- تىزىملاتقان
- 2012-3-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 426
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 75
  
- يوقلىما
- 17
قىزغىنلىق- 121 سەر
تىللا- 14 دانە
تۆھپە- 95 سەر
شۆھرەت- 94 سەر
    
| قانغۇچە كۇلىۋېلىڭ سەۋەپ يېڭىدىن توي قىلغان بىر ياشنىڭ ئايالى ئىشتىن ھېرىپ -ئېچىپ كەلگەن ئېرىنىڭ ئالدىغا ئۈچ تەخسە قۇرۇما كەلتۈرۈپ ،دەپتۇ: _ بۇ قۇرۇمڭلارنى ئالدىرماي ،چايناپ مەززە قىلىپ يەڭ ! _ نڭمە ئۈچۈن ئەمدى ؟ _ بۇنداق قىلسىڭىز بىرىنچىدىن ،قۇرۇمڭنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز ؛ئىككىنچىدىن ، تاماق ئىتىشتىكى ھۇنۇرمنى بىلىۋالايسىز ؛ئۈچۈنچىدىن،بايا قۇرۇمىغا ئارلىشىپ قالغان يىڭنىنى تېپىۋالالايسىز .
ياپىلاق توخۇ بىر شوپۇر ماشىنا ھايداپ كىتىۋېتىپ ،بىر تۇخۇنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ .تۆلەپ بىرىش ئۈچۈن ئەتراپتا ئويناۋاتقان بىر بالىدىن سوراپتۇ : -بۇ توخۇ سىلەرنىڭمۇ ؟ _ شۇنداقتەك قىلىدۇ ،بىراق بىزنىڭ توخۇ بۇنداقق ياپىلاق ئەمەستى !
پىراۋىمىز يوق نېرۋا كېسەللەر دوختۇرى كېسەللەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە بىمارنى يىغىپ ،ئۇلارغا بىر ئۇرۇندۇقنى كۆرسۈتۈپ دەپتۇ : _ بۇ بىر ماشىنا ،ھەمىڭلار ماشىنىغا چىقىڭلار ! كېسەللەر بىر بىرسىگگ قاراپ قۇيۇپ مىدىر- سىدىر قىلماپتۇ ،بۇنى كۆرگەن دوختۇر داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ،خوشال ھالدا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ : _ نىمىشقا ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭمايسىلەر ؟ _ ھىچقايسىمىزنىڭ پىراۋىسى يوق !
تىزىملىك دوختۇر غالجىر ئىت چىشلىۋېلىپ نېرۋىسىدىن ئاداشقان بىر مېليونېر بىماردىن سوراپتۇ : _بۈگۈن مىجەزىڭىز قانداقراق ؟ _ ماڭا قەغەز -قەلەم بىرىڭلار . _ ۋەسىيەتنامە قالدۇرامسىز نېمە؟ _ ياق !چىشلەيدىغانلارنىڭ تىزىملىگىنى يىزىۋالاي .
چىدامچانلىق دادىسى سىرتتىن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈز -كۆزى كۆكۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئوغلىدىن سوراپتۇ : _ مەن ساڭا دىدىمغۇ ،ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئونغىچە سانا دەپ ،يەنە خەقنىڭ بالىسىى بىلەن ئۇرۇشتۇڭما ؟ _ مەنغۇ ئونغىچە سانايتىم ،بىراق جېكنىڭ دادىسى بەشكىچە سانا دەپتىكەن .
تېز ۋە ئاستا بىمار : سىز پۇلنى ناھايىتى تېزلا تاپىدىكەنسىز جۇمۇ دوختۇر . دوختۇر: قانداق دەيسىز ؟ بىمار : ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ئۈچ تال چىشىمنى تارتىپ قۇيۇپ ،بىر دەمدىلا 150يۇئەنگە ئىرىشتىڭىز ! دوختۇر : ئەگەر خالىسىڭىز قالغان چىشىڭىزنى ئالدىرماي تارتىپ قۇياي |
|