ئائىلىنىڭ چىرىغى ئۈچۈپ قالمىسۇن ھازىر خېلى كۆپ شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە ئۆيىدە قازان قاينىمايدىغان يامان بىر تەتۈر ئېقىم باش كۆتۈردى . بۇھالەتنى ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى سۇسلاشتۇرغان ، چىرىغىنى خىرەلەشتۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . چۈنكى ئائىلىدە قازان ئېشىنىىڭ خاسىيىتى ئىنتايىن چوڭ ئۇئائىلە ئەزالىرىنى بىر داستىخانغا جەم قىلىدۇ. بالىلارنى ئىشچان قىلىدۇ. بالىلارغا ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. ئاتا- ئانىغا بولغان مېھىر -مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. قائىدە-يۇسۇن، ئۆرۈپ -ئادەت ۋە ئەنئەنە تەربىيىسىنىڭ ياخشى دەرسخانىسى بۇلىدۇ. بالىلار ئۆي تۇتۇش ، ئۆي باشقۇرۇش پەرزنت تەربىيەلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن ئوزۇقلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە قازان ئېسىلمىسا ،پەرزەنتلەر يۇقىرىقى تەلىم -تەربىيە ئاساسلىرىنى نەدىن ، نىمىدىن ئالىدۇ؟ ئاممىۋى ئاشخانىلاردىن ئالامدۇ؟ نۇرغۇن بالىلىرىمىز ئائىلە مىھرىگە قانمايۋاتىدۇ. ئۇلار تۇغۇلۇپ ئەمدىلا ئانىسى ۋە ئاتىسىنى تونۇغىدەك بولغاندا يەسلىگە تاپشۇرىلىدۇ. يەسلىدىن چىقىپ مەكتەپكە تاپشۇرىلىدۇ . يەسلىگە بىرىلمىگەن بالىلار چوڭ ئانىسى ۋە ئۆي خىزمەتچىلىرى (بالا باققۇچى قىزلار )غا تاپشۇرىلىدۇ .ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز .مەكتەپتىن كەلگەن بالا تەڭ كىچىگىچە تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۇخلاپ قالىدۇ . ئەتىگەندە راسلاپ قويغان ناشتىلىقنى يەپ مەكتەپكە كىتىدۇ. بەزى بالىلار تېخى ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىقمۇ ئېرىشەلمەيدۇ . مەكتەپكە ماڭغاندا قولىغا بەش يۈئەننى تۇتقۇزۇپ ، ئاشخانىدىن يىيىشكە ئۇرۇنلاشتۇرىلىۋاتىدۇ .ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە پەرزەنتلەر سەككىز سائەت ئوقۇپ چارچاپ كەلگەندە بىر قاچا ئىسسىق تاماق يوق ، چاي ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ ، ئۇلار داستىخان ئۈستىدە بىر تاۋاق ئاشنى تەڭ تارتىشىپ ، ‹.‹ئېلىڭ ،بېقىڭ ››بىلەن خۇشچاقچاق ئۇزۇقلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار دىن نىمە ئۈچۈن ئكيىدە ئاش تاماق ئەتمەيدىغانلىقى سورالغاندا ، ئۇلار ئەسلى ئىشنى يۇشۇرۇپ ، خىزمەت ئالدىراش ، تاماق ئىتىشكە نەدە چولا بولسۇن . دەپ جاۋاب بىرىشتى، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ياش ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاماق ئېتىشنى ،مېھمان كۈتۈشنى بالا، بالا تەربىيەلەشنى ئۆي تۇتۇشنى بىلمەيدۇ. بىزنىڭ ‹‹كۈيۈملۈك ››مىھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمىز،بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنگەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئۇلارنى ئاشۇنداق بۇلۇمسىز قىلىپ قويغان . ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئېغىرلىشىپ كەلمەكتە. ئاشپۇزۇللارنىڭ تەييار تاماقلىرى ئۇلارنىڭ بۇ بولۇمسىزلىقلىرىنى ياپىدىغان قالقانغا ، ‹‹خىزمەت ئالدىراشلىقى ››دىگەن سۆز ئۇلارنىڭ باھانىسىگە ئايلانغان، ئەمىلىيەتتە خىزمەت دىگەن خىزمەت ، ئائىلە دىگەن ئائىلە، ھەر قايسى يوللۇق ئۇرۇنلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ. ئەسلىدىن ئالغاندا خىزمەت قىلىشتىكى مەقسەت ئۆي تۇتۇش، پەرزەنتلەرنى قاتارغا قۇشۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان ئادەم خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان ئادەم خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانداقمۇ توغرا ئادا قىلالىسۇن؟ يەنە بىر سەۋەپ ياش ئانىلىرىمىز تاماق ئىتىشنى ئېغىر ئالىدىكەن ، تاماق ئىتىش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرسا ‹‹بۇدرۇق ››قوللىرى قورايدەك سەتلىشىپ كىتەرمىش .جاپادىن ‹‹ئايدەك ››يۈزلىرىگە قورۇق چۈشۈپ قېرىپ كىتەرمىش . ئەسلىدە ھېچقاندائادەم ھاياتنىڭ قانۇنيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . بەلكىم خېمىر يۇغۇرماي، قاچا يۇماي بازارنىڭ تەييار تامىقى بىلەن يۈرەر، بىراق ۋاقتى كەلگەندە تەبىئىي قانۇنيەتكە قانداقمۇ ئار تۇرالىسۇن! مانا شۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن جاپا تارتماي ئۆتتۈم دېگەن شۇ كۈنلىرى ھېلىقى ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا ،مېھىر -مۇھەببىتىگە قانمىغان ،تەربىيە تاپمىغان بالىلارنىڭ قۇرامىغا يېتىشىگە ئەگىشىپ بىر جاپاسى مىڭ بولىدۇ ،قىزىل مەڭزى زەپىراندەك سارغىيىدۇ .كۆرىۋاتىمىز ،ھازىر خېلى كۆپ ياشلار يەنىلا ئاتا-ئانىسىغا يۆلەنمەكتە. ئايىغى ئۈزۈلمەيدەغان جايلارنى، توي-تۈكۈن ئولتۇرۇشلارنى ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويغان يەنە بىر سەۋەپ دىيىشكە بولىدۇ. بىز بۇ ئىشلارنى ‹‹ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك ››مىللەت بولغانلىقىمىز، شۇنچە ئىناق ئىتتىپاق بۇلۇپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇق؟ ياق بىزدىكى بۇخىل دولقۇن ناتوغرابەسلىشىش ،سەندىن مەن قالامدىم دېگەن غوم بىلەن تۆر تالىشىۋاتقانلىقىمىزدىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنى قانداقمۇ ئىنساپلىق دەپ قارىغىلى بولسۇن؟ ئۇ بۇنى كىيىپتۇ ، بۇنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپتۇ، پالانى دىگەن قانچىلىك ئادەم ئىدى دېگەندىن باشقا ئۇرۇن يوق . شۇ سەۋەبلىك بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەنقىدىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى، گېزىت -ژۇرنال ،رادىيو تېلىۋىزورلەردە مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە كۆپ مۇھامىكىلەر ئېلىپ بىرىلدى . بىراق رىستۇران قىزغىنلىقى پەسىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئەكىسچە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ كەتتى. پېقىرنىڭ بىلىشىچە، بۇيىل ئاياللار بايرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شۇنچە كۆپ رىستۇرانلار يېتىشمىدى. ئەسلىدە بۇخىل تاچار ئادەت ناھايىتىمۇ ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە سادىر بولغانىدى .بىز بارا-بارا توغرا چۈشۈنىپ ، ئىلمىي قاراپ بۇ ئىشلارنى پەرۋايىمىزغا ئالمىدۇق .مانا بۈگۈنگە كىلىپ بۇ قۇشۇننىڭ سانى بارغانچە ئاۋۇپ ، ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغىلى تۇردى . ھەي ئەركەكلەر ، خانىم -قىزلار !بىر كۈنلۈك بايرامنى چىرايلىق ، كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ پەرزەنتىڭلار پەرزەنتىڭلار بىلەن تەبرىكلىسەڭلارمۇ ئۆزۈڭلارمۇ چەكسىز خۇشاللىق تاپقان ، بالىقىرىڭلارغىمۇ چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلغان بولمامسىلەر ؟ شۇنى ھەقىقىي تۇنۇپ يىتىشىمىز كېرەككى ،ئەگەر بىز ھەقىقىي بىر ئائىلە قۇرۇپ ئۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرىدىغان بولساق ، ئۆي دىگەن بىر جەننەت ، ئۇ بەخىتنىڭ بۇلىقىغا ئايلىنىلىدۇ ئۆي تامىقى گەرچە قۇرۇق سۇغا سېلىنغان بولسىمۇ ، ئۇ بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە بارىدۇ . ئۆي تامىقى پاكىز ، ئۇنى شەك كەلتۈرمەي ھۇزۇر بىلەن يىيەلەيمىز. شۇتاپتا مۇنداق بىر ھىكايە ئېسىمگە كىلىپ قالدى :بىر شاھزادە ئىنتايىن ئەقىللىق، زېرەك تۇيغۇن بالا بولۇپتۇ. ئۇ شاھ دادىسىنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى ، دىمەكچى بولغانلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلىۋالىدىكەن . بۇنىڭدىن پادىشاھ بىر ئاز ئەنسىرەپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باش ۋەزىرگە ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىكەن . باش ۋەزىر ‹‹ئەگەر بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمىسىلا بۇنىڭ چارىسىنى ئۆزۈم قىلاي›› دەپتۇ ۋە شاھزادىنى ئوردىنىڭ تامىقىدىن ئايرىپ رەستە-بازاردىن تاماق ئەكىرىپ بېقىپتۇ .ئارىدىن 40 كۈن ئۆتكەندە شاھزادە شاھ دادىسىنىڭ ئويلىغىنىنى ۋە دىمەكچى بولغانلىرىنى ئالدىن مۆرچەرلەش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بوپتۇ . گەرچە بۇ ھىكايە بولسىمۇ، خەلقىمىز مەينەتچىلىك ئەقىلنى بۇلغايدۇ، دەپ بىكار ئېيتمىغان ئەگەر بىز ساغلام ئەقىل، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولىمىز دەيدىكەنمىز ، ئۆز قۇلىمىز بىلەن پاكىز تائام ئېتىپ يەيلى ، بالىلىرىمىزغا ئۆز قۇلىمىز بىلەن پاك تائاملىرىمىزنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل -پاراسىتىنى قوغدايلى . بىز ھەممىمىز ئۆيىمىزدە ئىللىقلىق ، مىھرىبانلىق تاپايلى ، پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئاتا -ئانىنىڭ مېھىر -مۇھەببىتىنى ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلسۇن !ئىسىمىزدە بولسۇنكى، مورىسىدىن تۈتۈن چىقمىغان ئۆي قەبرىستاندۇر! مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى 2012.3سان |