پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 0

ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
93
قىزغىنلىق
1351 سەر
تىللا
469 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
1039 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى



دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، ئوقۇغۇچى ئۆگەنگۈچى، ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكۈچى، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا، دەرس ياخشى ئۆزلەشمەيلا قالماي، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، ئوقۇغۇچىلار شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەيدىغان، ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىدىغان، ھەتتا دەرسكە قاتناشمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم:

1. بىرەر ئوقۇغۇچى بىلىپ – بىلمەي ئازدۇر – كۆپتۇر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، ئىشنىڭ ئۇجۇر – بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىنى بىزار قىلماي، خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىشى لازىم.
2. ئوقۇتقۇچى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى زىيادە ھاقارەتلىمەي، ئىلمىي سۆزلەر بىلەن قايىل قىلىشى، ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى قاتارلىقلارنى ئېغىزغا ئالماسلىقى، ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
3. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى بىلەرمەن، ئەقىللىق چاغلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنمەنلىك قىلىدىغان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم.
4. ئوقۇتقۇچى ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆچلۈك قىلماسلىقى، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، غەمخورلۇق قىلىشى، كۆيۈنۈشى لازىم. دەرسنى ئەستايىدىل، ئەتراپلىق تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى لازىم.
5. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى يازماي، توغرا، ئىلمىي باھا سۆزىنى يېزىپ، ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.
6. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى، بىر تەرەپكە يان بېسىۋالماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى، جىسمانىي ئەمگەك جازاسى ئارقىلىق ئۇلارنى ئازابلىماسلىقى كېرەك. دەرسخانىغا ھاراق ئىچىپ كىرمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلار بار جايدا تاماكا چەكمەسلىكى، خىزمەتداشلار ئارا بولمىغۇر چاقچاق قىلماسلىقى لازىم.
7. ئوقۇتقۇچى كىيىم – كېچەكنى رەتسىز كىيمەسلىكى، ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال – بۇرۇت ئۆسۈك ھالدا دەرسخانىغا كىرمەسلىكى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي ئىشقا سالماسلىقى، ئاتا – ئانىلىرىدىن نەرسە – كېرەك ئۆتنە ئالماسلىقى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنى قوغداپ، قانۇن – ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ،ئاپتورى: ماينۇر نۇرئەخمەت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-23 19:30  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 01:54, Processed in 0.096866 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش