پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 735|ئىنكاس: 10

مائۇس سىمى ئارقىلىق ئىككى كومپيۇتېرىنى تورلاشتۇرۇش ئۇسۇلى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
50
قىزغىنلىق
444 سەر
تىللا
394 دانە
تۆھپە
313 سەر
شۆھرەت
372 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 13:56:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مائۇس سىمى ئارقىلىق ئىككى كومپيۇتېرىنى تورلاشتۇرۇش ئۇسۇلى




     بىز ئادەتتە ئىككى كومپيۇتېرنى تورلاشتۇرغان ۋاقتىمىزدا كۆپىنچە تور سىمى ئارقىلىق تورلاشتۇرىمىز ، مائۇس  سىمى بىلەن تورلاشتۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى بار دەپ قارايمىز ،لىكىن بىزنىڭ ئىشخانىغا ئوخشاش ئىكى دانە كومپيۇتېر ۋە بىر دانە پىرىنتىر  بار، پەقەت بىر دانە كومپيۇتېر تورغا ئۇلاش ئىمكانىيىتى بار ئەھۋال ئاستىدا ھېچقانداق پۇل خەجلىمەي  پىرىنتىرنى ئورتاق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز  مەن دىگەن بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ.
ئالدى بىلەن بۇزۇق ئىككى دانە مائۇسنىڭ سىمىنى كىسىۋېلىپ ماس رەڭدىكى سىملارنى ئۆزئارا ئۇلاپ COM ئۇلاش سىمى تەييارلاپ ئىككى دانە كومپيۇتېرنىڭ مائۇس ئېغىزىغا چاتىمىز .
تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى تۈر ئىچىگە كىرىمىز .
بىرىنجى كومپيۇتېرنى تەڭشەش ئۇسۇلى
1.«توردىكى قوشنا  - خارەكتىر – يېڭىدىن بىر ئۇلىنىش قۇرۇش»  نى تاللاپ« كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
2.«يۇقرى دەرىجىلىك ئۇلىنىش لاھىيلەش» نى تاللاپ « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
3.«بىۋاستە باشقا كومپيۇتېرغا ئۇلاش دېگەنننى تاللاپ  « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
4.نۆۋەتتىكى چىققان كۆزنەكتىن« ئاساسىي كومپيۇتېر»نى تاللاپ« كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
5.بۇ تىزىمىلىكتىن سىم ئۇلانغان ئېغىزنىڭ شەكلىنى تاللاپ (يەنى بىز مائۇس سىمى ئارقىلىق تورلاشتۇرغاندىكىن COMنى تاللايمىز) « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
6.چىققان كۆزنەكتىن ئابۇنىت ھۇقۇقى بەلگىلەپ جەزملەشتۈرۈشسەك بولىدۇ .
ئىككىنجى كومپيۇتېرنى تەڭشەش ئۇسۇلى
1.«توردىكى قوشنا  - خارەكتىر – يېڭىدىن بىر ئۇلىنىش قۇرۇش»  نى تاللاپ« كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
2.«يۇقرى دەرىجىلىك ئۇلىنىش لاھىيلەش» نى تاللاپ « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
3.«بىۋاستە باشقا كومپيۇتېرغا ئۇلاش دېگەنننى تاللاپ  « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
4.نۆۋەتتىكى چىققان كۆزنەكتىن «زىيارەتچى كومپيۇتېر»نى تاللاپ« كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
5.بۇ تىزىملىككە زىيارەتچى ئىسمىنى تولدۇرىمىز.
6.بۇ تىزىمىلىكتىن سىم ئۇلانغان ئېغىزنىڭ شەكلىنى تاللاپ (يەنى بىز مائۇس سىمى ئارقىلىق تورلاشتۇرغاندىكىن COMنى تاللايمىز) « كىيىنكى قەدەم»نى چىكىمىز .
7.چىققان كۆزنەكتىن« جەزملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ .
بۇ مەشغۇلاتلار ئاخىرلاشقاندىن كىيىن تور قوشنىنى ئاچساق قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى كۈرۈنىدۇ .
ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئورتاق پايدىنماقچى بولغان پىرىنتىرنى «ئورتاق پايدىلىنىش »قىلىپ  تەڭشەپ قويساق بولىدۇ .
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باشقا قاتتىق دېتاللارنىمۇ ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدۇ ،يەنە بىر كومپيۇتېردىن يەنە بىر كومپيۇتېرغا ھۆججەت كۈچۈرۈشكىمۇ بولىدۇ .لىكىن سۈرئىتى سەل ئاستىراق بولىدۇ .

مەنبە: روھلان تورى

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
125 سەر
تىللا
174 دانە
تۆھپە
104 سەر
شۆھرەت
111 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-18 23:15:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئوسۇلكەن،رەخمەت سىزگە.
بايقاش تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.

Rank: 2

قىزغىنلىق
43 سەر
تىللا
92 دانە
تۆھپە
53 سەر
شۆھرەت
64 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 19:39:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئوسۇلكەن،رەخمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
60 سەر
تىللا
36 دانە
تۆھپە
47 سەر
شۆھرەت
57 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 18:47:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1141 سەر
تىللا
196 دانە
تۆھپە
818 سەر
شۆھرەت
821 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:23:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئۇسۇل ئىكەن رەھمەت سىزگە!!!!!!!!!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1314 سەر
تىللا
466 دانە
تۆھپە
848 سەر
شۆھرەت
1032 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 17:53:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن، سىناپ باقسام بولغۇدەك.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 1

قىزغىنلىق
9 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 18:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇمۇ ئىشمۇ؟ مۇشۇمۇ گەپمۇ؟ ئىككىتال مائۇسنى بۇزۇپ يۈرگىچە 2-3 مىتىر تور سىمى ئارقىلىق ئۆز ئارا تورلاشتۇرسىمۇ بولىدۇغۇ؟

Rank: 2

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
36 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 23:19:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن بىر يېڭىلىقكەن،ياخشى ئۇسۇلكەن ،مۇشۇنداق يېڭى تىخنىكىلارنى داۋاملىق يوللاپ ،ئۆزئارا بىلىم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشىڭىزنى ئۇمىد قىلمەن!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
173 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
124 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 13:19:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قوللىنىشچانلىقى ياخشى مەزمۇنكەن  .رەھمەت ،داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

Rank: 2

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
27 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 05:15:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ، قوللانساق بولغىدەك .
بۇ تىمىدا كېرەكسىز بولۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بار نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش تەجىرىبىسى سۆزلىنىپتۇ ، بىز ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ ،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادچان ، ئىجادچان، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى  يىتىلدۈرىشىمىز لازىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 01:22, Processed in 0.134448 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش