- تىزىملاتقان
- 2012-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-2
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 61
- نادىر
- 0
- تېما
- 1
- يازما
- 10

- يوقلىما
- 5
قىزغىنلىق- 18 سەر
تىللا- 3 دانە
تۆھپە- 12 سەر
شۆھرەت- 12 سەر
| چېلېخور كۆلىدىكى ئۇيغۇر قەدىمكى قەلئەسى
چېلېخور كۆلى يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا، تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن چىگرالىنىدىغان جايىدىكى قوڭۇرتۇغ كەنتىنىڭ غەربىگە نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدۇ. چېلېخور كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئويمانچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلدە ئارال، ئارالدا قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىن قالغان پورباچېن قەلئەسى بار. رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قەلئە مىلادىيە 8 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياسالغانىكەن.
ھازىرغا قەدەر پورباچېن قەدىمكى قەلئەسى سىرلىق پەردىگە يوشۇرۇنۇپ كەلگەن. پورباچېن قەلئەسى ۋە چېلېخور كۆلى توغرىسىدا يەرلىك ئاھالە ئارىسىدا بىرمۇنچە رىۋايەت تارقىلىپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
بىرىنچى، ناھايىتى يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە، بۇ يەردە ھازىرقى چېلېخور كۆلى بولمىغان. بۇ جايدا بىر ئېلىكخان ياشىغان بولۇپ، بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاسمان - زېمىننى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان توپاننى ۋە ئۇنىڭ قەلئەسىنى غەرق قىلىۋېتىش خەتىرىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن – دە، شۇئان مۇلازىم – خىزمەتكارلىرىنى باشلاپ تاغ تەرەپكە قاچقان، خان يېقىنراق بىر تاغ چوققىسىغا چىقىپ، قەلئەنىڭ ئەتراپىنى بېسىپ كەتكەن سۇنى كۆرۈپ، كۆل تەرەپكە قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ: «چېلە – خور، چېلە- خور!» دەپ ۋارقىرىغان. «چېلە» موڭغۇلچە «بۇ يەر»؛ «خور» تۇۋاچە «كۆل» دېگەنلىك بولىدىكەن. گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، يەنى گېئولوگلار رەسەتخانىنىڭ ياردىمىدە، يىراقتىن تىزگىنلىنىپ تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق چېلېخور كۆلىنىڭ ئاستىدا بىر چوڭ يول بارلىقىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەن بىر ئاجايىبات – تە!
ئىككىنچى، قەدىمكى زاماندا بىر خان تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئوردىسىدا ياشايدىكەن. بىر كۈنى مۇلازىمى ئۇنىڭغا قۇدۇقتا بىر چوڭ بېلىق كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپتۇ. خان چىقىپ كۆرۈپ بېقىپ: «بۇ بېلىق ئەمەس، سازاڭ ئىكەن، مەن بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچمەيمەن» دەپتۇ. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى چۈشۈشىگىلا، قۇدۇقنىڭ سۈيى تېشىپ چىقىپتۇ. خان قورقۇپ كېتىپ، جېنىنى ئېلىپ قېچىپتۇ ۋە ئارقىسىغا قارىغىنىچە «چېلە – خور، چېلە – خور!» دەپ توۋلاپتۇ. قۇدۇق سۈيى ئەتراپتىكى زېمىننى بېسىىپ كۆل ھاسىل بوپتۇ. خاننىڭ قەلئەسى بار جاي ئارال بولۇپ قاپتۇ...
چېلېخور كۆلى ۋە پورباچېن قەدىمكى قەلئەسى توغرىسىدا رۇس تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە مۇنداق چۈشەنچىلەر بېرىلگەن:
چېلېخور كۆلىدىكى قەلئە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى مويۇنچۇر خاقان (مىلادىيە 747 – يىلىدىن 759 – يىللىرىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ بۇيرۇقى بويىچە 8 – ئەسىردە ياسالغان. قەلئەنىڭ قورۇق تېمىنىڭ ئىگىزلىكى 10 مېتىرغا يېتىدۇ. قەلئەنىڭ مەركىزى ئېگىز تۆپىلىك سۇپا ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ تۇرالغۇسى قىلىنغان. قەلئەنى قۇرغۇچىلار نەچچە مىڭ توننا نەم توپا ۋە خىش يۆتكەپ كەلگەن. پورباچېن قەلئەسىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەگرى شەكىللىك چوڭ قورۇ ئىچىگە مۇكەممەل مەخپىي ئوردا جايلاشتۇرۇلغان. ئۇ بۇددا دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ ماندۇراچىن قەسىرلىرىگە ئاجايىپ ئوخشايدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا، ھىمىرچىك دەريا جىلغىسىغا بىر مۇنچە قەلئەلەر ياسالغان بولۇپ، سانى 17 گە يېتىدۇ. لېكىن، پورباچېن قەلئەسىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى سوغدى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنداق بولۇشىدا، جۇڭگودىن كەلگەن سوغدىلار قەلئە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوغدىلار شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن سودا - سېتىق قىلىشىپ تۇراتتى. ھازىر كىشىلەر بۇ قەلئەنى يازلىق ئوردا دىيىشمەكتە، چۈنكى بۇ يەردە ھەر خىل ياۋايى ھايۋان، بېلىقلار بولۇپ، دۈشمەنلەر باستۇرۇپ بارالمايدىغان جاي. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قارا بالغاسۇن ياكى ئوردۇبالىق دەپ ئاتىلىدىغان پايتەختى بولغان. ھازىر بۇ ئىككى جاينىڭ خارابىسى موڭغۇلىيەدە بولۇپ، پورباچېن بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى كۈنلۈك يول يىراقلىقتا. د. ئا. كېلىمېنتىسىي 1891 – يىلىدىن ئېتىبارەن، قارا بالغاسۇننى تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندا، پورباچېن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختىنى ناھايىتى ئىنىچكىلىك بىلەن دوراپ ياسالغانلىقىنى بايقىغان. ھەر تەرەپتىن قارىغاندا، قەلئەنى قۇرۇشقا ئەتراپتىكى خەندەكلەردىن توپا ئېلىنغان. كېيىنچە بۇ خەندەكلەر جىلغا بولۇپ كەتكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆل بارغانسېرى چوڭايغان دېيىشىگە قارىغاندا، قەدىمكى چاغلاردىكى جىلغىدا بىر نەچچە كىچىك كۆل بولغان بولسا، قەلئەنى قۇرغۇچىلار بۇ كىچىك كۆللەرنى سۈنئىي يوسۇندا بىرلەشتۈرۋەتكەن بولسا كېرەك. كېيىنكى رىۋايەتلەر موڭغۇللار دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولسا كېرەك. ھالبۇكى، بۇ سىرلىق پەردىلەر چېلېخور كۆلى جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىزنالار ۋە يېزىقلار تېپىلغاندىن كېيىن ئېچىلىشى مۇمكىن.
مەنبە :تەۋپىق تورى
|
|