
ئىپپەت توغرىسىدا قىز-ئاياللارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ قەدىرلىك بېزەك--ئىپپەتتۇر.ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز،يالىڭاچ بىر گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئىپپىتىنى ساقلاشقا تىرىشمىغان ئاياللار ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولالماس. ئاچا-سىڭىللىرىم ! سىلەر ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە،ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت-ئىپپەتلىك بولۇشتۇر. ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ،بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھېسابلىنىدۇ.ئىپپەتسىز ئاياللار ھار قانچە بەدۆلەت بولسىمۇ،كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلۇر.بويۇنغا تاقىغان مارجانلار،باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر،مىليۇنلىغان پۇل-پۈچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس.ئىپپەت شۇنداق بىر بايلىقكى،ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى يوق! خوتۇن-قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا، پۇل-ماللىرىغا ئەمەس،بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن قۇۋانماق(سۆيۈنۈش)لىرى لازىمدۇر. ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئۈچۈن،ئۇنىڭ تەركىۋىگە كىرىدىغان ۋە ئاجرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشماق زۆرۈر. ھەكىملەرنىڭ يېزىشىچە ئىپپەتتە ئون بۆلۈك بار: ھايا،سەۋر،تىزگىنلەش، پاكلىق، قانائەت، ئېغىر-بېسىقلىق، ئوچۇق-يۈزلۈكلۈك،ئىخلاس،تەرتىپ ساخاۋەت.
مەنبە:"قىز-ئاياللار مەخپىيىتى"ناملىق كىتاپچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-19 16:19
|