پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 6

خوتۇننىڭ باھاسى راسىتىنلا ئۆسۇپتۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
71
قىزغىنلىق
986 سەر
تىللا
262 دانە
تۆھپە
434 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 01:51:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇننىڭ باھاسى راسىتىنلا ئۆسۇپتۇ

      خۇددى ئابدۇكىرەم ئابلىز ئىيتقاندەك ;مۇئاش قاشتەك ئۆسسە ، مال باھاسى چاچتەكt ئۆسىۋاتقان بۇگۇنكىدەك كۇندە ، ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ باھاسىمۇ شىددەتt; بىلەن ئۆسىۋىتىپتۇ .مەنىۋىيەت دۇنياسى ئىچىدە ، قانداق يولدا مىڭىشنى بىلەلمەيۋاتقان ياش قىران يىگىتلىرىمىز ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەشۇقىغا ئىرىشىش مۇساپىلىرىدە ، قانداق دەسمايە كىتىشىدىن قەتئى نەزەر  خىلمۇخىل بەدەللەر ئەسناسىدا مۇراد مەقسەتلىرىگە يەتمەكتە . ھىچ بىر زامان ۋە ماكاندا ;مۇھەببەت;نى چەكلىگەن ئەمەس. چۇنكى مۇھەببەت ئىنسان ھۇجۇدىدىكى ئەڭ توغما بولغان قابىلىيەتتۇر. ھايا ئۇستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت -چەكسىزدۇر !
  يۇقارقى دەپ ئۆتكەن سۆز-ئىبارىلەر گەرچە تىما ماۋزۇسى بىلەن بىردەكلىكنى ھاسىل قىلالمىسىمۇ ، بىراق نىھايەتتە بۇ &;نىكاھ;تىن ئىبارەت ئاخىرقى مەنزىلگە سەۋەپ بولغۇچى ئامىل بولغاچقا قىستۇرۇپ ئۆتۇپ كىتىشنى ئۆزۇمنىڭ بۇرچى دەپ بىلدىم .ئەمدى گەپنىڭ مىغىزىغا كەلسەك ، مۇنبەردىكى ھەرساھە ، ھەركەسىپتىكى قىرىنداشلىرىمىز قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، مىنىڭ بۇ ئەرزىمەس تىمامنى كۆزدىن كەچۇرۇپ، جەمىئىتىمىزدە بىخلىنىۋاتقان بولمىغۇر قىلىقلارنى بىرلىكتە تونۇپ يەتسەك ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالساق، تىمامنى يىزىشنىڭ ئاساسى مەقسىتىمۇ ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ .

    مەن بۇ بىرقانچە ئاي مەزگىلدە ئانا يۇرتۇم بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە بىرىپ كەلدىم .يۇرت تەشنالىقىنى پەقەت يۇرتىنى سىغىنغانلارلا ھىس قىلالايدۇ .مەيلى كىم قانداق ئالىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر يۇرت ئۇنىڭ تۇنجى دەسسىگەن تۇپرىقىدۇر ! ئۇنىڭدىن تىنىش ۋە تاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .
  قەشقەرگە بىرىشىمگىلا بىزنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلار تۇشمۇتۇشتىن ئۆيىگە چاقىرىدى. بىركۇنى ئۆيۇمدە گىزىت كۆرۇپ ئولتۇرسام . خوشنا مەھەللىلىك بىر توغقىنىمىزنىڭ توي باغىقى كىردى .ئىچىپ قارىسام ، مەن خىلى چوڭ بىلىپ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان تاغام  بولۇپ چىقتى .تاغامنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى بولىدىغان شۇنى تالالىق قىلىشقا مۇۋەپپەق بوپتۇ.
  گەرچە رىستۇران دىگەن ب;ئىشرەتماكانى بىلەن زادىلا چىقىشالمىساممۇ ، تاغامنىڭ يۇزىنى قىلىپ  باردىم ، بىر ئۇستەلگە جايلىشىۋالغاندىن كىيىن ، يىنىمدىكى بىرەيلەن گەپ باشلاپ قالدى .
  _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سامامەت تۇرىۋاتاملا ؟
_ ئەلخەمدۇلىللا . سىلى ئۆزلىرى ؟ ؟ ؟
  _ ھە مەن تۇداخۇنكامنىڭ ئىنىسى بولىمەن .
_ سىلىنى ھىچ كۆرمەپتىكەنمەن ....
_ مەن ئۆزۇم ئۈرۈمچىدە بولغاچقا ، نۇرغۇن توغقانلىرىم مىنى تازا تونۇپ كەتمەيدۇ ، شۇڭا سىلىمۇ دەماللىققا تونىيالمىلا
_ سىلى ئۆزلىرىچۇ  ؟
_ مەن تۇداخۇننىڭ ئاغىنىسى ، يىقىن دىسىلە...
   شۇنىڭ بىلەن مىنىڭمۇ ئاغزىم قىچىشىپ، گەپ تەشتىم .
_ تۇداخۇنكام قانچىلىك تويلۇق پىچقاندۇ ؟
_ ئۇ ماڭا ئىككى كۇننىڭ ئالدىدا دىگەن بۇ گەپلەرنى ، قىزىنى بىلىلا xxx ئىدارىگە خىزمەتچە چىقتى . شۇڭا ئۇلارنىڭ كۇرسى ئۇستۇن . ئاڭلىسام ، قىزى لايىقنى مۇھەببەتلىشىپ تىپىپتىمىش . ئۇ يىگىتمۇ xxx ئىدارىنىڭ مالىيە بۆلىمىدە ئىشلەيدىكەن ،بەلكىم سىلى ئۇرۇمچىدە بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغانلا ، ھازىر مانا مۇشۇنداق;مۇئاش كارتىسى ;دىن چاقىرىق كەلگەنلەرنىڭ ئوقۇرى كارامەت ئۇستۇن . تويلۇق ئالدى كەينى بولۇپ، 100مىڭ يۇنگە بارىدىكەن . مەنمۇ ھەيران قالدىم . ئۇنىڭدىن باشقا سۇت ھەققى دەپ بىر "ھەق;لەرمۇ بارغۇ دەيمەن ....
   _100مىڭ يۇئەنمۇ ياكى ،10مىڭ يۇئەنمۇ خاتا دەپ قويمىغانلا ، نىمە ئۇ سۇت ھەققى دىگەن
  _ -  سورىدىم مەن تەئەججۇپ ئارلاش.
_  قارىغاندا ئۇ تەرەپتە يوق ئوخشايدۇ، سۇت ھەققى دىگەن ئاتا-ئانىسى قىزىنى 10نەچچە يىل باققان ئەجىرىنىڭ ھەققىكەن .
   توۋا خۇدايىم ، ئاتام زاماندىن باشلاپ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغاچمۇ ، قاققان قوزۇقتەك جايىمدا قىمىرلىماي بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدىم .بۇ كىشىمۇ مىنىڭ ھەيران قالغىنىمنى سىزىپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى .
    تويمۇ تۇگىدى . بىراق كۆڭلۇمدىكى يىشىلمەس تۇگۇنلەر، جاۋاپسىز سۇئاللار چىراغ يىنىدىكى پەرۋانىدەك ئۇچۇپ يۇرەتتى .مەيلى قانداقلا ئويلاي ، قايسى تەرەپتىن چۇشىنەي بۇ ئىنىقلا خاتا ، رىلىستىن چىققان داۋزاغلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . قىزلىرىمىزنىڭ قىممەتى ئەجىبا ئاشۇ قىزىل ۋاراق بىلەن ئۆلچىنەرمۇ   ؟
  بۇگۇنى بۇ قىلىقنى ئۇ قىلسا ، ئەتىسى بۇنىڭدىن ئۇ بەكرەك ئاشۇرۇپ قىلىشى مۇمكىن .بوپتۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق "تۇگىمەس" پۇلى بار ئىكەن . بىراق بۇگۇنىگە تاپسا ئەتىسىگە يوق ، غورىگىل كىشىلىرىمىز ئۇچۇن ، بۇ بىر غايەت زور بىسىم ، باش قىتىنچىلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ .ھىلىمۇ سۇيۇملۇك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق بولغان ۋاقىتتا ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ، بولغۇسى ئايالىغا بىرتال خورما، بىريۇتۇم زەمزەم تويلۇق مەھرى قىلغان .بىز ئۇلارنىڭ  ئالدىدا كىممىز  ؟ نىمىمىزگە شۇنداق يوغانچىلىق قىلىمىز  ؟ ياكى "جەننەت"نىڭ پاسپورتى قولىمىزغا تىگىپ بولغانمۇ   ؟
     كىشىنىڭ غەزەپ ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ .بىز ئۇيغۇرلار ئەمدى تىخى ھاللىق سەۋىيەگە يەتتۇق ياكى يىتىۋاتىمىز . تىخى تولۇق ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق يىنىمىز ئازراقلا تومپايسا ، ئىشتىنىمىزغا پاتماي ، يىنىمىزدىكى تىللا تەڭگىلەرنى سازايى قىلىشقا ئالدىراۋاتىمىز . شۇ قىزلىرىمىزنىڭ بەختى، ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئامىتى ئاللاھ تەرىپىدىن كىلىدۇ . ھەرگىزمۇ "تويلۇق"تىن ئەمەس .قىزىمىز بولسا ، چىرايىنى ياساپ، "تويلۇق"ئىلىشقا ئالدىرىساق ، ئوغۇللىرىمىز بولسا ، ئۆي جاي سىلىپ نام چىقىرىشقا ئۇرۇنساق ، ئەمسە ئۇلاردىكى ئىمان ھايا ۋە ئىرادىچۇ  ؟   ياكى ئۇنى كومپىيۇتىرىمىزغا ماتىرىيال قاچىلىغاندەك، باللىرىمىزنىڭ مىڭىسىنى ئىچىپ، توشقۇزۇپ قويامدۇق ؟
  قىزلىرىمىز ئويلىنىشى كىرەك . ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ پۇل-مال دۇنيا بىلەن ئەمەس ، ئىچكى دۇنياسىدىكى بىھىساپ خىسلەتلەر بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى تولۇقى بىلەن تونۇپ يىتىشى كىرەك . ئوغۇللارمۇ ھەم شۇنداق ، ئۇلار قىزلارنىڭ ئاللىقانداق چىرايى بىلەن ئەمەس ، ئىمانى ۋە گۇزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى مەڭگۇلۇك ھەمراھ قىلغاندىلا ، نىكاھ ئوقۇپ بولغاندىكى بۇ بىرجۇپلەرنىڭ بەختىنى ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بىلەن نۇرلاندۇرىدۇ .
   كىسىپ ئىيتالايمىزكى ، پۇل مالغا باغلانغان مۇھەببەت ۋە نىكاھ ھامان غۇلاپ چۇشىدۇ .چۇنكى ئۇنىڭدا كىبىرلىك خىمىرتۇرۇچ قىلىنغان . جىبرىئىل ئەلەيھىسالامغا ئۇستاز بولغان ئىبلىس نىمە ئۇچۇن ئەبەدىي دوزاخ ئەخلى سانالدى ؟ چۇنكى ئۇ كىبىرلىك قىلىپ، ئادەم ئەلەيھىسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى .
    مال دۇنياغا بىرىلىشتىن ، كىبىردىن يىراق تۇرايلى !


                                         مەنبەسى :ئىجادىيەت خاتىرەم

Rank: 4

قىزغىنلىق
319 سەر
تىللا
98 دانە
تۆھپە
241 سەر
شۆھرەت
236 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 15:46:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن دىگەن بىر ئادەم .
ئادەتتە ئادەمنىڭ باھاسىنى ھېچ نىمىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدۇ.
شۇڭا مەن دىمەكچى ئۆسكىنى «خوتۇننىڭ باھاسى»ئەمەس، بەلكى توينىڭ چىقىمى ئۆستى دىسەك ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:43:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆستى.بۇنى ھەرگىز خۇتۇن باھاسى ئۆستى دىسەك بولمايدۇ.ھازىر بازار باھاسىغا قارايدىغان بولساق ھەممە نەرسە شۇنداق قىممەت تۇرسا شۇنداق بولغاندىن ئالماقچى بولغان قىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىگە  يارىشا ئۇنىڭ لايىقىدا كىيىم ئالتۇن ئالمىسىڭىز بولمايدۇ.....ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان كىشىلەر بىلەن نىمە پەرقى بۇنى توغرا چۈشەنگەن ياخشى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6026 سەر
تىللا
4154 دانە
تۆھپە
4133 سەر
شۆھرەت
4595 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 22:17:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە نېمىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى !لېكىن تېلفۇن ھەققى ئۆسىمىدى جۇما

Rank: 2

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
12 سەر
شۆھرەت
12 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 01:15:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىلەر ھازىر مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسۇۋاتىدۇ      ھەي |  نىمە دىگۇلۇك بۇنىڭغا

Rank: 2

قىزغىنلىق
103 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
44 سەر
شۆھرەت
46 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 23:37:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھازىر بازار باھاسىغا قارايدىغان بولساق ھەممە نەرسە شۇنداق قىممەت تۇرسا شۇنداق بولغاندىن ئالماقچى بولغان قىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىگە  يارىشا ئۇنىڭ لايىقىدا كىيىم ئالتۇن ئالمىسىڭىز بولمايدۇ››
بۇ قىز سىزنىڭ قىزىڭىز ئەمەستۇ؟
ۋىجدان غۇرۇر، ئىمان بىلەن سۆزلىسەك بولامدىكىن دەيمەن.

Rank: 2

قىزغىنلىق
50 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 10:34:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزنىڭ ھۆرمىتى پۇل -مال بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئستۈن بولىدۇ. ئۇ پۇللارغا ھەرگىزمۇ ھۇرمەت سىتىۋالغىلى بولمايدۇ،پۇلغا ھۇرمەت سىتىۋالماقچى بولسىڭىز خاتالىشىپسىز سىز سىتىۋالغان ئۇنداق ساختا ھۆرمەتنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقىلار سىزنى قارىتىپ قويۇپ   سىزدىن سىتىپ ئېلىۋىلىشى مۇمكىن .شۇڭا يۇقىرقى قەۋەتتىكى تورداشنىڭ ‹‹ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆستى.بۇنى ھەرگىز خۇتۇن باھاسى ئۆستى دىسەك بولمايدۇ.ھازىر بازار باھاسىغا قارايدىغان بولساق ھەممە نەرسە شۇنداق قىممەت تۇرسا شۇنداق بولغاندىن ئالماقچى بولغان قىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىگە  يارىشا ئۇنىڭ لايىقىدا كىيىم ئالتۇن ئالمىسىڭىز بولمايدۇ.....››  دىگىنىڭىز توغرا  بولمىدى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 19:19, Processed in 0.111445 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش