- تىزىملاتقان
- 2011-11-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 4648
- نادىر
- 3
- تېما
- 259
- يازما
- 499
  
- يوقلىما
- 94
قىزغىنلىق- 1391 سەر
تىللا- 477 دانە
تۆھپە- 875 سەر
شۆھرەت- 1071 سەر
       
| ئەر قىلىشقا يارىمايدىغان يىگىتلەر
 1.ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان يىگىتلەر. بۇنداق يىگىتلەر كىچىكىدىن تارتىپ، ئانىسىغا يۆلىنىپ ئۈگىنىپ قالغان بۇلۇپ، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ. 2.پوچى يىگىتلەر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئەمىلى ئىختىدارى بولمايدۇ، ئۆي تۇتۇش، ئائىلە باشلىقى بۇلۇش سەنئىتىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. 3.شەخسىيەتچى يىگىتلەر. بۇنداق يىگىتلەر سىزنىڭ نىمە بۇلۇشىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى تەييار بولسا، ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولسىلا بولدى. بۇنداق يىگىتلەر سىزنىڭ ھىسسىياتىڭىز بىلەن قىلچە ھىساپلاشمايدۇ. 4.كۆڭلى قارا يىگىتلەر. بۇنداق يىگىتلەر ھەرقانداق رەزىل ۋاستە قوللۇنىشتىن قەتئى نەزەر كۆزلىگىنىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ. 5.ھاراقكەش، قىمارۋاز يىگىتلەر. ئۆمرۈم خورىمىسۇن دىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى بۇنداق يىگىتلەردىن نېرى تۇرۇڭ. 6.ئۈجمە كۆڭۈل يىگىتلەر. بۇنداق يىگىتلەرنىڭ قوغلىشىش ئوبىكتى ئاساسەن چىرايلىق قىزلار بۇلۇپ، بىرىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە باشقا بىرىگە ئىنتىلىدۇ. 7.پۇل تېپىشنىلا بىلىپ، خەجلەشنى بىلمەيدىغان يىگىتلەر. جاپاغا چىداپ پۇل تېپىپ، ئائىلىسىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئەر بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىراق تېپىشنىلا بىلىپ، خەجلەشنى بىلمىگەن يىگىتلەر تويدىن كېيىن يا ئۆزى خەجلىمەي، ياكى خوتۇنىنى خەجلەتمەي چىڭگىزلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

مەنبە؛ «خوتەن گېزىتى»
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 14:00
|
|