ياشانغانلاردىكى ئالتە چوڭ خاتا پېسخىكا

ياشانغانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن تۈۋەندىكىدەك خاتا پېسخىكىلاردىن خالى بۇلۇشى كېرەك: 1. قۇرۇق خىيال سۈرۈش. ياشانغانلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش خىيالى كۈچىيىدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم قۇرۇق خىيال سۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئالدايدۇ. 2. ئۆلۈمدىن قورقۇش. ياشانغانلار ئۆلۈم توغرىلىق پاراڭلىشىشتىن قورقىدۇ، كېسەل يوقلاشنىمۇ خالىمايدۇ. 3. يالغۇزلۇقتىن قورقۇش. بۇ ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان روھى ھالەت. بۇ ئاساسەن ئۆزىنى تۈۋەن كۆرۈش، ياشاش ئېڭى پاسسىپ بۇلۇش، دائىم باشقىلاردىن نارازى بۇلۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇختاج بۇلىدۇ. 4. مىسكىنلىك. ياشانغانلارنىڭ پېسخىكىسى ناھايىتى ئاجىز بۇلىدۇ، ئۇلار كۈنسېرى قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ھەسرەتلىنىدۇ، بۇ خىل پېسخىكىنى ۋاختىدا تەڭشىمىگەندە ئۇلار ئەسەبىلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. 5. ئاشۇرۇۋېتىش. ياشانغانلار ئۆزلىرىنى كارغا كەلمەيدىغان، كېرەكسىز ئادەمدەك ھېس قىلىپ، باشقىلارغا مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەمىشە ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۈتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق باشقىلارنىڭ ئوي - خىيالى ھەم شۇ ئىشنى قىلىپ بېرەلەيدىغان - بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ. 6. گۇمانخورلۇق. ياشانغانلار كۆپ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقى سەۋەپلىك ناھايىتى گۇمانخور بۇلۇپ قالىدۇ. ئاددى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ.

مەنبە: « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى »
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 16:12
|