پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 994 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2025|ئىنكاس: 10

بىر قىزنىڭ قايتا-قايتا سورىغان سوئالى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
23
قىزغىنلىق
252 سەر
تىللا
138 دانە
تۆھپە
174 سەر
شۆھرەت
187 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:15:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر قىزنىڭ قايتا-قايتا سورىغان سوئالى


   




قىز بىلەن يىگىت كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ چوڭ بوپتۇ. قىز يىگىتتىن پەقەت ئۈچ ئايلىقلا كىچىككەن . قىز 18ياشقا كىرگەن چاغدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپتۇ ،يىگىت بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ ، قىز گۈلنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ .دەل شۇ كۈندىن باشلاپ قىز يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ .قىز شۇنچىلىك قىينىلىپتۇ ، بۇ گەپلەرنى يىگىتكە دېيىشنى ئويلاپتۇ ،لېكىن يەنىلا پېتىنالماپتۇ . ئۇ كۆڭلىدە بۇ گەپلەرنى دەي دېسە ئەگەر ياخشى كۆرمەي قالسا مەيلى  ، ئەمما دوستلىقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ناھايىتى ئەنسىرەپتۇ ، يەنىلا دېمەپتۇ ، قىز يىگىتنى ياخشى كۆرگەن كۈنىدىن باشلاپ يىگىتكە ئاتاپ كۈندە بىر تال قەغەز تۇرنا ياساپ ساقلاپ قويۇپتۇ . كۈندە دېگۈدەك يىگىتكە تېلىفۇن ئۇرۇپ ئەھۋال سوراپتۇ .
بۇ ئىشلار شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ  ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ ، بىر كۈنى قىز تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ . يىگىت قىزدىن تېلىفۇن كۈتۈپتۇ ، كۈنمۇ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ ،ئەمما قىزدىن سادا چىقماپتۇ ، يىگىت جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ ، قىزغا تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ ، قىز ئىڭرىغان ھالەتتە تېلىفۇننى ئاپتۇ .دەل شۇچاغدا قىزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ  . يىگىت دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئەتىسى سەھەردە قىزنى يوقلاپ كەپتۇ، قىز ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ ، يىگىت قىزنىڭ قولىدىكى قەغەز تۇرنىنى كۆرۈپ قىزدىن سوراپتۇ ، << نېمىشقا ئاغرىپ قېلىپمۇ قەغەز تۇرنا ياسايسەن>> دەپ سوراپتۇ ، قىز كۈلۈپ تۇرۇپ  << مەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىمگە ئاتاپ ياسىدىم >> دەپتۇ ، يىگىت << ئۇ يىگىت بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك يىگىتكەن >> دەپتۇ ، قىز << ئەلۋەتتە شۇنداق >> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
قىز پۈتۈنلەي ساقىيىپ ئەسلگە كەپتۇ ، بۇ قېتىم غەيرەتكە كېلىپ كۆڭلىدىكىنى يىگىتكە دېيىشنى ئويلاپتۇ ، يىگىىتكە تېلىفۇن قىپتۇ . قىز تېلىفۇندا << مېنى يوقلاپ كەلگىنىڭ ئۈچۈن سېنى تاماققا تەكلىپ قىلاي >> دەپتۇ ، يىگىتمۇ << ساقايغانلىقىڭ ئۈچۈن بولدى مەن سېنى تاماققا تەكلىپ قىلاي >> دەپتۇ .  
قىز ئۆزىنىڭ ئەڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ ياسىنىپ چىقىپتۇ. ئىككىسى تاماق يېگەچ ھەرخىل قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىشپ ئولتۇرۇپتۇ ، قىز نەچچە رەت كۆڭلىدىكى گەپنى يىگىتكە دېيىشكە تەمشىلىپتۇيۇ دېيەلمەپتۇ ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ يىگىتكە ئېغىز ئېچىپتۇ  ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ << مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن >> دەپتۇ ، يىگىت قىزغا << سېنىڭ بۇ جاھاندا ماڭا قىلمىغان پەقەت مۇشۇ چاقچىقىڭ قالغانتى ھە ! >> دەپ  كۈلۈپ كېتىپتۇ . قىزمۇ لام -جىم دېيەلمەپتۇ ، ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ ھەسرەتلىك ياش تۆكۈپتۇ .  
قىز يىگىتكە تېلىفۇن ئۇرماپتۇ. ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپتۇ ، قىز ھېسسىيات ئالدىدا تەسلىم بولۇپ يىگىتكە تېلىفۇن ئۇرۇپتۇ .   
يىگىت :ۋەي ، ئەجەپ يوقاپلا كەتتىڭغۇ ؟
قىز :مەن ساڭا راست گەپ قىلاي.
يىگىت :بۇلىدۇ  ،قېنى دېگىنە.  
قىز :مەن ھەقىقەتەن چاقچاق قىلمىدىم، پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرىمەن .   
يىگىت :بولدى مەن سېنى پەقەت دوستۇم دەپ بىلىمەن ، ئۇنداق خام خىيال قىلما .
قىزنىڭ كۆزىگە ياش كەپتۇ ، تېلىفۇننى بېسىۋېتىپتۇ .قىز شۇ كۈندىن باشلاپ يىگىتتىن كۈندە بىر قېتىم سۇئال سوراپتۇ .   
1-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت  :پەقەت دوستلارچە .  
2-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :ياق.
3-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :سەن دېگەن دوستۇم، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .
4-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :دېدىمغۇ بىز دوست .   
5-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :ئەڭ يېقىن دوستۇم سەن .
6-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :مۇمكىن بولمايدۇ .
7-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :بولدى قىل.ە  
8-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :نېمانداق؟؟ ئۇنىڭدىن باشقا گەپ يوقما ؟
9-قېتىم قىز يىگىتتىن يەنە سوراپتۇ :مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت :بۇگەپنى سورىمىغىنا، خوش بوپ كېتەي .
............................................  
............................................
100-قېتىىم قىز ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەت سوراپتۇ ، مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ يىگىت:ئۇنداق ئەمەسقۇ.
  
قىز تېلىفۇندا ئۆزىنىڭ توي قىلماقچى بولغىنىنى دېمەكچى بوپتۇ، لېكىن ئۇ بەرىبىر مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دەپ ئويلاپتۇ .شۇنىڭدىن كېيىن يىگىتكە تېلىفۇن ئۇرماپتۇ . ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىپتۇ .
  
قىز چوڭلار تۇنۇشتۇرغان باشقا بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقىپتۇ .
بۇ يىگىت قىزنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ ، قىز تۇيۇقسىز << نەگە بارىمىز؟ >> دەپ سوراپتۇ،  يىگىت رېستۇران تەرەپنى ئىما قىپتۇ ، قىز ئۇنىڭغا << مەن سىزنى باشلىسام قانداق؟ >> دەپتۇ ، يىگىت ھەيران قاپتۇ، چۈنكى ئىلگىرى بىر قانچە قىزلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلارنى داۋاملىق رېستۇراننىڭ قىممەت باھالىق تاماقلىرى بىلەن مېھمان قىلىدىكەنتۇق ، بۇ قېتىم ئىش ئوخشىمىدى ، ئۇلار ئاددىي بىر كىچىك تېز تاماقخانىغا كىردى ، قىز << چۆچۈرە ئىچەيلى >> دېدى ، يىگىت << يە نىچۇ؟ >> دەپ سورىدى، قىز << بولدى، مەن قىيمىلىق تاماقلارنى ياقتۇرىمەن >> دېدى ، يىگىت تاماق يېگەچ قىزغا سەپ سالدى ، ئۇنىڭ ئاددى -ساددا كىيىنىشلىرى ، يېقىملىق گەپ-سۆزلىرى ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ھارارەت بېغىشلىدى .
بۇ يىگىت ئەسلىدە بىر قىزنى 3 يىلدىن ئارتۇق ياخشى كۆرگەن بۇلۇپ ، قىز پەقەت تۇتۇق بەرمىگەن، دائىم ئۇنى ئالداپ-سالداپ پۇللىرىنى خەجلەپ ، تولا ئوڭدا قۇيۇۋەتكەن ،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرگەن ، ئۇ چوڭلارنىڭ قىستىشى بىلەن ھەر قېتىم ئۇچرىشىشقا چىققاندا ، قىزلاغا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ بارلىقىنى باھانە قىلىپ  قايتا كۆرۈشمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم بىر نەرسە ئۇنداق قىلىشقا يول قويمايتتى ، ئۇلار تاماق يەپ بولدى، قىز ئۆيىگە قايتماقچى بولدى، يىگىت تاكسى تۇسۇماقچى بولدى،  قىز كوچا ئاپتۇبۇسى بېكىتى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، يىگىت خىجىل بولدى ، قىزنىڭ كەينىدىن ماڭدى ، قىزنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلدى ، ئۇلار خوشلاشتى ، يىگىت قىز كىرىپ كەتكىچە  كەينىدىن قاراپ تۇردى.  
قىز ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ خىيالغا چۆكتى ، كۆڭلىدە مەن شۇنچىلىك ئوڭايسىزلاندۇرساممۇ قىلچە پەرۋا قىلمىدى ، ئۇ ھەقىقەتەن بولىدىكەن، دېگەن نىيەتكە كەلدى ، 15كۈن ئۆتتى، بۇ يىگىتتىنمۇ سادا يوق، قىز تىت -تىت بولدى ، 15 كۈننى 15 يىلدەك ئۆتكۈزدى ، ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇنى ئويلىدى ، قىز ئۇيقىغا كەتتى، تېلىفۇن سايرىدى ، قىز چۆچۈپ كەتتى ، يىگىتتىن كەلگەن تېلىفۇن ئىدى  ، ئۇلار شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭلاشتى ، ئەتىسى باغچىدا كۆرۈشمەكچى بولدى . قىز بۇرۇنراق بېرىپ ساقلاش قارارىغا كەلدى ، بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ باغچىغا كەلدى، قىز ھەيران قالدى ، چۈنكى يىگىت ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن كېلىپ بولغان ئىدى  ، يىگىت قىزنى كۆردى، ئاستا ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى ، قىز قولىنى تارتماقچى بولدى يۇ لېكىن يىگىتكە كۈچى يەتمىدى ، يىگىت قىزغا << مەن ئەسلىدە بىر قىزنى 3 يىل ياخشى كۆرگەن، ئەمما ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىدى ، مېنى شاللاق دەپ قالماڭ ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، سىز بىلەن توي قىلغۇم بار ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە سىزدەك مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل قىزنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ، ئەمدى سىزنى ئۇنتىيالمايمەن ،مەن بۇ 15 كۈن جەريانىدا پەقەت ئۇنىلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن 15 كۈنگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدىم ، سىز مېنىڭ كاللامغا كىرىۋالدىڭىز >> دېدى ، قىز يىگىتكە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى ، يىگىت قىزنى بەزلىدى ، قىز يىغىسىنى توختىتىپ، ھېلىقى يىگىتنىڭ ئىشلىرىنى دەپ بەردى ، قىز ئاخىرىدا بۇ يىگىتكە مۇنداق دېدى << مەن بۇرۇن ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ئەمما ھازىر سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، توي قىلىشنى خالايمەن >> دېدى ، بۇ يىگىت ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ئادەم
ھېسابلىدى.
يىگىت غەيرەتكە كېلىپ ئاتا -ئانىسىغا قىز بىلەن توي قىلىش ئويى بارلىقىنى دېدى ، ئاتا -ئانا ئوغلىنىڭ بەختىدىن مەمنۇن بولدى ، ئۇلار كۆرۈشۈپ دەل 1ئاي بولغاندا توي قىلدى .  
قىز توي قىلىپ بىر ھەپتە بولغاندا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىلگىرىكى يىگىتكە خەت يازدى .  
ياخشىمۇسەن ، قانداق ئەھۋالىڭ ؟
مېنىڭ ئىلگىرى ساڭا دىگەن بارلىق گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتكىن ، مەن ئەسلىدە بۇ ئۆمرۈمدە سېنىڭدىن باشقىنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، بۇ پۈتۈنلەي خاتاكەن ، مەن راستىنلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال بولدۇم ، مەن يولدۇشۇمنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ مەڭگۈ بىرگە بولىمەن ، ئەمدى ساڭا تېلىفۇن ئۇرۇپ سۇئال سورىمايمەن ، سەنمۇ بەختلىك بولغىن، ساڭا بەخت تىلەيمەن .
بۇ خەتنى قىزچاق سىڭلىسغا بېرىپ قويدى  ، تېلىفۇندىكى كارتىنى سىڭلىسىغا بەردى ، بىرسى تېلىفۇن ئۇرۇپ قالسا ماۋۇ قەغەز تۇرنىنى خەت بىلەن قوشۇپ بېرىپ قويغىن، دەپ ھېلىقى يىگىتنىڭ نومۇرىنى دەپ بەردى .  
سىڭىلچاققا تېلىفۇن كەلدى ، ئۇ يىگىتكە ھەدىسىنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى ،بېرىدىغان نەرسىنىڭ بارلىقىنى دېدى .
يىگىت خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارام تارام ياش تۆكۈلدى ، قەغەز تۇرنىلارنى ئۆزىنىڭ  كارىۋىتىنىڭ بېشىغا ئاستى، ئەسلىدە يىگىت قىزنىڭ تېلىفۇنىنى كۈتكەن ، ئەمما قىزدىن تېلىفۇن كەلمىگەن ، ئۇنىڭغا كۆپ ئازار بەرگەنلىكىنى ئويلاپ تېلىفۇن ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان ، ئاخىرى يىگىت ئۆزىنىڭ بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تېلىفۇن ئۇرغان ، ئەمما ئۇ قىز بەختىنى تېپىپ بولغان . ئۇ قەغەز تۇرنىغا قارىدى ، قىزنىڭ ئاغرىپ ياتقان ھالەتتكى سىماسى كۆرۈندى ، يىگىتنىڭ قىزنى ئۇنتۇپ كەتكۈسى بار، لېكىن بىر نەرسە ئۇنى قىينايتتى.
يىگىت ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرەلمىدى  ،بەخت يېنىدا تۇرسا بەخت ئىزدەپ يۈرگەن ، ئاخىرى قولدىن چىقىرىپ قويغان . ئەمما رېئاللىق يەنىلا شۇنداقتە ، ئۇنى ھېچكىم قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيدۇ  ، ئۇ ئاخرى يۇرتىنى تاشلاپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1141 سەر
تىللا
196 دانە
تۆھپە
818 سەر
شۆھرەت
821 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 18:09:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى تىما ئىكەن  بەك تەسىرلەندىم

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6287 سەر
تىللا
6624 دانە
تۆھپە
3352 سەر
شۆھرەت
3910 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 19:06:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى بوپتىكەن ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلىمىغىلى بۇ ئەسەرنى تەپسىلى ئاڭلاپ چىقتىم. بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەن. مۇشۇنداق ئەسەرلەر بولسا يوللاپ تۇرغايسىز!
1-ماۋسۇملۇق ماتىرىياللارنى توپلاشقا كىرىشسەك بۇلاتتى!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5892 سەر
تىللا
4135 دانە
تۆھپە
4057 سەر
شۆھرەت
4519 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 20:20:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن كۆپ رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
117 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
93 سەر
شۆھرەت
92 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 21:39:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلەندىم ،رەخمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
684 سەر
تىللا
91 دانە
تۆھپە
469 سەر
شۆھرەت
517 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 18:39:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن تەسرلىك ھە !
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .

Rank: 4

قىزغىنلىق
232 سەر
تىللا
63 دانە
تۆھپە
193 سەر
شۆھرەت
221 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:28:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا مۇشۇنداق پۇرسەتنى كەتكۇزۇپ قۇيوپ پۇشايمان قىلسا بەك ئازاپلىق بولدىكەن

Rank: 2

قىزغىنلىق
37 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
22 سەر
شۆھرەت
21 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 11:31:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلرغا ئەمەس بەلكى ئىزەنگۈچىلەرگە مەنسۈپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
272 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
225 سەر
شۆھرەت
267 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 14:14:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇنكى جەمئىيەتتەباشقىلاردىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن كىشىلەر ،بىر بولسا تۇگىشىپ كېتىدۇ. بىر بولسا ئۆلىۋالىدۇ. بۇ ھىكايىدىكى يىگىتىنىڭ سەرگەردانلىق (دەرۋشلىك،زاھىتلىق)يۇلىنى تۇتىشى مىنى بەك ھەيران قالدۇردى. بەكلا تەسىرلىك ھىكايىكەن بۇ . تىما ئىگىسىگە رەھمەت..
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!

Rank: 2

قىزغىنلىق
51 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
45 سەر
شۆھرەت
69 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:26:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتتا بۇنداقمۇ ئەخمەق يىگىت بولامدۇ -ھە.يۇرتىنى تاشلاپ كىتىشىگە ئۆزى سەۋەپچى بوپتۇ ئۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-30 00:39, Processed in 0.115000 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش