىۋىمىز يەنىلا ساپ جۇمۇ ، چاتاق چىققان رەھبەرلىك كوللىكتىۋنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقى ياخشى بولمىغاچ ، بىربىرىنى غاجاش نەتىجىسىدە چاۋىسى چىتقا يېيىلدى ئەمەسمۇ ؟
سودىيە : ( لام -جىم )

جۇڭگو فېليەتونلار تورى دىن تەرجىمە قىلىندى .


Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1175 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
847 سەر
شۆھرەت
850 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 13:40:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىكەن خيانەتنىڭ ئاقىۋىتى جىنايەت بۇلىدۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6044 سەر
تىللا
4157 دانە
تۆھپە
4140 سەر
شۆھرەت
4603 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 23:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەنغۇ كۆپ رەھمەت  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 19:44, Processed in 0.108622 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش