پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئەڭ ياخشى ئېلان ئورنى
كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 5

ئېلان ھەققىدە ساتىرا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
198 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
111 سەر
شۆھرەت
135 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:16:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىڭشىسام ھەممە ئېلان،ساقلىقنى ئارمان قىلغۇدەك ،
ئەل-ئاۋامنىڭ خوشلۇقى ،بەختىنى نىشان قىلغۇدەك ،
ساختىسى راستىن تولا سۆزلىرى دەبدەبىلىك ،
ئاقىبەت ئالداپ يۈرۈپ  يانچۇقنى ۋەيران قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ تابلېتى بار ،رولى ئاجايىپ ئۆزگىچە ،
يېگۈچى بولماس كېسەل ئۇنى يېگەندىن ئۆلگۈچە،
ئۇ شىپالىق بولغۇسى تاكى زۇكامدىن- راكقىچە ،
ئۈچ داۋالاش باسقۇچى كېسەلنى سەرسان قىلغۇدەك .

بىرىدە باردۇر سوپۇن چاچنى قىلاركەن قاپقارا ،
چاچنى توم، تال-تال قىلىپ  ،باش تېرىنى قىلماس يارا ،   
ھەم يوقاتقاچقا  كېپەك  شۆھرەت تېپىپ ئالەم ئارا ،
تازغا سۇمبۇل  چاچ چىقىپ سايلىقنى بوستان قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ چىش پاستىسىدا يۇيساڭلا چىشلار پارقىراق ،
يوق بولارمىش ئەتىسى داغ ھەم يەنە  سسېسسىق پۇراق ،
چوتكىسى ئۇندىن ئېسىل سۈرگەنچە كىرىپ ئىشتىياق ،
ساپسېرىق توڭكاي چىشىڭنى ئۈنچە مارجان قىلغۇدەك .

بىرىدە بار ئىچ كىيىم كەيسەڭلا  بولغايسەن ئورۇق ،
بىرىنىڭ بار دورىسى سۈرسەڭلا يۈتكەي سەت قورۇق ،
داغ سېرەرنى ئىشلىتىپ ئەر ئالدىدا يۈزلەر  يورۇق ،
بۇ ئېلانلار سەتنى ئۇز ،مايماقنى جانان قىلغۇدەك .

بىرىدە گىرىم بويۇم ئاسرايدۇ يۈزنى تېرىنى ،
سۈركىسە قىز قىلغۇسى 70كە كىرگە قېرىنى ،
بىرلىرى ئەتتىر چېچىپ رام قىلدى خەقنىڭ ئېرىنى ،
ئەلنى جىق ئالداش ئۈچۈن ئەرتىسنى قالقان  قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ  كەندىر بىلەن  مەخسۇس توقۇلغان كۇسىرى ،
كەيسىڭىز تاپقاي شىپا بەل ئاغرىقى ،مەزى بېزى ،
بۇ كۇسار ئەر زاتىگە بەئەينى بەخىت يۇلتۇزى ،
بۆرىكىڭ يوق بولسىمۇ ئىشرەتتە پالۋان قىلغۇدەك ....

بىرى دەر سۆزلەر شېرىن چىققايكى يېسەڭ شاكىلات ،
بىرى دەر توغماسنىمۇ بىزلەر قىلارمىز ئىككى قات ،
بىرى دەر پۇل خەجلىسەڭ ئۆلگەنگە  بەرگەيمىز ھايات .
يۈزدە يۈز ھۆددە قىلىپ قەسەمنى ئوكيان قىلغۇدەك .

نەچچە مىڭ يىللىق رېتسىپتا ياساپتۇمىشلەر دورىنى ،
بىرنى ئالساڭ ئۈچى سوۋغا  كولاپ  قويۇشتى ئورىنى ،
بىز نادانلار گول بولۇپ ئۆرۈك ساناشتۇق غورىنى ،
ئالدىنىپ يۈرگەنچە بىز، كاززاپلار خەندان قىلغۇدەك .

تېگى پەس ئىپلاس ئېلانلار دەستىدىن خەستە  يۈرەك.
دورىدا ئىش پۈتسىتى  ،دوختۇرنى  قىلغاي كىم كېرەك ،
شۇڭىمۇ زورلاپ ساتارغا بولغۇلۇق قاتتىق سەگەك ،
مەقسىتىن يەتمەك ئۈچۈن ساپساقنى نىمجان قىلغۇدەك .
مەنبە:ئەلكۈيى تورى

ھەممىڭلارنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6053 سەر
تىللا
4161 دانە
تۆھپە
4147 سەر
شۆھرەت
4612 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:50:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئر ئىكەنغۇ بۇ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1769 سەر
تىللا
1096 دانە
تۆھپە
899 سەر
شۆھرەت
965 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 16:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ. ھازىر ھەممە يەرلەردە ئېلان قايناپ كېتىۋاتىدۇ دىسە، ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ...

Rank: 4

قىزغىنلىق
319 سەر
تىللا
98 دانە
تۆھپە
241 سەر
شۆھرەت
236 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 15:41:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا...ھا....بەكلا ياخشى يېزىلغان شېئىركەنغۇ بۇ !
رەخمەت سىزگە !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1180 سەر
تىللا
199 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
855 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 17:08:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپىسىز ئېلانمۇ چېغىدا بولغان ياخشى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
754 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
528 سەر
شۆھرەت
578 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 18:24:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.ئىلان دىگەننى دەششەت سۆكۈپتۇ .
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 05:39, Processed in 0.092375 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش