- تىزىملاتقان
- 2011-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-28
- ھوقۇقى
- 99
- جۇغلانما
- 1009
- نادىر
- 1
- تېما
- 71
- يازما
- 108
  
قىزغىنلىق- 279 سەر
تىللا- 161 دانە
تۆھپە- 177 سەر
شۆھرەت- 222 سەر
| سىرلىق مۇز مۇمىيانىڭ بايقىلىش جەريانى
دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغان مۇمىيا . يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئادەملەر ‹‹ھۆل مۇمىيا›› دەپ ئاتالغان . ئۇلارنىڭ يەككە ھۈجەيرىلىرىدە تېخىچە نەملىك بار بولغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئېلاستىكىلىققا ئىگە ، يەنە چوڭقۇر ئىلمىي تەكشۈرۈشكىمۇ يارايدۇ . مۇمىيا بايقالغاندا 40 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ، 2.7 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ، 6.7 مېتىر كەڭلىكتىكى تاغ جىنسى جىلغىسىدا ياتقان بولۇپ ، ئېرىگەن مۇز سۈيى ۋە مۇز پارچىلىرىدىن پەقەت بۇ جەسەتنىڭ ئارقا مېڭە دوقىسى ، يالىڭاچ مۈرىسى ۋە دۈمبىسىنىڭ بىر قىسمىنىلا غۇۋا كۆرگىلى بولغان . مۇزلۇقتا بولغاچقا ، سۇ بۆلگۈچنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىش ئىنتايىن تەس بولغان ، ئۇنىڭ بايقالغان ئورنىنىڭ ئىتالىيە ياكى ئاۋستىرىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىقلانمىغان . 1991–يىلى 2–ئۆكتەبىردىكى چېگرا تەكشۈرۈشتە بۇ مۇمىيانىڭ ئىتالىيەدىكى تىرولنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىنىڭ 92.56 مېتىرلىق يېرىگە جايلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن . كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ بۇ جەسەتنى مۇزلۇقتىن تارتىپ چىقارغان ، جەسەت بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان تېرە ، يۇڭ ، ئاسما باغ ۋە قۇرۇق ئوت–چۆپ كاللىكى بىللە چىققان . [a1998–يىلى 16–يانۋار، مۇز ئادەم ئىنىسبرۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاناتومىيە تەتقىقات ئورنىدىن جەنۇبىي تىرول ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا يۆتكەپ كېلىنگەن . مۇز ئادەم بىر قاراڭغۇ ئۆيگە ياتقۇزۇلغان ، قاراڭغۇ ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃41–، نىسپىي نەملىكى %98 بولۇپ ، مۇزلۇقنىڭ مۇھىتىغا تەقلىد قىلىنغان . مۇمىيانىڭ بارا–بارا سۇ تەركىبىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، بۇ قاراڭغۇ ئۆينىڭ تاملىرىغا مۇز فارفور خىش چاپلانغان . گوللاندىيەلىك مۇتەخەسسىس ئالفونسې بىلەن Adrie.Kennis قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئۆلچەپ–سىزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ مۇمىيانى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن . سۈرەتتىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، Oetzi نىڭ كۆزى قوڭۇر رەڭدە ، ساقىلى كالتە ، يىل بويى تاغلىق رايوندا پىيادە يۈرگەچكە ، يۈزىنى قورۇق باسقان . ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.7 مېتىر ، ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام كېلىدۇ . بۇ مۇمىيا ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە بولۇپ ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن .


مەنبە:url]http://www.xirinqux.com] |
|