پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 54|ئىنكاس: 3

مىكرو بلوگلار نېمىلەرنى ئۆزگەرتتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
18
قىزغىنلىق
178 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
149 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 19:37:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكروبلوگنىڭ تەرەققىياتى نۆۋەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېكېلوگىيىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېكېلوگىيسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقاتتا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بىر خىل مۇھىت دەپ قاراش كېرەك تەكىتلەنگەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇھىتى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇچۇر يۆتكىلىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلما بەلگىلىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ ئۇچۇرلاردىن بەھىرلەنگۈچىلەر بۇ بەلگىلەر ئارقىلىق تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇھىتىنى ھېس تونۇپ يېتىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇھىتىغا ماسلىشىدۇ. مەسىلەن گېزىت تەمىنلىگىنى بولسا «ئوقۇلىدىغان» ئاخبارات ۋاسىتە مۇھىتى، تېلېۋېزور مۇھىتى بولسا «كۆرۈش، ئاڭلاش» ئاخبارات ۋاسىتە مۇھىتى. مىكروبلوگ باشچىلىقىدىكى يۆتكىلىشچان ئالاقە تورى بولسا، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئېكولوگىيە. يەنى، خەت، ئاۋاز، سۈرەت، كومپيۇتېر شەكلى، كۆچمە ئابونت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوشلۇق ھالقىغان كۆپ مېدىيالىق ئېكېلوگىيە. بۇ خىل ئىلگىرى بار بولۇپ باقمىغان مۇرەككەپ سىتېما بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك پەقەتلا «بىر پارچە ماقالە ئوقۇش» ياكى «بىرەر قانال كۆرۈش» دىگەندەك ئاددىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى:


  بىرىنچىدىن ئۇچۇر كۆچمە شەكلى بىر قۇتۇپتىن كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ ئۆزگەرگەن. مىكروبلوگ ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەنئەنىۋى ئۇچۇر تارقىتىش يوللىرىنى ئۆزگەرتتى. گېزىت، رادىئو ئاڭلىتىش ۋە تېلېۋېزىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دەۋرىدە، ئۇچۇرلار يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تاق لىنىيە بويىچىلا يەتكۈزۈلەتتى. ئامما پەقەت پاسسىپ ھالەتتىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىلا ئىدى. يۆتكىلىشچان كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسىغا تايىنىدىغان مىكروبلوگ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى ئۇچۇر يەتكۈزۈش شەكلى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، ئاتالمىش ئاخبارات يەتكۈزۈلۈشنىڭ مەركەزلەشمەسلىكى ۋە كونترول قىلىۋېلىنماسلىقى شەكىللىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى «كۆپكە كۆپ» تارقىتىش بويىۋە، «جەمئىيەت ۋە ئاخبارات ئوتتۇرىسىدا تەرتىپكە سېلىش» نى ئىشقا ئاشۇرغان. ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، مىكروبلوگنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەر قايسى جەھەتلەردە تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، قوشۇلۇشتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ بوشلۇق ھالقىغان، ئەركىن، ھەقىقى، ئازادە، كۆپ خىل بېرىككەن تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش ۋە ئۇچۇر ئېقىشچانلىقىنى شەكىللەندۈرگەن.

   
   ئىككىنچىدىن، مۇستەقىل ئىپادىلەش شەكلى سۆز ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرگەن. فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى بۇدىي، «تېخنىكا ۋە تۈزۈم بولسا ئاممىنىڭ گەپ-سۆز ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان ئىككى مۇھىم ساھە» دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېخنىكىنىڭ ھۆرمەت قىلىدىغىنى بولسا «ئىدراك لوگىكىسى» بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە تۈزۈمگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ. يۆتكىلىشچان ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، مىكروبلوگ خالىغان ۋاقىت، خالىغان جاي، خالىغان ئادەمنى ئالاقە تورى ۋە كۆچمە تور بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى بىلەن سىمسىز تېرمىنالنى ئۇلىغاندىن كېيىن مىكرو كۆرۈنمە چاستوتىسىدىكى «كارامەت كۆرسىتىشنى» نى تارقىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر، نۇرغۇن ئاممىنى ئاستا-ئاستا ئەنئەنىۋى تور، مەخسۇس ئاخبارات ۋاسىتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا تايىنىۋېلىشچانلىقتىن چېكىندۈرىدۇ. مەيلى چولپانلار مىكروبلوگى بولسۇن، رەھبەرلەرگە پىكىر بېرىش بلوگى بولسۇن، ئاخباراتلارنىڭ نەق مەيداندىن تارىشى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە شەكلىنىڭ نۇسخىلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا ۋەقە- ھادىسىلەرنىڭ بايقىلىشى، ئاخباراتنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۇچۇر تارقىلىش ھەمدە ئاخىرىدا ئەنئەنىۋى تور تارقىتىش قۇۇرلمىسى ھەتتا پۈتۈن ئاخبارات تارقىتىش شەكلىنىڭ زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  مىكروبلوگمۇ جامائەت پىكىرىنى تارقىتىش ئەندىزىسىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. مىكروبلوگنىڭ بارلىققا كېلىشى، بىۋاسىتىلا جامائەتچىلىكنىڭ تارقىتىش شەكلىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن. جامائەت پىكىرى ھاسىل بولۇش شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئارىسى ئاۋازىغا ئىگە. تۈرلۈك تورداشلار مىكروبلوگنى ئىشلەتكەندە سۈرئىتى تېز، پىكىر ئەركىن، بوسۇغۇسى ئېگىز ئەمەس ۋە تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ تورداشلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھامان ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېڭەيتىلگەن يوللارنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى ۋە تارقىتىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، بۇ ئۇچۇلارنى يېڭى ۋە كۈچلۈك جامائەت پىكىرىگە يېتەكچى كۈچ قىلغان. تورنىڭ مەۋھۇم دۇنياسىدا ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي پوزېتسىيلەر، يەنىلا رېئال دۇنيادا ھەل قىلىنىشقا ئېھتىياجلىق. ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر توردا ئىپادىلەنگەنلىرى بىلەن سېلىشۇرغاندا، ،مىكروبلوگدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ جەمئىيەت دىققەت قىلىش دەرىجىسى ۋە جامائەت پىكىرى دولقۇنلىنىش ئىقتىدارى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ، خەلق رايىنىڭ ئىپادىلىنىشى جەمئىيەت ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دىققىتىنى قوزغايدۇ. مىكروبلوگ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى يەنە مەسىلىلەر تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا پايدىلىق. مىكروبلوگنىڭ ئەسلىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى تۈرلۈك جەمئىيەت بايلىق مەنبەلىرىنى بېرىكتۈرۈپ، مەۋھۇم دۇنيا ۋە رېئال دۇنيا جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ، ئاخىرىدا مەنپىئەت زىدىيەتلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مىكروبلوگ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېكېلوگىيسى ۋە جامائەت پىكىرىنىڭ تارقىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە ،يەنە كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ. مىكرو بلوگ بوشلۇقى قۇرغان رەقەملىك سۇپا، كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئازادە، ئەركىن، تەڭپۇڭ بولغان ئىپادىلەش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، تور گەپ-سۆزى، ئىپادىلەش شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا تور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىسىگە قاتنىشىشىغا پۇرسەت يارىىتىپ بېرىدۇ. مىكرو بلوگ ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇچۇرنىڭ يۆتكىلىشى ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بوشلۇق ھالقىغان، ئەپچىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەڭ چوڭ چەكلىمىدە تور ئەركىنلىكى ئېلىپ كەلگەن ئازادىلىكتىن بەھر ئالدۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مىكرو بىلوگدىكى نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنىڭ تېخىمۇ رېئال، سەمىمىي، ئازادە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئادەملىك، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىممەتكە ھۆكۈم قىلىشتا، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇر، ھېس-تۇيغۇسى تېخىمۇ مول بولۇپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، ئاسىراش، ئالاقە ۋە ئۆز-ئارا ياردەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.


  ئەمما، مىكروبلوگ ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا، يەنىلا ئۇ ئىگە بولغان بىر قىسىم پاسسىپ تەسىرلەرگىمۇ قاراش كېرەك. مەسىلەن، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مۇستەقىل ئىپادىلەش ۋە گەپ-سۆزى ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشىمۇ، ئاخبارات ۋاسىتلىرى ئېكېلوگىيىسىنىڭ ئەكس تەرەپتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەقىقىي ئىسىم + V نىڭ كۆچمە ئالاقە بوشلۇقىدا يەنىلا زور مىقداردا يوشۇرۇن ۋەقەلىكلەر بار، بۇ مىكروبلوگ سۇپىسىنىڭ كەسىپلەشكەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرقلىك قىلىپ قويغان. بىر قىسىم مىكروبلوگلاردا توقۇپ چىقىرىلغان يالغان ئاخباراتلار ۋە مەقسەتلىك تارقىتىلغان پىتنە-پاساتلار ياخشى بولمىغان جەمئىيەت تەسىرىنى پەيدا قىلغان. مىكروبلوگنىڭ ئەخلاقى، مەدەنىي ۋە سىياسى تەربىيە ئەھۋالى ئاللىقاچان جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سوغۇققانلىق بىلەن كۈزەتكەندە، مىكروبلوگ شەكىللەندۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەركەزلەشمىگەن ئۇچۇر ئالاقە جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان قاتلام ۋە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى، ئىدىيە-ئەخلاقى، مەدەنىيەت ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىپ قېلىشى يۈز بېرىپ تۇرۇشى سەۋەبلىك، تورداشلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيە جەھەتتىن بىخۇدلىشىپ ھەتتا پىسخىكىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بىر قىسىم مىكروبلوگلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىكروبلوگ باشقۇرۇلۇشىنىڭ كەمچىل بولۇشى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تور گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئەقىل-ئېدراكسىز بولۇشى ۋە تور زوراۋانلىقى پەيدا بولۇشىدەك خەتەرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ خىل چەك-چېگراسىز ئېچىۋېتىلگەن تارقىتىش ساختىلىقلارنى، ئەخلەتلەرنى ھەتتا جەمئىيەتكە قارشى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ قويۇشى مۇمكىن.


شۇڭا، مىكروبلوگ قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە ئويلىمىغان يەردىن بىر قىسىم مكروبلوگىدىكىلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە تەربىيسىدىن ئەنسىرەشلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. مىكروبلوگنىڭ ئاممىنىڭ گەپ-سۆز ھوقۇقى، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش بىلەن بىرگە، «تور ساھەسى» دىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا سوغۇققانلىق بىلەن بايقاپ ھەل قىلىپ، مىكروبلوگدىكى مەنپىئەت ۋە كەيپىياتتىكى ئەقىلسىزلىك ۋە خاتا تاللاشلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، بولۇپمۇ ئەخلاق قارىشىنى دۇرۇش قىلىپ، ئەخلاق سىياسىي تەربىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6014 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4122 سەر
شۆھرەت
4583 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:24:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو توغرىسىدا مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

باھا سۆز

نازى سىز تەلەي يۇلتۇزىدا ئىشلىگەندىكىن تەڭگىنى نېمە قىلىسز  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:40:50
رەپقەت تەڭگە بېرىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:33:42

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
683 سەر
تىللا
324 دانە
تۆھپە
464 سەر
شۆھرەت
567 سەر

مائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:33:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىز يازدىڭىزمۇ ؟ئۇنداق بولمىسا مەنبەنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ!

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
178 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
149 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:34:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-18 21:33
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىز يازدىڭىزمۇ ؟ئۇنداق بولمىسا مەن ...

بۇلارنىڭ ھەمسىنى ئۇيۇنخۇمار يازغان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 16:16, Processed in 0.103079 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش