baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 2

مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيلەشنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

54

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1419 سەر
تىللا
10230 دانە
تۆھپە
1074 سەر
شۆھرەت
946 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 12:30:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيلەشنىڭ سىرى

مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۇرئەت قىلالايدىغان پەزىلەتنىمۇ ئۆسمۇرلۈك چاغدىن باشلاپ يېتىلدۇرۇش كېرەك. بەزىدە بالا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئايلۇق، ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى چېقىۋەتسە ، ئۇنى بالىنىڭ ئۆزىگە تۆلەتكۈزۇش كېرەك.
بۇ،بالىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى بالىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىلدۇرگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق تەربىيەلەش نەتىجىسىدە، ۋاقىتنىڭ ئۈزۇرىشىغا ئەگىشىپ بالا بەزى ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۇرئەت قىلىدىغان بولىدۇ. بالىنى باتۇرلۇق بىلەن  مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇنىڭغا، ئۆزىنىڭ تۆلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۇرۇش كېرەك. خارۋارد ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇۋاتقان جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچى شياۋ مىڭ مۇنداق بىر ئىشقا يولۇققان :
شاۋمىڭنىڭ تۇنجى قېتىم ‹‹مەسئۇلىيەت ››دېگەن ئۈقۇم بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتى ئۇنىڭ كىچىك ۋاختى بولۇپ، بىر كۇنى ئاتا-ئانىسى ئۇنى بىر دوستىنىڭ ئۆيگە ئوينىغىلى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، چوڭلار ئۆز-ئارا پاراڭغا چۇشۇپ كېتىدۇ. شىياۋ مىڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويۇنغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ، تازا قىزىشىپ ئويناۋاتقاندا،شىاۋمىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن كىرىسلونىڭ يېنىدا تۇرغان چايداننى چېقىۋېتىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى چايداندا قايناق سۇ ئانچە كۆپ ئەمەس بۇلۇپ، بالىلارغا زەخمى يەتمەيدۇ. ئاتا-ئانىسى شىياۋمىڭنىڭ بۇنداق ئېھتىياتسىزلىق قىلغىنىنى ،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولغىلى بېرىپ تېخى ئۆي ئىگىسىنىڭ چايدىنىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەمدىلا بىر نەچچە ئېغىز ئەيىپلەي دەپ تۇرۇشىغا،ئۆي ئگىسى دەرھال كىلىپ شىياۋمىڭنى پەپىلەپ :‹‹ھېچقىسى يوق ،ھېچقىسى يوق، بالىلار ئوينىغاندا بىرەر نەرسىنى چېقىۋەتسە ھېچقىسىسى يوق، بۇھېچقانچە ئىش ئەمەس ››دەيدۇ .
ئۆي ئىگىسى سۈرۈشتۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن شىياۋمىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى :‹‹بۇ ئاددى ئىش ئەمەس، چايداننى چېقىۋېتىش گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، بۇ ئشنى مۇشۇنداقلا بولدى قىلىۋەتسەك، بۇنىڭ بالىغا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، نەتىجىدە، بالا ‹خاتا ئىش قىلساممۇ ھېچ نىمە بولمايدىكەن ›دەپ ئويلايدۇ-دە، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، بۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان يامان ئادەت يىتىلىپ قالىدۇ ››دەپ ئويلايدۇ.
دوستىنىڭ ئۆيىدىن قايتقاندىن كىيىن ،ئاتا-ئانىسى ئۇدۇل  ئۆيىگە  قايتماستىن، شىياۋمىڭنىڭ ماگىزىنغا بىللە ئاپىرىپ بىر چېيدان سېتىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىياۋمىڭ :‹‹ئاتا، ئانا، بىر چېيدان سېتىۋېلىپ نىمە قىلىمىز ؟››دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى :‹‹بايىقى ئۆي ئىگىسى تاغاڭغا تۆلەپ بىرىمىز!››دەيدۇ. شىياۋمىڭ :‹‹لېكىن، بايا تاغام ھېچقىسى يوق ،دېگەنىدىغۇ، .ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ يا قەستەن چېقىۋەتمىسەم، بىز يەنە نىمە ئۈچۈن تۆلەپ بىرىمىز ؟››دەيدۇ.
شىياۋمىڭنىڭ ئاتىسى:‹‹شىياۋمىڭ ،بىر ئادەم خاتا ئىش قىلغان ئىكەن ،ھەرقانچە كىچىك ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭغا مەسئۇل بۇلۇشى كېرەك ››دەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، شىياۋمىڭنىڭ كۆڭلىدە ‹‹مەسئۇلىيەت ››ئۇقۇمى پەيدا بۇلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ،ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
چەتئەللەردە ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار بۇخىل مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ. تۆۋەندىكىسى ئامرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگانغا دائىر ھېكايىدۇر.   
ئەينى چاغدا، 11ياشلىق رىگان پۇتبول تىپىشكە ناھايىتىمۇ ھېرىسمەن ئىدى.بىر قېتىم، ئۇ تەپكەن توپ ئېھتىياتسىزلىقتىن قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىگە تىگىپ كېتىپ دېرىزە ئەينىكى ‹‹جاراڭ-جۇرۇڭ ›› قىلىپ سۇنۇپ كىتىدۇ. قوشنىسى رىگاندىن 12.5دوللار تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەينى چاغدا، 12.5دوللار خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى. بۇ پۇلغا 125 مېكىيان سېتىۋالغىلى بولاتتى.
رىگاندا نەدىمۇ 12.5دوللار بولسۇن؟ ئۇ ئامالسىز ئۆيگە بېرىپ ئاتىسىدىن پۇل سورايدۇ. ئاتىسى ئىشنىڭ جەريانىنى بىلگەندىن كېيىن رىگانگا : ‹‹ئۆزىڭ ئامال قىل ››دەيدۇ.  رىگان قىينالغان ھالدا : ‹‹ ئاتا، مەندە ھەقىقەتەن 12.5 دوللار يوق ›› دەيدۇ. ئاتىسى بىردەم ئويلانغادىن كېيىن، يانچۇقىدىن 12.5دوللار نى چىقىرىدۇ رىگانغا : ‹‹ بۇ پۇلنى ھازىرچە ساڭا ئۆتنە بىرەي، بىر يىلدىن كېيىن چوقۇم قايتۇرشۇڭ كېرەك›› دەيدۇ. رىگان ئەستايىدىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ رىگان سىرتلاردا ئشلەمچىلىك قىلىپ ، يېرىم يىللىق تىرىشچانىلىق ئارقىلىق ئاخىر 12.5دوللار پۇل تېپىپ، ئاتىسىغا قايتۇرىدۇ.رىگان ‹‹ئەسلىمە ›› سىدە چۈشەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ دەل مۇشۇ ئىش ئارقىلىق، مەن نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى، مەسئۇل بۇلۇشقا جۈرئەت قىلغانلىق مۇستەقىللىقنى ئىپادىسى ئىكەنلىكنى بىلۋالغانىدىم.›› ئەگەر ئۇنىڭدا ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولمىغان بولسا، كىيىنكى چاغلاردا ئۇ ئامرېكا زۇڭتىڭى بولمىغان بولاتتى.
ھازىرقى زامان تەلىم –تەربىيە نەزەرىيەسى،ئارقىلىق، بالىلارنىڭ مەسئۇل بۇلۇش روھىنىڭ يىتىلدۇرۇش، بالىلارنى ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان، مۇستەقىل ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.
ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى توغرا بولغاندىلا ،بالىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ
بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ يىتىلدۈرۈش كېرەك، بالىغا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ قۇربىيى يىتىدىغان ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇش، ھەتتا ئىككى ياشلىق بالىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيۇنچۇقلىرى، ئۇخلاش كىيىمى قاتارلىقلارنى يىغىشتۇرالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك. 13-14 ياش ئەتراپىدىكى بالىلار خېلى كۆپ ئۆي ئىشلىرىنى مۇستەقىل قىلالايدىغان ياردەمچىگە ئايلىنىلىشى، ئۆينىڭ بەزى كۈندىلىك ئىشلىرىغا قارار چىقىرىش ئۆي ۋە قورۇنى تازلاش، رەتلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بۇلالىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىغا زىيادە كەڭ قورساقلىق قىلىپ، بالىنى زىيادە ئەركىلەتسە، ئۇنى ھۇرۇن، يۆنىلىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەم قىلىپ قۇيىدۇ،بۇنىڭ زىيىنىنى ناھايىتى چوڭ،
تەربىيە ئۇسۇلى توغرا بولغاندىلا،تەربىيەلەش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئامرىكىنىڭ ئىچكى كابىنىتىغا قەدەم باسقان جوڭگۇلۇق مۇھاجىر جاۋشاۋلەن خانىم ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى سەھنىسىدىكى يېڭى يۇلتۇز،دەپ قارالماقتا .جاۋ خانىمنىڭ كەسىپتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۇنىڭ سۆزى بۇيىچە ،ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ بەرگەن ياخشى تەربىيەسنىڭ پايدىسى ئىدى .
جاۋشاۋلەن تەيۋەندە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى جاۋشىچىڭ دېڭىز تىرانسىپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇ ئەسلىدە تەيۋەن يىراق ئوكيان كېمە ئەترىتىنىڭ ئەڭ ياش كاپىتانى ئىدى. شاۋلەن 8ياشقا كىرگەندە ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ نىيورۇكقا بېرىپ ئاتىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا جاپالىق ئىدى .بىر ئائىلە كىشىلىرى نىيورۇكتىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيدە قىسىلىپ تۇراتتى. ئاتىسى ئۈچ كىشلىك خىزمەت قىلاتتى ،ئانىسى ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى ۋە نەچچە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.
جاۋشىچىڭ تىرىشىش ئارقىلىق، ناھايىتى تىزلا تىرانسىپورت ساھەسىدە باش كۆتىرىدۇ، ئىشلىرى تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، ئائىلە تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىدۇ، شۇنداقلا شۇ جايدىكى خېلى نامدار شەخسكە ئايلىنىدۇ .لېكىن ،بېيىغان ئاتا بالىلىرىنى يەنىلا ئاددى پۇخرالار ئوقۇيدىغان ھۈكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتىدۇ، بالىلار سىرتتا مەيلى قانچە پۇل خەجلىسۇن ،ئۆيىگە تالون ئەكىلىپ تىزىملىتىشى كېرەك ئىدى. جاۋشىچىڭ :‹‹بۇ پىخسىقلىق ئەمەس، بەلكى بالىلارغا مۇستەقىل بۇلۇشنى ،ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ياشاشنى ،پۇلنى قانداق ئىشلىتىشنى ھەمدە ئىختىسادى ئاڭ يىتىلدۈرۈشنى بىلدۈرگەنلەك ››دەيتتى .شاۋلەننىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئاتىسىنىڭ تەلىملىرى پايدىلىق رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە ئانىسىنىڭ سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنىڭمۇ كۆپ پايدىسى بولغان .ئانسى جۇمۇلەن ئىنتايىن ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەچكە، بالىلارنى  دەپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىنمۇ ۋاز كىچىپ ،ئۈچ بالىنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
جاۋ شىچېڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ زور ياخشىلىنىش بولۇپ، ئائىلىگە غۇجىدار تەكلىپ قىلىدۇ. لېكىن شاۋلەننىڭ ئانىسى بۇنىڭلىق بىلەن بالىلارنى بىكار قويمايدۇ. ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى يۇيۇشن، كارىۋىتىنى رەتلەشنى، ھۇجرىسىنى تازلاشنى تەلەپ قىلاتتى. جاڭشىچىڭ ئەر خۇتۇن يەنى باللىىرىنى ئائىلە ئىشلىررىدا تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇراتتى. مەسلەن، ئاتا-ئانا ھەر ھەپتىدە  ئائىلە يىغىنى ئېچىپ ، باللىرىنى پىكىر قاتناشتۇرغۇزاتتى، ئويلىغانلىرىنى دېگۈزەتىتى. پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويغۇزاتتى، شۇنداقلا باللىرىنى بۇ ئىشلارنى ئىش  تەقسىملەپ ئۈستىگە ئېلىپ ئورۇنلاتغۇزاتتى،.
ئەگەر مېھمان چاقىرىشقا توغرا كەلسە، ئۈچ قىز نىڭ ‹‹كۈتكۈچى›› بۇلۇپ،مېھمانلارغا  چاي قۇيۇپ، تاماق ئەكىلەتتى. باللىلارنى ئائىلە ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇشتا،ھەرقايسىنىڭ مەسئۇل بۇلىدىغان ئىش تەقسىماتى بار ئىدى. ئۆزىنىڭ ھۇجىرىسى ۋە كىيىم –كىچىكىنى، چىملىقتىكى، ياۋا ئۆت- چۆپلەر نى ۋە سۇ ئۇزۇش كۆلچىكىنى ئۆزلىرى تازىلايتتى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىكى 120ئىنگىلىسچىسى كېلىدىغان ئاسفالىت يولنىمۇ بالىلار ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ياسىغانىدى. ئانىسى جۇمۇلەن مۇنداق دەيدۇ:‹‹بۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئائىلىسى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بالىلارغا كىچىكىدىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، تېنىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇپلا قالماستىن ، يەنە بالىلارنى ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇيۇش روھىنى يىتىلدۇرىدۇ،شۇنڭ بىلەن بىللە، يەنە ئائىلە ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تۇققانلىق مېھرىنى كۈچەيتىشنىڭ بىر خىل شەكلى ›› . جۇمۇلەننىڭ بۇ سۆزلىرى ئىنتايىن ئۇرۇنلۇق  بۇلۇپ، ئاتا-ئانىلارنى ئۆرنەك قىلىشىغا  ئەرزىيدۇ.
جاۋشياۋلەن خانىم كىيىن ئەسلا مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئەينى ئاتا-ئانىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ياق تۇرمىساقمۇ، بۇگۇنكى كۇندە ئويلاپ باقسام، ئۆي ئىشلىرىنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئورنىنى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئالالمايدىكەن.››
ۋاشىنگوتوندىكى يۇقىرقى قاتلام چەبىرىكى  دائىرىسىگە كىرگەن جاۋ شاۋلىيەننىڭ بىلىمى، تەربىيەلىنىشى، ئىش بىجىرىشى  ئىقتىدارى، كوللىۋېتىزىملىق ، روھى، ھەتتا ئا شۇ مۇلايىملىق ھەم لايىقىدا تارتىنچاقلىق ئارلاشقان نازاكىتى ۋە شەرىقلىق ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى  مۇجەسسەملەنگەن لاتاپىتىگە زۇڭتۇڭدىن كەسىپ داشلىرىغىچە، ھەتتا ئاخپارات ۋاستىللىرىگىچە بىردەك يۇقىرى باھا بىرىدۇ. ھەمما كىشى  ئۇنىڭ ئامېرېكا ئىچكى كابىنىتىغا  تۇنجى بۇلۇپ كىرگەن جۇڭگو مۇھاجىرى بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ   ئامىنىتى كەلگەنلىكىدىن بولغان ئەمەس ،دەپ قارايدۇ. سابىق زۇڭتۇڭ چوڭ بوشنىڭ ئەينى يىللىرى خانىمدىن جاۋ ئائىلىسىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىشمۇ ھەرگىز تەكەللۇپ ئەمەس ئىدى. مانا بۇ باھا ئامېرىكىلىقلارنى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە باشقىچە قارايدىغان قىلغانىدى. شەرىقلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن غەرىپلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىك جەھەتتە، خاۋ خانىم بىر نىمە دەپ باھا بەرمىگەن. ئۇ پەقەت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۇن قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، تۇغقانلىق  مېھرىدىن زور خۇشاللىققا ئېرىشكەنىدى.
كىشىلەر ھەمىشە، ‹‹ئاتا-ئانا-بالىلارنىڭ ئەينىكى››، ‹‹ئاتا-ئانا-بالىلار مەڭگۇ ئوقۇپ تۇگىتەلمەيدىغان كىتاب››دېيىشىدۇ. ئەگەر بالا تۇرمۇشتىكى ئىلھامدىن بىر خىل كۈچكە ئېرىشسە، ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.
ماگارىت ساچىر خانىم ئاددىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئايال بولۇپ، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولغان، شۇنداقلا ئۇدا ئۇچ قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن، زور خەلقئارا ، دۆلەت ئىچى مەسىلىلىرىدە ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق، كۆز قارىشى ئىنىق، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىش قىلىشتا كەسكىن بولۇپ، خېلى ئۈزاق بىر مەزگىل پۈتكۈل ئەنگىلىيە، ھەتتا ياۋرۇپاغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋرۇپا سىياسىي سەھنىسىدىكى ‹‹تۆمۈر خوتۇن ››دەپ ئاتالغان .
ساچىر خانىمنىڭ ھاياتىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە يېتىلدۇرگەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىگە ئىشىنىشتىن كەلگەنلىكىنى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن! ئۇنىڭ ئاتىسى ئادەتتىكى مىلىچمال دۇككۇنىنىڭ خۇجايىنى ئىدى.
كىچىك مارگانتنىڭ ئاتىسى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قۇياتتى. ئۇ 10ياشقا كىرگەن يىلى ئاتىسى ئۇنى مىلىچمال ساتقۇزغان. ئاتىسىنىڭ نەزىرىدە، ئۇنىڭ بۇيرىغىنىنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ قۇربىي يېتىدىغان ئىشلار بولۇپ، قىزنىڭ‹‹قىلالمايمەن››ياكى ‹‹قىيىنكەن›› دېگەن گەپلەرنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرەتتى.
ماگارىت مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا ئەركىن ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ساۋاقداشلىرى دوستلىرى بىلەن كوچىلاردا تاماشا قىلاتتى. ئويۇنلارنى ئوينايتتى، ۋېلىسپىت مىنەتتى. يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇلار يەنە باھار ھىدى قاپلىغان تاغلاردا چىقىپ دالا تامىقى يەيتتى.
نېمىلا دىگەن بىلەن بالا بولغاچقا، مارگارېتنىڭ كۆڭلى ئازدۇر-كۆپتۇر يېرىم بولاتتى، ئۇ ساۋاقداشلىرىدەك ئەركىن  -ئازادە ئوينايدىغان پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بىر كۈنى، ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ قەتئىي قىياپەتتە ئاتىسىغا :‹‹ئاتا، مېنىڭمۇ ئوينىغۇم بار ››دەيدۇ.
ئاپىسى قاپىقىنى تۇرگەن ھالدا :‹‹چوقۇم مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولۇشىڭ كېرەك! دوستلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلغىنىغا قاراپلا سېنىڭمۇ شۇنى قىلغۇڭ كەلسە بولمايدۇ. ئۆزۇڭنىڭ نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۆزۇڭ بەلگىلىشىڭ كېرەك، باشقىلارغا ئەگەشمە›› دەيدۇ.
دەل مانا مۇشۇنداق ئائىلە تەربىيەسى مارگارېتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىگە ئىشىنىشنى يېتىلدۇرگەن بولۇپ، مۇستەقىل، تەۋرەنمەس خارەكتىر ھەمىشە ئۇنىڭدا بىر خىل پىسخىكىلىق ئۈستۇنلۇك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى .
مارگارېت ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ھەمىشە ئادەم تەكلىپ قىلىپ نۇتۇق سۆزلىتىلەتتى، ھەر قېتىم نوتۇق ئاخىرلاشقاندا، ئۇ ھامان بىرىنچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ دادىللىق بىلەن سوئال سورايتتى. ئۇنىڭ سوئالى مەيلى بالىلارچە ساددا بولسۇن ياكى چوڭقۇر بولسۇن، ئۇ ھامان قىزىقىش ئىچىدە ئوتتۇرىغا قۇياتتى قىلچىمۇ قورۇنۇپ قالمايتتى، باشقا قىز ئوقۇغۇچىلار ھەمىشە تارتىنچاقلىق بىلەن ئېغىزىدىن گەپ چىقىرالماي، بىر-بىرىگە قارىشىپ ياكى تورۇسقا قارارپ ئولتۇرۇشاتتى ياكى قىزىق نەزىرى بىلەن مارگارىتقا قارايتتى.
ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، مارگارىت مەكتەپتىكى ئەھۋاللىرىنى ئاتىسىغا دوكلات قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇئەللىمدىن سوئال سورىغىنىنى ئېيتقىنىدا، ئاتىسى ئۇنى رىغبەتلەندۇرۇپ :‹‹بالام، سەندە بۇنداق ئىشەنچ بولغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلىنۋاتىمەن . كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق مۇنازىرىچى بولالايسەن›› دەيتتى.
كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپ تەربىيە پوزىتسىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.(02)
‹‹مەسئۇلىيەتچان بالا تەربىيەلەشتىكى 66تەدبىر›› ناملىق كىتابتىن .
ئۆزۇم كىرگۇزگەن

باھا سۆز

ئامان ياخشى تېما ئىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:20
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:24:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز. رەخمەت سىزگە.
پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، بالىلارنى قايسى جەھەتتىن تەربىيەلەيلى تەربىيەدە ھامان ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بۇلۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

808

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8486 سەر
تىللا
6722 دانە
تۆھپە
5583 سەر
شۆھرەت
6102 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 11:52:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئەھمىيەتلىك ھەم ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز كۆپ رەھمەت سىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 05:40, Processed in 0.691641 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش