- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2961
- نادىر
- 3
- تېما
- 177
- يازما
- 278
 
- يوقلىما
- 71
قىزغىنلىق- 986 سەر
تىللا- 262 دانە
تۆھپە- 434 سەر
شۆھرەت- 533 سەر
   
| ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۈز سىزىققا ئوخشاتقىم كەلدى. چۈنكى پەقەت تۈز نەرسىلەردە ئاسان ئىگىلىدىغان خۇسۇسىيەت مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى تۈز سىزىق ئەڭ قىسقا بولىدۇ. بەلكىم ئارلىقىمىز بەك يىقىن بولغاچ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە سۈركىلىش يۈز بەردىمىكىن دەپ ئويلايمەن. سەنمۇ بىلەرسەن بەلكىم ،پەقەت ئەڭ يىقىن شەيئىلەردىلا سوقولۇش ، سۈركۈلۈش ھادىسىسى كۆپ يۈز بىرىدۇ. گۈزەللىك ئەڭ يوشۇرۇن نەرسىلەرگە يوشۇرۇنغان. چىنلىق ئەڭ تەبىئىي نەرسىلەرگە مۇجەسسەملەنگەن. بىر ئادەمنىڭ بىشىدا قانچە كۆپ ئەگرى توقايلىق بولغانسىرى ئۇنىڭ نەرسىلەرگە بولغان قەدىرلەش تۇيغۇسى شۇنچە ئىشىپ بارىدۇ. تۈپتۈز بولغان مەنزىل كىشىدە نىشانغا بولغان قىزىقىشىنى سۇسلىتىۋىتىدۇ. شۇڭا دەيمەن: سۆيگۈنىڭلار بىلەن بولغان ئارلىقىڭلار بەكمۇ يىقىن بولۇپ كەتمىسۇن، نەدىمۇ مەنزىلگە بەدەل تۆلىمەي يىتەلەيدىغان ئىش بولسۇن. قەدىرلىك نەرسلەر شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىرلىككى ئۇنىڭغا بىز نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن. ئەمما بىر تەكشى لىنىيىدە تۇرۇش ئۈچۈنمۇ تەڭپۇڭلۇق ھەققىدە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ. مۇھەببەت مەڭگۈ تۈز سىزىق ئۈستىدە ئەمەس. گەرچە مەنزىل يىراق بولسىمۇ تۇرمۇش مۇساپىسىدە ئەشۇ ئەگرى توقاي يولدا مىڭىپ سىلەرگە ھەمدەم بولغان قەدىردان كىشىلەرگە قەلبىڭلاردىن مەڭگۈلۈك ئورۇن بىرىڭلار. ئەنە شۇندىلا ئارلىقىڭلار يىراق بولسىمۇ قەلبىڭلارغا ئەشۇ سۈيۈملۈك كىشىدىن باشقا ھىچكىم بىسىپ كىرەلمەيدۇ. ئەنە سىلەر شۇندىلا ئەڭ ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن چىقىپ كىتىدۇ دىگەن ئاتىلار سۆزىگە چىن پۈتىدىغان بولسىلەر. سىلەرگە بەخىت يار بولغاي!! مەنبە؛ قەلەم زەپەر
|
|