پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 1

ستالىن نېمىشقا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
43
قىزغىنلىق
308 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
22 سەر
شۆھرەت
31 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:30:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ستالىن  نېمىشقا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى؟
  سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ئادەتتە پويىزغا ئولتۇرىدىغانلىقى، ئايروپىلانغا ناھايىتى ئاز ئولتۇرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ستالىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا دائىم ئايروپىلان ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا شۇنداق قىلغانىكەن. ستالىن ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقارغان.
   ئايروپىلان كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر قانچە ئون يىلدا ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكى بەكلا ناچار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئايروپىلان ھادىسىلىرىنى تولا خەۋەر قىلغاچقا، دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ يېڭى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. 1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا خەلق ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئېچىلغاندىن كېيىن بېرلىنغا بېرىپ كېلىشىم ئىمزالىماقچى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى خالىمىغان. 1924-يىلى لېنىن موسكۋادا ۋاپات بولغاندا دۆلەتنىڭ 2-نومۇرلۇق ئەربابى تروتىسكى قارا دېڭىز بويىدىكى سۇخۇمىدا دەم ئېلىۋاتاتتى، ئۇ دەرھال موسكۋاغا قايتىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تېز قاتناش قورالى يەنىلا ئايروپىلان ئىدى، لېكىن ئۇ خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىماي، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن موسكۋاغا كەلگەن.
   شۇنداقتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىدىن شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار)نىڭ شىمالىي كاۋكاز چېگرا رايونىنىڭ شۇجىسى ئاناتاس ئىۋانوۋىچ مىكويان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى خالايتتى، بۇ ئاساسلىقى ئىنىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان، ئۇنىڭ ئىنىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساناقلىقلا قىرغۇچى ئايروپىلان لايىھىلىگۈچىسى ئىدى، ھەممىگە مەشھۇر «مىكويان» لايىھىلەش ئىدارىسىنى مىكوياننىڭ ئىنىسى قۇرغان. 1924-يىلى مىكويان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغان رايونلارنى كۆزدىن ككچۈرۈشكە بارغان. كۆزدىن كۆچۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يېسسېنتۇكىغا بېرىپ، شۇ يەردە دەم ئېلىۋاتقان سىياسىي بيۇرو  دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بۇخارىن بىلەن كۆرۈشكەن. مىكوياندىن ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ چوڭقۇر تەسىر ئالغان بۇخارىن شەخسەن ئۆزى بىر قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سىناپ كۆرمەكچى بولغان. بۇخارىن موسكۋاغا قايتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ستالىنغا ئېيتقان، ستالىن بۇنى ئاڭلاپ بەكلا كايىغان ھەم ئىشنى سىياسىي بيۇرونىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنغاب.
1924-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى بۇخارىن بىلەن نىكوياننىڭ ئايروپىلان بىلەن سەپەرگە چىقىشىنى چەكلىگەن، لېكىن بۇ قارار باشقا رەھبەرلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. شۇغىنىسى 1925-يىلى 3-ئايدىكى ئايروپىلان ھادىسىسىدە كاۋكاز رايونىنىڭ ئۈچ رەھبىرى قازا قىلغان. ستالىننىڭ تۈرتكىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشىۋېكلار)مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دۆلەتنىڭ بارلىق ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى قەتئىي چەكلەش قارارىنى چىقارغان.
     نىكويان ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇلغان
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ چاغلاردا ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، ھەمىشە ھادىسە يۈز بېرىپ تۇراتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىسى گرىموۋ  ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1930-يىلى يازدا سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان «9-ANT» تىپلىق ئايروپىلان سىناقلاردىن ئۆتمەي تۇرۇپلا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان. بىر كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بارانوۋنىڭ كاتىپى قوماندان بارانوۋنى «9-ANT» تىپلىق ئايروپىلاندا سۇچىغا ئاپىرىپ كېلىشىمنى ئۇقتۇردى. ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن بارانوۋ گېزىت كۆرۈۋېتىپ ئۇخلاپ قالدى. شۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئايروپىلان 300 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچسىمۇ ئازراقمۇ سىلكىنمىگەنىدى، ئايروپىلاننى 1500 مېتىر ئېگىزلىككە چىقاردىم، ئايروپىلاننىڭ مۇشۇ ئېگىزلىكتىكى مۇقىملىقىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى. بىرقانچە سائەتتىن كېيىن مەن سۇچى ئايرودرومىنى كۆردۇم، مۇشۇ ۋاقىتتا ئايروپىلاننىڭ ئۈچ ماتورى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالدا بىخەتەر رايوننى تاللاپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قونۇۋالدىم. لېكىن ھەممە كىشىنىڭ مەندەك تەلەيلىك بولۇشى ناتايىن. 1931-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى قىزىل ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى ۋىلادىمىر ترىئاندافېيلوۋ كوزىر ئۇچقۇچى رېبالىچۇك ھەيدىگەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇكرائىنانى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بارغان. ھاۋا تۇمانلىق بولغاچقا ئايروپىلان دەرەخكە سوقۇلۇپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ھەممە كىشى قازا قىلغان. بۇ ۋەقەدىن قاتتىق چۆچۈگەن ستالىن ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەشنى يەنە تەكىتلىگەب. مىكويان بۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان. 1933-يىلى 6-ئايدا بەزىلەرنىڭ ستالىنغا چېقىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى: «يولداش مىكويان سىياسىي بيۇرونىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنى چەكلەش قارارىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسۇن» دەپ قارار چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئويى كۆپۈككە ئايلانغان.  
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئايروپىلانغا ئاز ئولتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋىئاتسىيە سانائىتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. 1933-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم ھاۋا ئارمىيە بايرىمى ئۆتكۈزدى، شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ 22N تىپلىق ئايروپىلان ياساش زاۋۇتى يېڭى تىپتىكى نەچچە يۈز ئايروپىلاننى كۆرگەزمە قىلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. لېكىن شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ بىرقانچە رەھبىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قىرىم يېرىم ئارىلىدىن ئۇچقاندا ھاۋا كىلىماتى سەۋەبلىك ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان، بۇ ۋەقە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى بىرقانچە سەرخىلدىن ئايرىغان.
   سۇچىدا دەم ئېلىۋاتقان ستالىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن موسكۋادا تۇرۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى(بولشېۋىكلار)نىڭ رەھبىرى كاگانوۋىچقا خەت يېزىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بولمىسا، دۆلەت سەرخىللىرىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش كېرەك، دېگەن. ستالىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى رەھبەرلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم قارار چىقارغان. لېكىن 1941-يىلى ۋەتەن ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ بۇيرۇق كۈچىنى يوقاتقان. ئەمما ستالىن بۇ بۇيرۇققا تاكى 1943-يىلىغىچە ئەمەل قىلغان، ستالىن 1943-يىلىغا كەلگەندە تېھران يىغىنىغا ئايروپىلاندا بارغان.
   لېكىن كېيىن يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى يەنە ئەندىشىگە سېلىپ قويغان. 1959-يىلى مىكويان  ئامېرىكىدىن ئايروپىلاندا موسكۋاغا قايتىۋېتىپ ئاتلانتىك ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئايروپىلاننىڭ تۆت ماتورىنىڭ ئىككىسى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان. 1964-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى  تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يوگۇسلاۋىيىگە ئايروپىلاندا ماڭغاندا ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي برېژنېۋمۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئافرىقىغا زىيارەتكە ماڭغاندا جېنىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەچكە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆپى ئايروپىلانغا كۆپ ئولتۇرماسلىققا ئادەتلەنگەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6026 سەر
تىللا
4154 دانە
تۆھپە
4133 سەر
شۆھرەت
4595 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:56:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە مۇنداق ئىكەندە!كۆپ رەھمەت بۇنىمۇ بىلىۋالدىم مانا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 19:28, Processed in 0.097187 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش