ئەرلەرنىڭ ئايالىغا يول قويۇشىنىڭ سەۋەپلىرى

بەزى ئەرلەر راستىنلا ئايالىدىن قورقامدۇ ؟ ياق ، ئەرلەر ئايالىدىن قورقمايدۇ ، بەلكى يول قويىدۇ . ئۇنداقتا ، ئەرلەرنىڭ ئايالىغا يول قويۇشىنىڭ قانداق سەۋەبلىرى بار ؟ 1 . ئايالىم ماڭا ئائىلە تۇيغۇسىنى بەردى ، مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن ، ئايالىمدىن قورقۇش ماڭا باھانە . 2 . ئايالىغا يول قويۇش ئەرلەرگە چىداملىق ، نومۇسلۇق بولۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى يۈكلەيدۇ . بىراق ،چىدامچان ، نومۇسچان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەزىمەتتۇر . 3 . ئايالىغا يول قويۇش _ ئەرلەرنى كۆكسى - قارنى كەڭ قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئەرلەرنىڭ ساپاسى قانچە يۇقۇرى بولغانسېرى ئايالىغا شۇنچە يول قويىدۇ . 4 . ئايالىغا يول قويۇش مۇۋاپىق بولۇش كېرەك . يول قويۇشقا تېگىشلىك جايدا يول قۇيۇش ، بولمىسا يول قويماسلىق لازىم . 5 . پسىخولوگلار : << ئاياللار ئۆزىگە ئىشەنگەچكىلا گۈزەل كۆرىنىدۇ >> دېگەن . ئايالىغا يول قويۇش ، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشنى پەيدا قىلىشقا ياردەم بەرگۈچى ئۈلگە ، بۇ باشقا تەرەپتىن ئېيتقاندا ، ئايالىنىڭ ھۆسنىنى تۈزەپ قويۇشتۇر . 6 . ئايالىغا يول قويۇش مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ماھارىتى ، ئىچكىرلەپ ئېيتقاندا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى . سەن ئايالىڭنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىنى قانائەتلەندۈرسەڭ ، ئايالىڭ ئەلۋەتتە مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق ساڭا جاۋاب قايتۇرىدۇ . 7 . يول قويۇش قەدىرلەش ، بىر خىل ئايرىلغۇسى كەلمەسلىك . مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ئۇسلۇبى ئايالىغا يول قويۇش ، ئايالىغا ئىنتايىن ئېتىبار بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . 8 . ئايالىغا يول قويۇش ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە كۈچ - قۇۋۋەت تولۇقلاپ ، سىرتتىكى رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . 9 . ئايال كىشىنىڭ تولىسى ئاق كۆڭۈل ھەم كۆڭلى يۇمشاق كېلىدۇ . سەن سىرتتا قالايمىقان ئىش قىلىپ ، ناچار ئىللەت يېتىلدۈرۋالساڭ ، ئايالىڭغا يول قويغاندىلا ئايالىڭ سېنى كەچۈرىدۇ . 10 . ئەزىمەت ھەممىدىن باشقىلارغا قايىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ . مەسىلەن : سەن ئايالىڭ بىلەن ئۈستۈنلۈكنى تالاشساڭ ، ئۇنداقتا قورۇنۇپ ئەركىن ياشىيالمايسەن . 11 . ئەر - ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بەزىدە ئىنتايىن غەلىتە بولىدۇ . سەن ئۆزۇڭنىڭ ئۇنىڭغا يول قويىدىغانلىقىڭنى بىلدۈرگەندە ، ئۇ ساڭا قايىل بولۇشقا باشلايدۇ . شۇڭا ، ئايالىغا يول قويۇش ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىڭ ئەپچىل چارىسى. 12 . ئايالىغا يول قويۇش ئەزىمەتنىڭ روشەن بەلگىسى ، ئەگەر ئۆيدىمۇ ئايالىغا يول قويمايدىغان ئەر بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەر سىرتتىمۇ ھېچكىمگە يول قويمايدىغان ئەردۇر . ھەر قانداق ئىشتا يول قويمايدىغان ئەر ياخشى ئەر ئەمەس . 13 . ياخشى ئەر ئايال بىلەن گەپ تالاشمايدۇ . يەنە ئايالىغا يول قويمايدىغان ئەرلەرنىمۇ ياخشى ئەر دېگىلى بولمايدۇ .

مەنبە : ‹‹ئاياللار ۋە ساغلاملىق››

|