- تىزىملاتقان
- 2011-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-28
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1009
- نادىر
- 1
- تېما
- 71
- يازما
- 108
  
قىزغىنلىق- 279 سەر
تىللا- 161 دانە
تۆھپە- 177 سەر
شۆھرەت- 222 سەر
| ئەڭ يېڭى بايقاش:«يەر شارى ئەسلىدە ئاي شارىنىڭ ئانىسى ئىكەن»

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى ، <<ئەرلەر مارىستىن كەلگەن، ئاياللار ۋېنېرادىن كەلگەن !>> ، نۆۋەتتە ،<< ئاپوللو>>دا ئېلىپ كېلىنگەن ئاي شارى تاش ئەۋرىشكىسىگە ئالاقىدار <<تۇغقانچىلىق تەكشۈرۈش>>كە ئاساسلانغاندا ، يەر شارى ئاي شارىنىڭ <<ئانىسى>> ئىكەن . ئۇزۇندىن بۇيان ، ئاسترونوملار ئاي شارىنىڭ ھاياتىنى ئىزچىل تۈردە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ، ئاپوللو ناملىق ئادەملىك كېمە ئاي شارى ۋەزىپىسىدە يىغىۋېلىنغان ئاي شارى تاش ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئاساسى ئاي شارىنىڭ كېلىپ چىقىش پەرزىنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇ ئاساسى نەزىرىيەدە كۆرسىتىلىشىچە ، مارىس چوڭلۇقىدىكى بىر ئەسلى سەييارە 4مىليارد 400مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارى بىلەن سوقۇلغان ،ئىككى سەييارە مۇجەسسەملىشىپ ، كىچىك بالىلار ئوينايدىغان سېرىق ۋە كۆك رەڭلىك پلەيدوخ رەڭلىك لاي ئويۇنىغا ئوخشاش ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر يېشىل شار جىسىمغا ئايلانغان . ئاي شارى ئېتلىپ چىققان ماددىدىن قۇيۇلۇپ پەيدا بولغان ، بۇ نەزىرىيە پلۇتوننىڭ ھەمراھىنىڭ پەيدا بولۇشىغىمۇ ماس كېلىدۇ . لىكىن ، ئەڭ يېقىندىكى ئاي شارى ، يەر شارى ۋە مېتېئورىبتىكى تىتان ئىلمىنتىغا بولغان سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە ، ، ئاي شارىدىكى ماددىلار پەقەت يەر شارىدىنلا كەلگەن . تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىكى، يەر شارى بولسا ئاي شارىنىڭ بىردىنبىر يالغۇز ئانىسى ! بۇ تەتقىقات ئامېرىكا چىكاگو ئۇنۋېرسىتىتىدىكى جاڭ جۈنجۈن بىلەن ھەمكار ئاپتورنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى نەشىر قىلىنغان <<تەبىئەت يەرشارى پەنلىرى>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان . ئەگەر ئاي شارى ئىككى سەييارىنىڭ سوقۇلىشىدىن پەيدا بولغان بولسا ، لوگىكىلىق نەزىرىيەدىن قارىغاندا ، بۇ سەييارىدە يېرىم يەر شارى ماددىلىرى ،يەنە يېرىم سوقۇلغان سەييارىنىڭ تەركىبى بولۇشى كېرەك . بۇ خىل تىتان ماددىسى ئادەتتىكى ئەھۋالدا ،ئاي شارى يېڭى پەيدا بولغان ۋاقىتتىكى ھور ھالىتىدە ئەمەس،بەلكى قاتتىق ھالەت ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ، تىتان ئىلمېنتى يەر شارى بىلەن باشقا پىلانىتنىڭ سوقۇلۇپ بىرلىشىشىدىن پەيدا بولمىغانلىقى مۇمكىن . تىتان ئىلمېنتى يېڭى پىلانىتنىڭ پارتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ، ئۇلاردا يىنىك دەرىجىدە خىمىيەلىك تەركىب پەرقى بار ، ھەمدە قۇياش سېستىمىسىدا زور مىقداردا مەۋجۇت . ئۇلار <<ئىزوتوپ پوچتا ماركىسى>>غا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ ، قۇياش سېستىمىسىنىڭ قايسى رايونىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئاي شارىدىكى تىتان ئىلمېنتى بىلەن يەر شارىنىڭ ئوخشاش ئىزوتوپ تەركىبى بار ئىكەن ، ھەمدە قۇياش سېستىمىسىدىكى ئۈچىنچى غەيرى سەييارىنىڭ ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پاكىت يوق ئىكەن . بۇ تىتان ئىلمېنتى ئانالىز نەتىجىسى ، بۇندىن بۇرۇنقى باشقا تەتقىقاتچىلار بايقىغان ئاي شارى بىلەن يەر شارى ئوخشاش ئوكسىگېن ئىزوتوپى بار دەپ قارالغان تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە . بۇ تەتقىقات نەتىجىسى سەييارە ئالىملىرىنى ئاي شارىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قايتا ئىزدەشكە باشلاشقا مەجبۇرى قىلدى . لىكىن ھازىرغىچە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىش نەزىريىسى تېخى يوق . بۇ تەتقىقات كىشىلەرنى بۇرۇنقى <<ئانا – بالا >> پەرىزىگە باغلاپ تەتقىق قىلىشقا مايىل قىلىدۇ . ئاي شارى بولسا يەر شارىنىڭ قوشۇمچە مەسھۇلاتى ،پەقەت يەر شارى زەربى كۈچكە ئۇچرىغاندا ، يەر شارىنىڭ بىر قىسىم ماسسىسىنى تىز سۈرئەتتە ئايلاندۇرغان ، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ بېرىپ پارچە ھالەتتىكى قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇ نەزىرىيەگە ئاساسلانغاندا ، يەر شارى ئەزەلدىنلا پلەيدوخ رەڭلىك لاي شار ئەمەس . يەنە بىر نەزىرىيە بولسا يەر شارى بىلەن باشقا تىتان ئىلمېنتى بولمىغان <<قارتوپى سەييارە>>سى سوقۇشۇشى ، بۇ غايەت زور چوڭ بولغان ئۇچقۇر قار توپىنىڭ نىمىشقا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلىقىنى ۋاستىلىك ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەر شارى بىلەن ئوخشاش تەركىپتىكى باشقا پىلانىتنىڭ بولۇشىمۇ ئىھتىمالغا ناھايىتى يىراق ، يەر شارىدا قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئالەم بوشلۇقىنى قاپلىغان ھەممە خىلدىكى ئالەم بوشلۇقى ماددىلىرى بار . ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا بولغان تونۇش تۇيغۇسى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، بۇ پىلانىتنىڭ سىرلىقلىقى ئاسترونومىيە كۆزەتكۈچىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ كەلمەكتە ، نۆۋەتتە ،ئنسانلار ئاي شارىدا مېڭىپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىنمۇ ، ئۇنىڭ سىرىنى تەلتۈكۈس ئېچىشقا ئامالسىز . مەنبە:http://www.xoh.cc/article/2012/0418/article_710.html |
|