- تىزىملاتقان
- 2011-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 2134
- نادىر
- 0
- تېما
- 107
- يازما
- 193
  
- يوقلىما
- 78
قىزغىنلىق- 723 سەر
تىللا- 166 دانە
تۆھپە- 329 سەر
شۆھرەت- 366 سەر
   
| ئۈرۈمچى،مەركەز بۇ "باي"لىقى نېسىي، قىزلارنىڭ گىرىمسىز "ئاي"لىقى نېسىي، سۆزمەنگە "سەتەڭ" ھەم "ناينىقى" نېسىي، گاداينىڭ ئەتىۋار "تاي" لىقى نېسىي.
شەھەردە ئىشسىز كۆپ، دېمەك بورتچى كۆپ، سايىدا، دوقمۇشتا ماھىر كورتچى كۆپ، ئەتراپتا سالاچى، تىلماچ سورتچى كۆپ، تىلەمچى، مەجرۇھقا "ۋاي" لىقى نېسىي.
بۇ يەردە مال تولۇق، (تولىسى ساختا)، ئېلاننىڭ ئوبيېكتى زەيپانە، ئاختا، ھەممىگە تۇرمۇشقۇ، مەقسىتى ئاقچا، كارۋانغا تومۇزدا "چاي"لىقى نېسىي. 2 دوختۇرمۇ بىمارغا ئەكەل نەق دەيدۇ، نەق بولسا ئوكۇل ھەم دورا تەق دەيدۇ، مالىيە رەقىمى بۇنى ھەق دەيدۇ، "پەرىشتە" نىڭ "سېرىق ماي" لىقى نېسىي.
ئەمەلدار بىر ئىشنى بېجىرسە ئەگەر، سوزىدۇ ئات يىلدىن ئىت يىلغا قەدەر، نەتىجە ئىستىسەڭ سومكىلاپ نەق بەر، بولمىسا سۆزى "سۇ"، "قايمىقى" نېسىي.
بەزىدە بولىدۇ ئاينىڭ ئاخىرى، (بۇنىڭدىن قاچالماس ئىشچى- كادىرى)، دۇكاندار، ناۋاينىڭ چىقىپ بازىرى، چاي، تۇز شام، ناننىڭمۇ مايمىقى نېسىي.
مېھمانغا سېخىي بىز كەڭ داستىخان بار، تەرەپبال كېپ قالسا پەستە دۇكان بار، يازدۇرۇپ ئېلىشقا بىزدە ئىمكان بار، تاماكا، زاكۇسكا، ھارىقى نېسىي.
ئىدارە بەرمىدى قوشقان پۇلنىمۇ، ئاڭلىساق مېڭىپتۇ خېلى يولنىمۇ، ئويلاپ قوي كاتتىلار يېتىم- تۇلنىمۇ، يىل- ئايدا بىر تەگكەن "قۇيمىقى" نېسىي. 3 جاپادا تىرىشىپ ئۆتسە مەكتەپكە، ئاتىلار دېسە: ئۇھ، قوشتۇمغۇ سەپكە، شۇندىمۇ ئېپى ھېچ كېلەلمەي ئەپكە، "ئىشلەپ تۇر" دەر يېزا- ئايمىقى نېسىي.
بەزىلەر تاپىدۇ خىزمەت يول بىلەن، ئابرويى، نوپۇزى ياكى پۇل بىلەن، قالىدۇ بىر چەتتە گاداي گول بىلەن، ئۇلارنى بىر ئىشقا قويمىقى نېسىي.
بوغۇنلار مەكتەپكە پۇل، بەدەل دەيدۇ، ئوقۇساق ئىستىقبال بولار ھەل دەيدۇ، ئاتىلار: ئەپەندى بېرەر يەل دەيدۇ، ئوقۇساڭ خىزمەتكە سالمىقى نېسىي.
مەكتەپنى پۈتتۈرسە خىزمەت بولمىسا، چوڭلارمۇ "ئۆيلەن" دەپ سېنى زورلىسا، لايىقىڭ "ئۆي ئال" دەپ تېخى خورلىسا، خوتۇن ھەم بىنا ئۆي- جايلىقى نېسىي. 4 جەنۇبتا ئاي- ئايلاپ مائاش يوق ئىكەن، مائاش يوق، نە نان يوق، نە ئاش يوق ئىكەن، كادىرمۇ بەزى ئاچ، بەزى توق ئىكەن، دەم ئالماي ئىشلەپمۇ ئايلىقى نېسىي.
مۇئەللىم مەكتەپكە يىغاركەن بالا، توشمىسا سىنىپى، نومۇرى چالا، "ساپا" مۇ، "مەجبۇر"مۇ بىلمىدىم ئاللا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بايلىقى نېسىي.
دېھقانغا ھاشار كۆپ، جەرىمانە كۆپ، "خىزمەتنى تەكشۈرەر" باي "دىۋانە" كۆپ، ھاكىمنىڭ سۆزىدە زەر- دۇردانە كۆپ، ئاخىرى مول- ھوسۇل ئالمىقى نېسىي. **** ھە، شۇنداق، تۇرمۇشتا نەق- نېسىي تولا، ھاجەتمەن، دەردمەنگە مەرد- سېخىي تولا، مىسراغا پۈتمىگەن گەپ تېخى تولا، ھەممىنى يازساقمۇ باسمىقى نېسىي.
|
|