پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1041 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 3

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان سۆزى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
89
قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
595 دانە
تۆھپە
614 سەر
شۆھرەت
710 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 15:50:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەككىز ئېغىز يالغان سۆزى



1. ئەتىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگنىمەن .
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم ياتاقداشلىرى ياكى يېقىن دوستىغا“مەن ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم تىرشىپ ئوقۇيمەن “ دەپ قەسەملەرنى بىرىدۇ . بۇخىل ئەھۋال كۆپۈنچە مەۋسۇملۇق ئىتىھانغا بىر-ئىككى ھەپتە قالغاندا ياكى ئالدىنقى مەۋسۇمدا بىر نەچچە پەندىن ئۆتەلمەي تولۇقلاپ ئمتىھان بېرىش يېڭىلا ئاياغلاشقان چاغلاردا يۈز بېرىدۇ .
لېكىن ياخشى ئۆگنىش پەقەت ئۇلار بىلىپ -بىلمەي دەپ قويغان گېپى خالاس. ئۇلارنى كىتاپنى كۆتۈرۈپ سنىپقا كىردى دىسەكمۇ ئۇلار كىتاپنىڭ بىر نەچچە ۋارىقىنى ۋاراقلاپ قويۇپلا قولىغا تېلىفۇننى ئېلىپ QQ نى ئاچىدۇ ياكى بىرەر دوستىغا ئۇچۇردىن بىرەرنى يېزىپلا ھېلىقى ۋەدسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەدىسى پەقەت بىر قانچە كۈنلۈكلا بولىدۇ.

2. ئەمدى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىمايمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ناتۇنۇش ئەمەس. دەرىس ئۆگىنىش، ئۇيۇشما پائاليتىگە قاتنىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ تورخانىلاردا ئويناشنى خېلى كۆپ قىسىمدىكى ئوقۇغۇچىلار “ ئۆگىنىش بېسىمىنى يەڭگىللتىش ، كاللسىنى ئارام ئالدۇرۇش“دەپ قارايدۇ . ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى شۇنچە زورمۇ ؟؟
ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنى ئويناش كېرەك ، لېكىن بىكار ۋاقتى ۋاقتى چىققاندا مۇۋاپىق ئوينىسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ خۇمار بولۇپ قالماسلىق كېرەك.دەرستىن چۈشۈپلا ھەتتا دەرستىن قېچىپ ئويۇن ئويناشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.

3. ئەمدى ئالدىراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن.
نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھەببەتلىشىش 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا چۇقۇم لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدىغان دەرىسلىك . توغرا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياش، كونىلاردا “ چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە ، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر “ دېگەن گەپ بار . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىق باھارىدا مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھىس-تۇيغۇلىرى ۋە ئاچچىق ئازاپلىرىنى باشتىن كەچۈرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ، نۇرمال ئەھۋال . لېكىن بىر تۈپ دەرەخ ئۈچۈن چوڭ بىر ئورمانلىقتىن ۋاز كىچىش نادانلىق .
ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ، ئالىي مەكتەپلەردىكى“كېلىشكەن يىگىت“ۋە“ گۈزەل قىزلار“نىڭ “ قايمۇقتۇرىشى “ ياكى باشقا سەۋەپلەر تەرپىدىن بەزىلەرنىڭ خوشال كۈنلىرى ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن . بۇنداق چاغلاردا زەربىگە ئۇچرىغان تەرەپ ئازاپلانغان ھالدا “ ئەمدى ھەرگىز ئالدراپ مۇھەببەتلەشمەيمەن “ دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلىشى مۇمكىن . لېكىن بىر سەبى قىز ياكى كېلىشكەن يىگىت ئۇلارغا قايتىدىن “ ھاياتلىق “ ئاتا قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەسەملرى يەنە يوققا چىقىدۇ .

4. ئەمدى قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن .
ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى“يۇۋاشلاپ“ قالىدۇ. كۈندە يەيدىغىنى بىرەر ۋاخ تاماق ياكى بىر – ئىككى قاپ تەييار چۆپ . بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئېغزدىن “ كېلەر ئايدىن باشلاپ قالايمىقان پۇل خەجلىمەيمەن، مۇۋاپىق خەجىلەيمەن “ دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايسىز. بۇنداق چاغدا ئۇلارنى راستىنلا تىجەشلىك بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇمۇ ئۇلارنىڭ دەپ قويغان گېپى
يېنىدا پۇل ئاز قالغاندا ئاتا – ئانسىغا پۇلدىن ئېغىز ئاچالمىغانلىرى سىرتتىن خىزمەت تېپىپ ئىشلەيدۇ. بىر كۈن ئىشلەپ ئازغىنە پۇل تېپىپ كەلگەندە ئۇلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي “ پۇل تېپىشنىڭ نەقەدەر قيىلقىنى ، ئاتا-ئانامنىڭ قانداق قيىچلىقلارنى تارتقنىنى ئەمدى بىلدىم ، ئەمدى چوقۇم تىجەشلىك بولىمەن“ديىشىدۇ . لېكىن بۇنداق سۆزلرىنى ئسىدە تۇتالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، يۇقىرقىدەك ئەھۋال ھەر ئايدا تەكرارلنىپ تۇرىدۇ.

5. چۇقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
نۇرغۇن ئوغۇللار ئارىلاپ-ئارىلاپ توپ ئويناپ تۇرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ تورخانا ۋە باشقا جايدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ .
ئوغۇللار دائىم كەچتە ياتاقتا قورساق قاتلاش ۋە يەر بېغىرلاش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرماقچى بولىدۇ. بىرنچى كۈنى 15نى ، ئىككىنچى كۈنى 25نى ، ئۈچىنچى كۈنى 30نى …. لېكىن ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قارسىڭىز ئۇلار بىر كېچىدە يەر بېغىرلاشتىن ئاران بىرنى ئىشلەيدۇ. يەنى كەچتە كارۋىتىدا يەر بېغىرلاشنىڭ “تۈۋەنگە چۈشۈش “ ھەركتىنى تاماملىسا “ ئۈستىگە قوپۇش “ ھەركتىنى ئەتىسى ئويغانغاندا تاماملايدۇ.

6. چوقۇم ۋاقتىدا پايپاق يۇيىمەن.
پايپاق ۋە ئىچ كيىملرىنى يۇيماسلىق كېسىلى بەلكىم ئوغۇللارغا خاس ئورتاق كېسەللىك بولشى مۇمكىن . بۇ خىل ئەھۋال قىزلاردا ئانچە كۆرۈلمەيدۇ.
ئوغۇللار ئۆزى كيىپ سېستىۋەتكەن پايپاق-ئىچ كىيملرىدىن ئۆزى سەسكىنىپ يۇيۇش خوشياقماي كارۋتىنىڭ ئاستىغا ياكى ياتاقنىڭ باشقىلار ئاسانلىقچە بايقىمايدىغان بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويۇپلا يۈرۋىرىدۇ .
پەقەت ياتاق تەكشۈرگچىلەر بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئوڭايسىزلنىپ “ ئەمدى چوقۇم ۋاقتىدا يۇيىمەن“ديىشىدۇ . لېكىن ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ياتاقتا سېسىق پايپاقلار يەنە كۆپىيىپ قالىدۇ.

7. ئەمدى باشقىلارنىڭ چايدىنىدىكى چاينى ئوغۇرلۇقچە ئىچمەيمەن.
قىشتا ئۆچرەتتە تۇرۇپ قايناق سۇ ئېلىش خوشياقمىغانلار باشقىلار بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ چايدنىدىكى چاينى ئچۋېلشى ياكى يۈز-كۆزىنى يۇيۇشقا ئىشلتىۋېلىشتەك ئەھۋال ھەر قىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئېگىسى بايقاپ قالغاندا بولسا“ئاداش خاپا بولما ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلمايمەن“دەيدۇكى لېكىن سوغوقتا سىرتقا چىقىش خوشياقمىغاندا يەنە قلىدىغنىنى قىلىۋېرىدۇ.

8.ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن.
ئاي ئاخرىدا يېنىدا پۇل قالمىغان بەزى“ئاغىينىلەر“ سىز ئاشخانىغا تاماققا كىرگەندە“ئاداش، بۈگۈنپورتمالمنى ياتاقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خاتىرجەم بول، ئەتە سېنى ئۆزۈم مىھمان قلىمەن “ دەيدۇ. قاراڭ ئۇنىڭ “ نۇمۇس “ قىلىپ “ بۈگۈنكى تاماقنىڭ پۇلىنى سەن تۈلىۋەت “ دىيەلمگنىنى. بۇنداق چاغدا ياق دېگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن ئەتىسى سىز ئاشخانسدىن ئۇ “ دوستىڭىز “ نى ھەرگىز تاپالمايسز. ياكى “ دوستىڭىز“سىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرىدۇ. سىز يېنىغا بېرىپ ئېغىز ئاچالمايسىز.

(ئەسكەرتىش :بۇ خىل ئەھۋاللار ھەرقانداق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىداچۇقۇم بار دېگەنلىك ئەمەس ،لېكىن بۇ خىل ئەھۋاللار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىدا راستىنلا مەۋجۈت )

يازغۇچىسى : ھەزرەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مائارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 16:04  

Rank: 4

قىزغىنلىق
293 سەر
تىللا
296 دانە
تۆھپە
193 سەر
شۆھرەت
260 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 19:44:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز !بۇنىڭىدن كىيىن ھەرگىز قىمار ئوينىمايمەن دېگىنىمۇ بار دۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
231 سەر
تىللا
348 دانە
تۆھپە
176 سەر
شۆھرەت
177 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:51:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز! مەنمۇ بىر قانچىسىگە ئەمەل قىلىپ بولالمىغان...............................

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1167 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:29:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆڭلىدىكىنى بىلگەندەكلا يېزىپىسز ئېغىزدا باشقىلارغا بەرگەن ۋەدە ۋەدە ئەمەس بەلىكى كۆڭلىدە ئۆزىگە بەرگە ۋەدە ھەقىقى ۋەدە بۇلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 12:35, Processed in 0.103232 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش