- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2938
- نادىر
- 3
- تېما
- 176
- يازما
- 273
 
- يوقلىما
- 71
قىزغىنلىق- 980 سەر
تىللا- 261 دانە
تۆھپە- 429 سەر
شۆھرەت- 527 سەر
   
| ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش " ھۇنلار جۇڭگونىڭ شىمالىى ۋە غەربىي شىمالىدا چارۋىچىلىقنى ئاساسىي ئىگىلىك قىلغان كۆچمەن خەلق . ئۇلار ئەينى دەۋرلەردە خەن سۇلالىسى بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەچكە مەشھۇر تارىخچىلاردىن سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> ، بەنگۇ يازغان <<خەننامە(ئالدىنقى خەننامە)>> ، سىمابياۋ ۋە فەن يېلار يازغان <<كېيىنكى خەننامە>> لەردە ھۇنلار توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىلغان . شۇڭا بۇ تارىخىي ئەسەرلەر ھۇنلارنى ھەر تەرەپتىن تەتقىق قىلىشتا يېتەرلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ . يۇقىرىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە مەلۇم بولۇشىچە ، ھۇنلار <<زامانىمىزدىن 4200 يىل ئىلگىرى ئېلىمىز تارىخىدا نامى تىلغا ئېلىنىدىغان ئەپسانىۋى شەخىسلەردىن تاڭ ۋە يۈلەر زامانىسىدىن ئىلگىرى تاغ رۇڭلىرى ، ياۋ دەۋرىدە شۈنيۈلەر ، جۇ خانلىقى دەۋرىدە شيەنيۈنلەر ، چىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ھۇن (匈奴) دەپ ئاتالغان>> . <<تارىخىي خاتىرىلەر . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە>> ۋە <<خەننامە . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە>> دە : <<چۈنۋېيلەردىن تۈمەنگىچە مىڭ نەچچە يىل ئۆتتى . شۇ جەرياندا ھۇنلار بەزىدە كۈچىيىپ ، بەزىدە ئاجىزلاپ تارقاق ياشاپ كەلگەچكە ، ئۇلارنىڭ شەجەرە -نەسەبلىرىنى بىلىش ۋە تۈزۈشكە بولمايتتى . لېكىن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە قۇدرەت تېپىپ ، شىمالدىكى يات قەبىلىلەرنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇردى ۋە جەنۇب تەرىپىدە ئوتتۇرا جۇڭگودىكى بەگلىكلەر بىلەن دۈشمەنلەشتى . ئۇلارنىڭ شەجەرە -نەسەبلىرى ۋە نام ئەمەللىرى شۇنىڭدىن باشلاپ خاتىرىلىنىشكە باشلىدى>> دېيىلگەن . ھۇنلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارمۇ مانا شۇ دەۋردىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ . ` ھازىرغا قەدەر ھۇنلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكىگە گۇمانىي قارىلىپ كەلدى ياكى ھۇنلار يېزىق ئىشلەتمىگەن ، دەپ قارىلىپ كەلدى . مەن يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن مەنبەلەرگە ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېپىلىۋاتقان ئارخېئولوخىيىلىك قېزىلمىلارغا ئاساسلىنىپ ، ئۆزەمنىڭ بۇ توغرىدىكى كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن . ھۇنلار خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىدا ياشاپ خەن سۇلالىسى بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەچكە قەدىمدە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىلار ھۇنلارغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىنتايىن تەپسىلى خاتىرىلىگەن . ئەنە شۇ مەلۇماتلار قاتارىدا ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسى خانلىرى ئوتتۇرسىدا يېزىلغان مەكتۇپلار ۋە ئۇ مەكتۇپلارنىڭ مەزمۇنى خاتىرىلەنگەن . تۆۋەندە ئەشۇ مەكتۇپلاردىن بەزىلىرىنى ئۆرنەك ئۈچۈن كۆرسىتىپ ئۆتىمەن . بەزىلىرىنىڭ مەنبەسىنىلا كۆرسىتىپ قويىمەن . ] 1 - مەكتۇپ : ھەقىقىي مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 406 -بەتتە ۋە بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 694 -بەتتە . 2- مەكتۇپ : <<مەكتۇپنى ئالغان باتۇر يەنە ئەلچى ئارقىلىق تەشەككۇر مەكتۇبى ئەۋەتىپ : "ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەدەپ -قائىدىلىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھۈرمەتسىزلىك قىلغان بولسام ئاپۇ قىلۇرلار !" دېدى ۋە ئات سوۋغا قىلدى ھەم ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلدى. >> 3 - مەكتۇپ : <<ئىككىنچى يىلى (م . ب . 176 -يىلى) تەڭرىقۇت خەن خانىغا : <تەڭرى قويغان ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى ھۆرمەت بىلەن خانغا سالام يوللايدۇ . بۇرۇن سىلى ياخشىلىشىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىلەر ، بۇ مەكتۇبىمدىكى پىكىرلەرگە ئۇيغۇن بولغاچقا ، خۇشال بولغانىدۇق . خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرا ئەمەلدارلىرى ئوڭ قول بىلىكخاننى ھاقارەتلىگەن . ئوڭ قول بىلىكخان بولسا مەندىن يوليۇرۇق سورىماستىن ، كېيىنكى ئېلىبەك نانچى قاتارلىقلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ، ئىككى ئەل ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزغان . خان قايتا -قايتا مەكتۇپ يوللاپ بىزنى ئەيىبلىدىلە ، مەن جاۋاب خەت يوللىغانىدىم ، ئەلچىمىزنى قايتۇرمىدىلا ، ئۆزلىرىمۇ ئەلچى ئەۋەتمىدىلە ، شۇ تۈپەيلى خەن سۇلالىسى بىزدىن يامانلىدى . ئىككى قوشنا ئەل ئىناق بولماي قالدۇق . كىچىك بىر ئەمەلدار تۇرۇپ ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن ، ئوڭ قول بىلىكخاننى جازالاپ ، غەربكە توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتىم . تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستېداتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللۇقى ئارقىسىدا توخرىلار تار -مار قىلىندى . ئۇلار قىرىلىپ ، تەسلىم بولۇپ تىنجىدى . كرورانلىقلار ، ئاسيۇلار ، ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى 26 ئەل ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋە بولدى . بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى . شىمالدىكى يەرلەرمۇ تىنچلاندى . ئەمدى ئۇرۇشنى توختىتىپ ئەسكەرلەرگە ئارام بېرىپ . ئاتلارنى بېقىش نىيىتىدىمەن . ئۆتكەنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، بۇرۇنقى ئەھدىنامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، چېگرا خەلىقىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلساق ، ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ياخشىلىشىش ئەھدىنىڭ روھىغا مۇۋاپىق ئىش كۆرۈپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئىمكان بەرسەك ، قېرىلار ئۆز ماكانلىرىدا خاتىرجەم ياشىسا ، ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد تىنچ ، خۇشال -خۇرام ئۆتسەك دەيمەن . خاننىڭ ئىرادىسىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن كاتاۋۇل شىغۇرچان ئارقىلىق مەكتۇپ ئەۋەتتىم ھەمدە بىر تۆگە ، ئىككى تۇياق مىنىدىغان ئات ، سەككىز تۇياق ھارۋا ئېتى ھەدىيە قىلدىم . خان ئالىيلىرىن ھۇنلارنىڭ چېگرىغا يېقىنلاشماسلىقىنى خالايدىغان بولسىلا ، يارلىق بېرەرلا . ئەلچى بارغان ھامان قايتۇرىشارلا> دەپ مەكتۇپ يازدى .>> 4 - مەكتۇپ : ھەققىدىكى مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 410 - ، 411 -بەتلىرىدە ۋە بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 700 -بېتىدە . _ 5 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات سىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 415 -بېتىدە ۋە بەنەۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 703 -بېتىدە . 6 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات چىماچيەن يازغان <<تارىخىي خاتىرىلەر>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 415 -بېتىدە بەنگۈ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 704 -بېتىدە . 7- مەكتۇپ : <<تەڭرىقۇت بىلەن ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلگەندىن كېيىن خەن ۋېندى تەپتىشبېگىگە : <ھۇنلارنىڭ ئۇلۇغ تەڭرىقۇتى بىزگە يوللىغان مەكتۇپىدا : ياخشىلىشىش ئەھدى تۈزۈلدى . ئەل بولغانلارنى قوبۇل قىلغاندا ھېچكىمنىڭ ئادىمى كۆپىيىپ ، يەرلىرى كېڭىيىپ كەتمەيدۇ . ھۇنلار چېگرېىدىن ئۆتمىسۇن ، خەن كىشىلىرى چېگرىدىن چىقمىسۇن . ئەگەر ئەھدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ، ئۆلۈم بېرىش كېرەك . شۇ چاغدىلا ئەھدىنامىنى ئۇزۇن داۋام قىلدۇرغىلى ، كېيىنكى بالا - قازالاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ . بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈنلا پايدىلىق ، دەپتۇ . بىز تەڭرىقۇتنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇق ، ئېلان چىقىرىپ پۈتۈن ئەلگە ئۇقتۇرۇش قىلىنسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈردى [)( 8 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات __ بەنگۇ يازغان <<خەننامە>> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى 730 -بېتىدە . 9- مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات . بۇ مەلۇمات تۆۋەندىكىچە : <<غەربىي شىمالدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ . پەرغانىنىڭ غەربىدىكى دۆلەتلەر خەن خانلىقى يىراقتا دەپ قاراپ ، تەلۋىلەرچە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ . ئۇلارنى سوۋغا - سالام ۋە مېھرى -شەپقەت بىلەن بويسۇندۇرغىلى ، تىزگىنلىگىلى ۋە مەجبۇر قىلغىلى بولماي قالغانىدى . ئاسيۇنىڭ غەربىدىن ئارشاڭغىچە بولغان دۆلەتلەر ھۇنلارغا يېقىن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ياۋچىلار ھۇنلاردىن ئەدەپ يەپ ، تېخىچە يۈرىكى ئىزىغا چۈشمىگەنىدى . قوللىرىدا تەڭرىقۇتنىڭ بىر پارچە ىېتى (بولغان) ھۇن ئەلچىلىرىگە ھەممە دۆلەتلەر ئۇزۇق -تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرەتتى . ھەرگىزمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلمايتتى .>> 10 - مەكتۇپ ھەققىدىكى مەلۇمات : <<تەڭرىقۇت ئالدىنقى قېتىم يوللىغان مەكتۇپلىرىدا مەرھۇم خاننىڭ ۋاقتىدا قوغشار تەڭرىقۇرقا تەقدىم قىلىنغان بالمان ، چاڭ ، غۇڭغا قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى چىرىپ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يېڭىسىنى تەلەپ قىلىپتىلا .>> بىز ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىغا يازغان مەكتۇپلىرى ۋە ھۇن ئەلچىلىرى باشقا ئەللەرگە بارغاندا تەڭرىقۇتنىڭ خېتىنى بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق . سىماچيەن ، بەنگۇ ۋە سىمابياۋ ،فەنتىيلار ھۇنلارنىڭ بۇ مەكتۇپلارنى قايسى خىل يېزىقتا يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمىگەن . ھەممىگە مەلۇم ، مەكتۇپ يېزىق ئارقىلىق ھۇجۇدقا كېلىدۇ . شۇنداق ئىكەن ھۇنلار خەن سۇلالىسىغا ئەۋەتكەن مەكتۇپلار ۋە ھۇن ئەلچىلىرى باشقا ئەللەرگە بارغاندا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن تەڭرىقۇتنىڭ خەتلىرىمۇ ئوخشاشلا يېزىق ئارقىلىق پۈتۈلگەن بولىدۇ . بىراق ، بۇ مەكتۇپلار خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغانمۇ ياكى ھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقىدا يېزىلغانمۇ ؟ بۇ ھازىرغا قەدەر ئىلىم دۇنياسىدا بىر سىر بولۇپ ، بۇنى يۇرىتىش ئۈچۈن ئارخوئولوگىيە ، تارىخ ، ئېتنوگرافىيە ۋە مىللەتشۇناسلىق پەنلىرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتىكى مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى ; مەنبەسى قەدىمىي يۇرت تارىخىدىن ; يوللىغۇچى : زەپەر :,
|
|