پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1049 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 1

ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن تەشۋىقات ماتىرىيالى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
71
قىزغىنلىق
980 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
429 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 01:48:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 2012-يىللىق ھەردەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى بەھرىمان بۇلىدىغان ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن تەشۋىقات ماتىرىيالى

دۆلىتىمىز توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان سوتسىيالىستىك دۆلەت.مائارىپنى دۇنياغا،كەلگۈسىگە،زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەت مائارىپ فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە تايىنىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىش،خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ، ئۈچۈن دۆلىتىمىزدىكى ھەربىر پۇقرا چۇقۇم توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشى لازىم.
دۆلىتىمىزنىڭ «مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى»نىڭ1-باپ 1-ماددىسىدا دۆلىتىمىز ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ،ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنى يولغا قۇيىدۇ.مەجبۇرى مائارىپ بولسا دۆلەت بىرتۇتاش يولغا قويغان بارلىق ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر چۇقۇم قۇبۇل قىلىدىغان،دۆلەت چۇقۇم كاپالەتلەندۈرىدىغان ئاممىغا پايدىلىق ئىشلاردىن بىرى دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
4-ماددىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدىكى ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسى،مىللىتى،تىل-يېزىقى،ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالى ۋە دىننى ئىتىقادىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر مەجبۇرى مائارىپتىن بەھرىمەن بۇلۇش ھۇقۇقى بۇلىدۇ،شۇنداقلا مەجبۇرى مائارىپنى ئۆتەشنى قۇبۇل قىلىش مەجبۇرىيتى بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
5-ماددىسدا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى ئىجرا قىلىپ،ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش،ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىشىگە ۋە مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيتى بۇلىدۇدەپ بەلگىلەنگەن.
2-باپ 11-ماددىسىدا ئادەتتە 6ياشقا توشقان بالىلارنى ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيلىرى مەكتەپكە ئاپىرىپ بىرىدۇ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملايدۇ،شارائىتى تۇلۇق بولمىغان ۋىلايەتلەردىكى بالىلارنىڭ ئۇقۇشقا كىرىشى 7ياشقا كىچىكتۈرۈلسە بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى ئاساسەن»نى تەكشۈرۈپ تاپشۇرىۋېلىش ئۆلچىمىدە ھەرقانداق جايدىكى ئۇقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇقۇش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى تەكشۈرۈپ ئىستاستىكا قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.يۇقۇرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار پەرزەنتلىرنى بىرگە ئېلىپ چىقسا بۇلىدۇ،لېكىن ئۇقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنى بىللە ئېلىپ سىرتقا چىقماقچى بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىغا  ئاساسەن ،بارغان جايدا پەرزەنتلىرنى شۇ بارغان جايدىكى مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇشى لازىم، باشقا تەۋەلىكتە مەجبۇرى مائارىپنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەريىلى ئۇقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ،باشقا تەۋەلىكتە ئۇقۇۋاتقانلىق ئىسپاتىنى ئەكىلىپ بەرسە بۇلىدۇ.
دۆلىتىمىز پۇقرالىرى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆتەش جەريانىدا دۆلەتنىڭ تۈۋەندىكىدەك ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.
1.باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى جەھەتتە:
باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرنىڭ دەرسلىك كىتاپ ماتىرىياللىرى ھەقسىز تارقىتىلىپ بىرىلگەندىن سىرت،ھەريىلى ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 500يۈەن ئۇمۇمى خىراجەت،ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئۇقۇغۇچىغا ھەريىلى 1000يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تۇلۇقلاپ بىرىلىدۇ(بۇ راسخۇت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىغا تارقىتىلمايدۇ،بىۋاستە مەكتەپكە چۈشۈرۈلۈپ،چىقىم قىلىنىدۇ).
2.تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى جەھەتتە:
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتاپ-ماتىرىياللىرى ھەقسىز تارقىتىپ بىرىلگەندىن سىرت،ھەريىلى ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 700يۈەندىن ئۇمۇمى ئىشلار خىراجىتى بىرىلىدۇ.ياتاقتا يېتىپ ئۇقۇيدىغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ھەريىلى ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 1250يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى تۇلۇقلاپ بىرىلىدۇ(بۇ راسخۇت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قۇلىغا تارقىتىلمايدۇ،بىۋاستە مەكتەپكە چۈشۈرۈلۈپ،چىقىم قىلىنىدۇ).
3.رايۇن ئىچى تۇلۇقسىز سىنىپلىرى :
ئاپتۇنۇم رايۇن ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 6000يۈەن ئۆلچىمىدە دائىملىق راسخۇت (ئۇقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك پۇلى،داۋالىنىش سۇغۇرتىسى،قاتناش راسخۇتى قاتارلىقلار)ئاجرىتىپ بىرىدۇ.يىتىشمىگەن قىسمىنى سىنىپ ئاچقان ئۇرۇن مالىيەدىن ھەل قىلىپ بىرىدۇ .
دۆلىتىمىز يەنە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،شىنجاڭنىڭ ھەرمىللەت ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش قەدىمىنى تېزلىتىپ،دۆلەتنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش،شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەپ،توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش،نامرات دىھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ،پەرزەنتلىرىنى ياخشى بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك بىر قاتار ئىتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.
1.ئىچكىرى رايۇنلاردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى جەھەتتە:
ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىلار ئۆلچەم بۇيىچە ھەربىر ئۇقۇغۇچى ھەر ئۇقۇش مەۋسۇمى ئۈچۈن 900يۈەن تاپشۇرىدۇ.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دەپ باھالانغان ئۇقۇغۇچىلار بولسا ،بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەرمەۋسۇمدا تاپشۇرىدىغان 900يۈەندىن 450يۈەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار دەپ باھالانغان ئۇقۇغۇچىلار بولسا بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان 900يۈەننىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش،تۇرمۇش راسخۇتى(تاماق پۇلى،ئۇقۇتۇش ئەسلىھە پۇلى،مەكتەپ فورمىسى،تەتىللىك پائالىيەت،ئىسسىنىش پۇلى،ئۇمۇمى ئىشلار خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)ۋە داۋالىنىش قاتارلىق پۇللارنى سىنىپ ئاچقان شەھەر مالىيەدىن ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن 8000يۈەندىن ئاجرىتىپ بىرىدۇ،ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەدىن ھەبىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن ھەريىلى 2700يۈەن ئاجرىتىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش پۇلى ۋە بىرقىسىم ئۆگىنىش،تۇرمۇش،داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق راسخۇتلارنى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ.
2.رايۇن ئىچى تۇلۇق  ئوتتۇرا سىنىپلىرى جەھەتتە:
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش،تۇرمۇش راسىخۇتى(تاماق،ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،مەكتەپ فورمىسى،تەتىللىك پائالىيەت،ئىسسىنىش پۇلى،ئۇمۇمى ئىشلار خىراجىتى قاتارلىقلار)ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەدىن ھەربىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن ھەريىلى 7000يۈەن ئاجرىتىپ بىرىدۇ.
3.ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپى جەھەتتە:
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن،داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئۇقۇغۇچىلار قۇبۇل قىلىنىدۇ.تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇيدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا ھەرئايدا 150يۈەندىن يىلدا 1500يۈەن(قىشلىق تەتىل1ئاي،يازلىق تەتىل1ئايغا بىرىلمەيدۇ)تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
4.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مائارىپ جەھەتتە:
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن،كەسپ ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ئۇقۇغۇچىلار قۇبۇل قىلىنىدۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىلاردىن بىردەك ئۇقۇش پۇلى،ياتاق پۇلى،كىتاپ-ماتىرىيال پۇلى ئېلىنمايدۇ.ھەرئايدا 150يۈەندىن يىلدا 1500يۈەن(قىشلىق تەتىل1ئاي،يازلىق تەتىل1ئايغا بىرىلمەيدۇ)تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ.
5.ئىچكىرى رايۇنلاردىكى تېخنىكۇم مەكتەپلىرى :
ئىچكىرى رايۇنلاردىكى تېخنىكۇم مەكتەپلىرىگە قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.ھەربىر ئۇقۇغۇچىنىڭ بىر يىلىغا 5000يۈەن ئۆلچىمىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن (تۇرمۇش،ياتاق،كىتاپ-ماتىرىيال، داۋالىنىش،پىراكتىكا ماتىرىيالى،پائالىيەت قاتارلىق) تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ.ھازىر ئىچكىرىدىكى تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان ئۆلكە شەھەرلەر تيەنجىن،شاڭخەي،لياۋنىڭ، شەندۇڭ،ئەنخۇي،جياڭسۇ،جېجياڭ،جياڭشى،گۇاڭدۇڭ قاتارلىق 9 ئۆلكە (شەھەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سىنىپ ئاچقان مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى بولۇپ،ئۇلار ئەڭ ياخشى كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان.
6.ئۈرۈمچى،سانجى رايۇنلىرىدىكى كەسپى تېخنىكۇم مەكتەپلىرى:
تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن،يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇش ئارزۇسى بار،تىنى ساغلام ئۇقۇغۇچىلار قۇبۇل قىلىنىدۇ.قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىلاردىن بىردەك ئۇقۇش پۇلى،كىتاپ-ماتىرىيال پۇلى،ياتاق پۇلى ئېلىنمايدۇ.ئايدا 150يۈەندىن يىلدا 1500يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئىرىشىدۇ.
ئىچكىرى رايۇنلاردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ۋە ئىچكىرى رايۇنلاردىكى تېخنىكۇم سىنىپلىرىغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش،تاماق،ياتاق،كىتاب، پراكتىكا ماتېرىيالى،داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم بېرىپ كىلىش قاتناش خىراجىتى قاتارلىق خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت كۆتۈرىدۇ ھەمدە ئىچكىرىدىكى تېخنىكوم سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى چوڭ كېسەلدىن قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىنىدۇ.تۇرمۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ،مۇسۇلمانچە ئاشخانا قۇرۇلىدۇ،ئاز سانلىق مىللەت ئاشپەزلىرى تەكلىپ قىلىنىپ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان تاماقلار ئېتىپ بېرىلىدۇ.ئىچكىرىدىكى تېخنىكوم سىنىپلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ تارماقلىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىن سىياسىي ساپاسى يۇقىرى،كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك،قوش تىللىق باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئىچكىرىدىكى كەسپىي سىنىپ مەكتەپلىرىدە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئەۋەتىپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماسلاشتۇرىدۇ.
بۇندىن باشقا يەنە ناھىيمىزدە «ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بىرىش فوندى» قۇرۇلغان بۇلۇپ،ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى «ئۇقۇش ياردەم پۇلى»ئىلتىماس قىلسا مائارىپ ئىدارىسى،مالىيە ئىدارىسى،خەلق ئىشلار ئىدارىسى،ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى،نامراتلارنى يۈلەش ئىشخانىسى،ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسى،مېيىپلار بىرلەشمسى،ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇرۇنلاردىن تەركىپ تاپقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كىيىن شۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە مەكتەپنىڭ ئۇقۇش پۇلىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە مەكتەپكە كىرىش ئۇقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەپ،نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق مەكتەپكە كىرىشىگە ياردەم بىرىدۇ.ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇقۇشقا كىرگەن مەكتەپتە دۆلەت ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشقا تۇنۇشتۇرىلىدۇ(نىشانلىق تەربىيلەنگەن،ھاۋالە بۇيىچە تەربىيلەنگەن ۋە مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان ئۇقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا).ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىشتا ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلىش سوممىسى ھەر ئۇقۇش يېلىدا 6000يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغاندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇندىكى چەت جاپالىق رايۇنلاردىكى ئاساسى قاتلامغا ئىشقا ئۇرۇنلىشىپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلسا ئۇلارنىڭ ئۇقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئۇقۇش قەرز ياردەم پۇلىنى ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەدىن ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بىرىدۇ.دۆلەت ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشتا ئۇقۇش قەرز ياردەم پۇلى ئالغان ئۇقۇغۇچى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئالتە يىل ئىچىدە تۆلەپ بۇلىشى كىرەك.ئۇقۇش قەرز ياردەم پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشتا ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇش مەزگىلىدىكى قەرز پۇل ئۆسىمىنى ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەسىدىن كۆتىرىۋېتىدۇ،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئۆسۈمىنى ئۇقۇغۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىر بۇلۇپ،دۆلەتنىڭ ئۇقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىنمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئىمكانىيىتى يوق ئۇقۇغۇچىلارنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ مەكتەپكە كىرىش ياردەم پۇلى بەرگەندىن باشقا ھەرئۇقۇش يىلى 1000يۈەندىن ئۇقۇش ياردەم پۇلى بىرىدۇ.
ئۇندىن باشقا دۆلەت ئوتتۇرا تېخنىكۇم ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇقۇتقۇچىلىق،ئۇقۇشتىن ئىلگىرىكى «قوشتىل»مائارىپى ۋە ھەرخىل مەمۇرىلىق ئىمتىھانلىرىنى تەسسىس قىلىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە،يەنە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللاپ بىيجىڭدا ئۆز كەسپى بويىچە تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن شەرتلەر بويىچە تاللاپ چىقىلىپ ئۆز كەسپى بويىچە بىيجىڭدا تەربىيىلىنىدۇ،تەربىىيىلىنىش جەريانىدا ئوقۇش پۇلى،ياتاق پۇلى ئېلىنمايدۇ،بېرىپ كېلىش قاتناش ھەققىنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.تاماق جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئايلىق تاماق راسخۇدى ئۈچۈن 500يۈەن تولۇقلاپ بەرگەندىن سىرت،تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن يەنە 500يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدۇ.تەربىيىلەش تاماملانغاندىن كېيىن لاياقەتلىك بولغانلارنى دۆلەت بىرتۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
ياخشى پۇرسەت ھەمىشە كېلىۋەرمەيدۇ،غەلىبە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!
كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلۇپ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،ئەستايىدىل ئۆگىنىپ،ئىقتىساسلىقلاردىن بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6010 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4118 سەر
شۆھرەت
4579 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:49:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ تەشۋىق قىلىۋاتىمىز ھازىر بۇسىياسەتلەرنى كۆپ رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 11:21, Processed in 0.108429 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش