پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 118|ئىنكاس: 6

قىززىق يۇمۇر،كۈلمىسىڭىز ئوقۇمايلا قۇيۇڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
18
قىزغىنلىق
178 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
149 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:38:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1
ئىككى كىشى پاراڭلىشىپ قاپتۇ،بىرسىنىڭ 5بالىسى بار ئىكەن،يەنەبىرسىنىڭ بالسى يوق لىكىن ئورمانلىققا قارايدىكەن.باللىرنىڭ دەردىدىن جىق زېركىپكەتكەن بىرى دەپتۇ:
-بالا باقماق ھەقىقەتەن بەك تەس
-سىز بۇنداق دېگەن بىلەن ئورمانلىققا قارىماقمۇ ئاسان ئەمەس
-سىز ئورمانلىققا قارىماق تەس دەۋاتىسىز،سىزنىڭ بىرەر تۈپ دەرىخىڭىز ھاراق ئېچىپ سىزگە ئىش تېرىپ بەردىمۇ؟
-ياق
-بىرە ر تۈپ دەرىخىڭىز قىممار ئويناپ ئەل ئالدىدا نامىڭىزنى بۇلغىدىمۇ؟
-ياق
-ئۇنداق بولسا سىز ئورمانلىققا قاراشنى تەس دېمەڭ.
-مېنىڭ گېپىمنىمۇ ئاڭلاپ قويۇڭ،سىزنىڭ بىرەر بالىڭىزنى ئېشەك غاجىلاپ باققانمۇ؟

2
سەئۇدى ئەرەبىستان مىسسىرۋە شىنجاڭدىكى ئۈچ مەسچىتنىڭ ئىمامى پاراڭلىشىپ قاپتۇ،سۆزلەپ-سۆزلەپ گەپنىڭ تېمىسى مەسچىتكە چۈشكەن پۇلنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشقا بېرىپ تاقىلىپتۇ.سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى دەپتۇ:
-مەن يەرگە چوڭ بىر چەمبەرسىزىپ، مەسچىتكە چۈشكەن پۇلنى  ئاسمانغا ئاتىمەن،چەمبەر ئىچىگە چۈشكەنلىرىنى مەسچىتكە،چەمبەرسىرتىغا چۈشكەنلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا  ئىشلىتىمەن.
ئارقىدىن مىسسىردىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى دەپتۇ:
-مەن مەسچىتكە چۈشكەن پۇلنى يەرگە بىر تۈز سىزىق سىزىپ،ئاسمانغا ئاتىمەن،شىمالغا چۈشكەنلىرىنى مەسچىتكە،جەنۇبقا چۈشكەنلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا ئىشلىتىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى دەپتۇ:
-مەن مەسچىتكە چۈشكەن پۇلنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتىمەن،يەرگە چۈشكەنلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا ،ئاسماندا قالغانلىرىنى مەسچىتكە ئىشلىتىمەن(جەمىيەت يۇمۇرلىرى)

3
ئۈچ ئەر كىشى  بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلىشىپ قاپتۇ،گەپنىڭ تېمىسى ئۆز ئاياللىرىغا بېرىپ تاقىلىپتۇ.
-مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتىدىن بىر دانە ئامبۇرنى بايقاپ قالدىم،ئۇنىڭ چۇقۇم رېمۇنىتچى بىلەن چاتىقى بار.
-مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتى ئاستىدىن بىر ياغاچ كېسىدىغان ھەرە دىن بىرنى بايقاپ قالدىم ،ئۇنىڭ چۇقۇم ياغاچچى بىلەن چاتىقى بار.
-مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتى ئاستىدىن بىر چەۋەندازنى بايقاپ قالدىم،ئۇنىڭ چۇقۇم ئات بىلەن چاتىقى بار.
(شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى) .

4
بىر توكىيۇدىن لوندونغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان ئىچىدە بىر ياش يىگىت يېنىدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياش بىر كىشىدىن سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
-مەن سىزگە سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى دەپ بەرسەم بولمايدۇ،چۈنكى ئەگەر مەن سىز گە سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى دەپ بەرسەم،سىز ماڭا "رەھمەت"دەيسىز،مەن سىزگە "ھېچقىسى يوق"دەيمەن،شۇنداق قىلىپ بىز قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىمىز،لوندۇنغا بارغاندىن كىيىن سىز مېنى رەھمەت يۈزسىدىن تاماققا تەكلىپ قىلىسىز،مەن تاماقنى يەپ بۇلۇپ سىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىمەن،شۇنداق قىلىپ سىز بىزنىڭ ئۆيگە بارىسىز،مەن ئايالىمغا تاماق ئىتىشنى بۇيرۇيمەن،بۇچاغدا سىز دېمەتلىك ياش قىزىم كىرىپ بىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ،سىز قىزىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا "سىزنى كۆرگەنلىكىمدىن بەك خوشالمەن"دەيسىز ،قىزىممۇ سىز گە شۇنداق دەيدۇ،شۇنداق قىلىپ سىلەر قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىسىلەر،تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن سىرتنى بىللە ئايلانغىلى چىقماقچى بولسىلەر،مەن ئىلاجىسىز قۇشۇلىمەن.كىيىن قېشىمغا توي قىلماقچى بولۇپ كېلىسىلەر،مەن  قىزىمنى ھەرگىز سىزدەك سائىتى يوق بىر ئادەمگە بېرىشنى خالىمايمەن.شۇڭا سىزگە سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى دەپ بەرمەيمەن.(تەرمىلەر ژورنىلى)

5
بىر تۈلكە دائىم توشقانچاقنى بوزەك قىلىدىكەن،"نېمىدەپ دوپپاڭنى كەيمىدىڭ"دەپلا ئۇرىدىكەن،بىركۈنى توشقانچاق ئاچچىغىغا چىدىيالماي يولۋاسقا ئەرز قىلىپ بېرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن يولۋاس تۈلكىنى قىچارتىپ كېلىپ ،توشقاننى چىقىرۋىتىپ،تۈلكىگە دەپتۇ،
-ۋاي ئاخماق،سەن دا ئىم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن توشقاننى بوزەك قىلساڭ ئۇ بىلىپ قالمامدۇ؟سەن ئەڭ ياخشىسى ئۇسۇلىڭنى ئۆزگەرتىپ باق،مەسلەن پۇل بىرىپ توشقاننى شىكەر ئەكىلىشكە بۇيرۇيسەن،ئاق شىكەر ئەكەلسە "نېمىدەپ قار شىكەر ئەكەلمىدىڭ" دەپ ئۇرىسەن،قار شىكەر ئەكەلسە "نېمىدەپ ئاق شىكەر ئەكەلمىدڭ "دەپ ئۇرىسەن،يەنە مەسلەن پۇل بېرىپ ھارا ق ئەكىلىشكە بۇيرۇيسەن،ئاق ھاراق ئەكەلسە "نېمىدەپ قىزىل ھاراق ئەكەلمىدڭ"دەپ ئۇرىسەن،قىزىل ھاراق ئەكەلسە "نېمىدەپ ئاق ھارا ق ئەكەلمىدڭ"دەپ ئۇرمامسەن،
بۇچاغدا توشقانچاق ئىشىك تۈۋىگە مۈكۈنىۋىلىپ ھەممىنى ئاڭلاپ قاپتۇ،دە تۇيدۇرماي قېچىپ كېتىپتۇ،ئەتىسى تۈلكە توشقاننى يەنە ئىزدەپ كەپتۇدە ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ شىكەر ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ،
-ماڭ بېرىپ شىكەر ئەكەل،
-ئاق شىكەر ئەكىلەمدىم ياكى قار شىكەرمۇ؟
-بولدىلا،ماڭ بېرىپ ھاراق ئەكەل،
ئاق ھاراق ئەكىلەمدىم ياكى قىزىل ھاراقمۇ؟
بۇ چاغدا تۈلكە ئاچچىغىغا چىدىماي "نېمىدەپ دوپپاڭنى كەيمەيسەن"دەپ توشقاننى قاتتىق ئۇرۇپتۇ،
(جەمىيەت يۇمۇرلىرى)

6
ئىككى كىشى بىر ۋېلسىپىتنى مىنىپ مېڭىپتۇ،ۋېلسىپىت مىنگۈچى بولسا ئەما ئىكەن،كەينىدە ئولتۇرغۇچى بولسا مېيىپ خەنزۇ يولداش ئىكەن،شۇڭا كەينىدە ئولتۇرغان كىشى مىنگۈچىگە يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن،شۇنداق قىلىپ بۇلار بىرلىكتە بىر ۋېلسىپىتنى مىنىپ ماڭىدىكەن،مېڭىپ مېڭىپ بىر ئازگالغا دۇچ كېلىپ قاپتۇ،كەينىدە ئولتۇرغان يولداش ئۆزىنى تۇتالماي"گوۋ گوۋ گوۋ(خەنزۇ تىلىدا ئازگال دېگەن مەنىدە)"دەپتۇ،بۇچاغدا ۋېلسىپىت مىنگەن ئادەم "ھالىي ھالىي ھالىي"دەپتۇ دە بۇلار ئازگالغا بىراقلا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.
(جەمىيەت يۇمۇرلىرى)






Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1180 سەر
تىللا
199 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
855 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق يۇمۇرلار ئىكەن .  ئەتتىگەندە روھىم كۈتۈرلۈپ قالدى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
95 سەر
شۆھرەت
94 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 22:52:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئىكەن ،يۇمۇر ئۇقۇپ كۈلمەيدىغان ئادەممۇ بۇلامدۇ .كەيپىياتىم ياخشىلىنىپ قالدى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
683 سەر
تىللا
324 دانە
تۆھپە
464 سەر
شۆھرەت
567 سەر

مائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:05:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق ئىكەنغۇ كۆپ رەھمەت كۈلكە ئاتاقىلىغىنىڭىزغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
683 سەر
تىللا
324 دانە
تۆھپە
464 سەر
شۆھرەت
567 سەر

مائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 20:06:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىقارلىق ئىكەنغۇ كۆپ رەھمەت كۈلكە ئاتاقىلىغىنىڭىزغا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
169 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
106 سەر
شۆھرەت
104 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:25:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە ئۆمۈرنىڭ دورىسى دەپتىكەن .ئۇ كىشىگە روھىي ئۇزۇق ئاتا قىلىپ كىشىگە غەيرەت ۋە جاسارەت
ئاتا قىلىدۇ . بولسا ھەممەيلەننىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولسۇن تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
293 سەر
شۆھرەت
317 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 08:46:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلقىپ كومپىيوتىرغا ئۇسسىۋالدىم دىسە.....
يامغۇر ياغماقتا،بالىلار بايرىمىنى قانداقمۇ ئۆتكۇزەرمىز؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 07:50, Processed in 0.100553 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش