- تىزىملاتقان
- 2011-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 24869
- نادىر
- 50
- تېما
- 470
- يازما
- 1939
  
- يوقلىما
- 208
قىزغىنلىق- 6332 سەر
تىللا- 6629 دانە
تۆھپە- 3387 سەر
شۆھرەت- 3949 سەر
    
| Internetتا بىر خىل بىردىنبىر ئاممىباب ئادرىس شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ ، Internet قا ئۇلانغان ھەر بىر تور ۋە ھەر بىر ئاساسىي ئاپپارات ئۇچۇن بىردىن ئادرىس تەقسىملەپ بىرىلىدۇ. Internet نىڭ ئادرىسى IP ئادرىسى ۋە دائىرە نامى ئادرىستىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 1. IP ئادرىسى : TCP/IPكېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە IP ئادرىسى ئىككىلىك سېستىما ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ ،ھەر بىر IP ئادرىسنىىڭ ئۇزۇنلۇقى 32 Bitبولىدۇ. ئەمما تور كۆلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ،بەزىلىرىدە ئاساسىي ئاپپارات كۆپ ،بەزىلىرىدە ئاساسىي ئاپپارات ئاز بولۇش ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن TCP/IP كېلىشىمى IPئادرىسىنى ئۇچ تۇرگە ئايرىغان. A تۇرلۇك ، B تۇرلۇك ، Cتۇرلۇك ئادرىسلار . A تۇرلۇك ئادرىس ئالاھىدە تورلارغا ئىشلىتىلىپ ،16 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپپاراتنى سىغدۇرالايدۇ. B تۇرلۇك ئادرىس ئوتتۇرۇھال كۆلەمدىكى تورلاردا ئىشلىتىلىپ 60مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي ئاپاراتنى سىغدۇرالايدۇ. C تۇرلۇك ئادرىسلار كىچىك تىپتىكى تورلاردا ئىشلىتىلىپ ،پەقەت 256 ئاساسىي ئاپپاراتنىلا سىغدۇرالايدۇ. ئادرىسلارنى تۇرگە ئايرىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا A تۇرلۇك ئادرىسنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ پەقەت28ى بار. B تۇرلۇك ئادرىستىن 16مىڭدىن كۆپرەكى بار. C تۇرلۇك ئادرىس ئەڭ كۆپ بولۇپ 2مىليوندىن ئاشىدۇ. بىز بۇنىڭغا قاراپلا Aتۇرلۇك ئادرىس Bتۇرلۇك ياكى Cتۇرلۇك ئادرىستىن ئۇستۇن تۇرىدىكەن دەپ قارىساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچ خىل ئادرىس تەڭ دەرىجىلىك بولۇپ ،ھېچقانداق بىقىندىلىق مۇناسىۋېتى يوق. IP ئادرىسنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ،32 خانىنى تۆت بوغۇمغا ئايرىپ ،ھەر بىر بوغۇمنى ئونلۇق سېستىمىغا ئايلاندۇرۇپ ،ھەر بىر بوغۇمنى << . >> ئارقىلىق ئايرىپ تورۇپ ئوقۇيمىز . مەسىلەن : كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ IP ئادرىسى 11001010110001000100000011000110بولسا مۇنداق ساننى ئەستە تۇتۇش تەس، ئەستە ساقلاشقا قولايلىق بولۇش ئۇچۇن ،بۇ 32خانىلىق ساننى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلسەك ،ھەر بىر گۇرۇپپا 8خانىدىن بولىدۇ .ھەر بىر گۇرۇپپىنى ئونلۇق سىستېمىغاا ئايلاندۇرساق ،ئۇ چاغدا سىزنىڭ IP ئادرىسڭىز 202.196.64.198 بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: سىز ھەر ۋاقىت تورغا كىرگەن ئىكەنسىز..چۇقۇم تورنىڭ ئامانلىقىغا ،دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە بوي سۇنۇڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ، سىز تور پونكىتلىرىدا نېمە ئىش قىلىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملار سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلالايدۇ....شۇڭا قانۇنغا بوي سۇنۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى.......!!!! |
|