ئاياللار ھەر ئايدا يەپ بېرىشكە تېگىشلىك يىمەكلىكلەر
 1. گۈمبۈمەدەك(موگو): گۈمبۈمەدەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. دائىم يەپ بەرسىمۇ ئادەمنى سەمرىتىۋەتمەيدۇ. گۈمبۈمەدەكنىڭ تەركىۋىدە يەنە ناھايىتى مول بولغان ئۆسۈملۈك تالالىرى بار بۇلۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قان تەركىۋىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنC مىۋە ـچىۋىلەرنىڭ تەركىۋىدىكى ۋىتامىنC دىنمۇ كۆپ بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 2.پالەك: پالەكنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تېرىنى ياخشىلايدۇ، بەدەندىكى زەھەرنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا شىپا قىلىدۇ. پالەك تەركىۋىدە ھامىلدار ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ماددا بۇلۇپ، بۇ خىل ماددىنى تولۇقلاپ بەرسە غەيرى بوۋاق تۇغۇلۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى، بوۋاقنىڭ ئاق قان كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بۇلىدۇ. 3.شوخلا: راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىشتەينى ئاچىدۇ، روھى كەيپىياتنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، تېرىنى ئاقارتىدۇ. 4.شاكىلات: كەيپىياتنى يۇقۇرى ككتۈرىدۇ. شاكىلاتنىڭ تېنچلاندۇرۇش رولى بۇلۇپ، ئۇنىڭ تەمى چوڭ مىڭىدىكى خوشاللىق قوزغاش رايونى بىلەن ئۇچرىشىپ، كىشىنى خوشال قىلىدۇ. 5.تاتلىق ياڭيۇ: تالنى ئاسرايدۇ،ئىسسىقنى باسىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، يەلنى ھەيدەپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ. تاتلىق ياڭيۇ پارچىسىنى كۆزگە چاپلاپ بەرسە كۆز خالتىسىنى يوقۇتىدۇ. 6.پۇرچاق: ئۆسمە پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاياللاردە سۈت بېزى راكى ۋە بالىياتقۇ ئۆسمىسى پەيدا بۇلۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلىدىن ساقلايدۇ. قارا پۇرچاقنىڭ ئارتىرىيە يومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بۇلۇپلا قالماي، يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 7. تۇخۇم: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. تۇخۇم سېرىقى ۋىتامىن E نىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 8.ياڭاق: مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بىر تال ياڭاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بەش گىرام تۇخۇم ۋە توققۇز گىرام سۈت تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىسى بىلەن تەڭ. ياڭاقنىڭ تەركىۋىدىكى ئاقسىلدا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ماددا بۇلۇپ، چوڭ مېڭىگە ئىنتايىن پايدىلىق.

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى»
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 18:54
|