پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئەڭ ياخشى ئېلان ئورنى
كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 3

بىر غېرىچ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
198 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
111 سەر
شۆھرەت
135 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 03:28:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر غېرىچ




قايرىپ قويۇپ ھايانى،كىيگەن يوپكاڭ بىر غېرىچ،
شۇ يوپكىنىڭ ۋەجىدىن ئاران ماڭدىڭ بىر غېرىچ.
مودا قوغلاپ ئۆزۈڭچە قىلىپ باقتىڭ ھەممىنى ،
ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى كېسىپ تاڭدىڭ بىر غېرىچ.

كىيگەن كوپتاڭ بېلىڭنى ياپمىغاننى ئاز كۆرۈپ،
ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئويۇۋالدىڭ بىر غېرىچ.
ماسلاشماق بوپ دەۋرنىڭ مودىسىغا تېخىمۇ،
پاشنىسىنى ئاياغنىڭ قىلىۋالدىڭ بىر غېرىچ.

نەدىن تاپقان پۇلكىنتاڭ ،قات- قات زەنجىر بوينۇڭدا،
بولسا ئاشۇ زەنجىرنى ئۇلاي دېدىڭ بىر غېرىچ.
نەدە شۇنداق ئادەت بار،تىرنىقىنى ئۆستۈرۈش؟
ئەپسۇس ،شۇنى پەرۋىشلەپ قىلاي دېدىڭ بىر غېرىچ.

ئازلىق قىلسا ناۋادا ئاتا- ئاناڭ بەرگەن پۇل،
رازى بولماي تۇمشۇقنى سوزۇۋالدىڭ بىر غېرىچ،
چىقىپ كەتكەن كېچەڭ كۆپ،ئەنسىرىتىپ چوڭلارنى،
قاۋاقخانا ،دىبادا ئۈزىۋالدىڭ بىر غېرىچ.

چاپتىڭ شۇنداق نىشانسىز،ئويلاپ قويماي زاتىڭنى،
چېكىندىڭ -يۇ، ئالغا ھېچ باسالمىدىڭ بىر غېرىچ.
گۈزەل خۇلق -ھايانى يوقىتىپ سەن،ھەي ئىسىت،
پەزىلەتنىڭ سۈيىدە ئاقالمىدىڭ بىر غېرىچ.

نېمە قىلساڭ مەيلىغۇ،ئۇنۇتمىساڭ ئەسلىڭنى،
ئەيش - ئىشرەت كويىدا يوقاتمىساڭ ۋەسلىڭنى،
نادانلىققا يول ئېچىپ ،قۇرۇتمىساڭ نەسلىڭنى .
ئويلان،ھالاك بولۇشقا پەقەت قالدىڭ بىر غېرىچ.

ھەممىڭلارنىڭ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1180 سەر
تىللا
199 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
855 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 11:39:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. بەزى ئاياللىرىمىز مىنىڭ بالام بار ئازراق ئۇزۇنراق كېيەي دىمەي بىر غېرىچلىق يوپكا كېيىدۇ. پەرزەتلىرىگە بولغان تەسىرىنى بىلمەيدۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6053 سەر
تىللا
4161 دانە
تۆھپە
4147 سەر
شۆھرەت
4612 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 16:49:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ !بولسا مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتكەن بولسىڭىز تېما داۋاسىغا قالمايلى يەنە

بەزى ئاياللار كىيىمنى قىسقا كىيىپ شۇ ئەرلەرنى جەلىپ قىلماقچىدۇ تايىنلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1426 سەر
تىللا
482 دانە
تۆھپە
885 سەر
شۆھرەت
1085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 20:51:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانتاق ئەپەندىم ، ناھايىتى ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ؟ .... مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىزغۇ؟
بۇ شېئىر نۆۋەتتە بىر قىسىم قىز_ئاياللىرىمىزدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مودا قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان مىللى خاسلىقىمىزغا ماس كەلمەيدىغان يۈرۈش_تۇرۇش، كىيىنىش ئادەتلىرى دەل جايىدا ھەجۋى قىلىنىپتۇ. شېئىرنىڭ ئاپتورىغا بارىكاللا! شېئىرنىڭ يېشىمىمۇ ناھايىتى ياخشى چۈشۈرۈلۈپتۇ.
ئويلان،ھالاك بولۇشقا پەقەت قالدىڭ بىر غېرىچ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-8 20:52  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 05:20, Processed in 0.088946 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش