پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 3

ئۇلۇغ ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ رۇبائىيلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
18
قىزغىنلىق
178 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
108 سەر
شۆھرەت
149 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 20:50:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئالىم يۇسۇپ خاس ھاجىپ رۇبائىيلىرى
سىرىڭنى ساقلا چىڭ،دىمە ھىچقاچان،   
دىسەڭ گەر چېكەرسەن يىللار پۇشايمان.
قىزىل تىل-قارا باشقا دۇشمەن يامان،
ئۇنىڭدىن ھەزەرقىل،ياشارسەن ئامان.
-----------------
بىلىم،پەزىل ئۆگەن،قىممەت بىل ئۇنى،
قىلۇر قىممەت ئاخىر پەزىلەت سىنى.
بىلىم بىل،زىرەك بول، بىكار يۇرمىگىن،
بىرەر ياخشىلىق ئۇ ساڭا بىر كۇنى.
-----------------
كىشى ئالدىدا مەرد ئۆزىن يوشۇرۇر،
قىلىپ يۇز يىل ئىبادەت ئۇنى ئاز كۆرۇر.
تائەت قىل،كىشىدىن تۇت مەخپى ئۇنى،
بۇ سۆز بىر سىر ئەردى مەن ئاچتىم ئۇنى.
------------------
ئوغۇل-قىزنى دەپ سەن، دىلىڭ سىرىلۇر،
قەيەردە ئوغۇل-قىز بۇ دەرتنى بىلۇر.
يىغارسەن ھارامنى كېتەرسەن،قالار،
سەن يىغلاپ كېتەرسەن،ئۇ ھوزۇر كۆرۇر.

بىلىملىك تۇغۇلماس كىشى،ئۆگىنۇر ،
تۇغۇپ سۆزلىمەس تىل، تۇرۇپ سۆز قىلۇر.
كىشى ئۆگىنىش بىرلە ئالىم بولۇر،
بىلىم بىلسە بارچە ئىشلار ئوڭشىلۇر.
------------------
سىنى سىز دىسىلەر، ئۇنى سىز دىگىل،
ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى جاۋاپ سۆزلىگىل.
قىيا ساداسىن تۆۋەن بولمىغىل،
سىنى سەن دىسىلەر، ئۇنى سەنلىگىل.
-----------------  
پاساتنىڭ يېنىغا يېقىن بارمىغىل،
پاسات نەدە خارلىق شۇندا، بىل.
قوپالدۇر بىلىمسىز سۆزى ،خۇلقى ھەم،
يىراق تۇر ،تېزىپ يۈر بىلىمسىزلىدىن.
-----------------   
بىلىم قىممىتىنى بىلىملىك بىلۇر،
ئەقىلنى قەدىرلەش بىلىمدىن كېلۇر.
نىچۈك تەلۋە بىلگەي بىلىم قەدرىنى،
بىلىم نەدە بولسا،بىلملىك ئالۇر.
---------------   


قارا باش دۇشمىنى قىزىل تىل .ئىرۇر،
يىدى قانچە باشنى، يەنەھەم يىيۇر.
بېشىڭنى تىلىسەڭ تىلىڭنى كۆزەت ،
تىلىڭ ھەر كۈنىدە بېشىڭنى يونۇر.
----------------   
چۈشىڭدەك كەچۇردىڭ تىرىكلىك چېغىڭ،
قېنى پايدا، كۆرسەت ماڭا بىر ئىزىڭ.
كەچۈردىڭ كۈنىڭنى ھەۋەس –ئارزۇدا،
تۈگىدى تىرىكلىك، قالدى پۇشمىنىڭ.
------------------
بۇ دۇنيا قۇنالغۇ ،ئۆزىڭ سەن كارۋان،
يىيەلەمدۇ- يوقمۇ ،چۈشەنمەي قالار.
بېيىپ ئۇ تىلەككە ئېرىشكەن كۈنى،
تۈگەپ بۇ تىرىكلىك ،ئەزىز جان ئۇچار
بۇ دۇنيا قۇنالغۇ ،ئۆزىڭ سەن كارۋان،
قۇنالغۇدا كارۋان قانچىلىك تۇرغان.
بۇ دۇنيا سارايدۇر قازانماق يېرى ،
نە تاپساڭ بۇ يەردىن ،ئۇنى ئال ،يۈرى.
2008-يىلى5-ئاي (ئەنۋەر ئوسمان )

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1168 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
841 سەر
شۆھرەت
844 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 13:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى رۇبائىيلار ئىكەن ساقلىۋالسام بولغىدەك كۈڭۈلگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6014 سەر
تىللا
4153 دانە
تۆھپە
4122 سەر
شۆھرەت
4583 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 21:30:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالغۇدەك روبائىيلار ئىكەن بۇ !

Rank: 2

قىزغىنلىق
110 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
54 سەر
شۆھرەت
71 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 22:31:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،ناھايىتى ياخشى رۇبائىلار ئىكەن.ھازىر بۇنداق رۇبائىلارنى تاپماق تەس،مۇشۇنداق رۇبائىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.قولىڭىزغا دەت كالمىسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 14:11, Processed in 0.106210 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش