- تىزىملاتقان
- 2012-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4134
- نادىر
- 0
- تېما
- 51
- يازما
- 759
 
- يوقلىما
- 84
قىزغىنلىق- 1168 سەر
تىللا- 198 دانە
تۆھپە- 841 سەر
شۆھرەت- 844 سەر
| بالامغا قاراپ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سىزىكىمدىن ئانىلارنىڭ مۇشەققىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولدۇم .مەن باشتىن كەچۈرگەن بىئارامچىلىقلارنى باشقىلارنىڭمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مۇقەددەس كىتابلاردىكى ‹‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ››دىگەن ھىكمىتىنىڭ تەكتىگە يىتىپ، يۈرىكىم ئوتتا كۆيگەندەك ،بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلاشقاندەك، مىڭەم چىڭقىلىپ ‹‹ئاھ!!››دەپ ئاچچىق تولغاندىم .ئانامدىن، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن تىلفۇنغا مۇراجىئەت قىلىمەن. تىلفۇن ئارقىلىق تاراۋاتقان بىر كۈچ مېنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئانا بۇلىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ، پەخىرلىنىش ئىلكىگە ئالاتتى. ئانام ‹‹بالاڭ مىدىرلىدىمۇ؟ بالا مىدىرلىسا قاپاق تارتقاندەك سىزىم بۇلىدۇ. دىققەت قىل، ئىش قىلغاندا ئاۋايلا. تولا يېتىۋالما، بولمىسا تۇغۇتۇڭ تەس بولىدۇ، ئوپىراتسىيە قىلسايېرىم جان بولدۇڭ دېگەن گەپ›› دىگەن گەپلەرنى تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلىغاندا ئاسمانغا بىر قارايمەن، كۈچكە تولىمەن. بەزىدە بالامنىڭ كۈچلۈك مىدىرلاشلىرىدىن قاپاق تارتقاندەك ئەمەس قورسىقىمدا ياڭاقچىلىك بىر نەرسە دومىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن. بەزىدە ‹‹بالام جىم ياتقىنە، قارا يامانلىقىنى›› دەپ قورسىقىمنى ئاستا سىلاپ ئۆزۈمنىڭ ‹‹بالام›› دىگىنىمدىن، ۋۇجۇمدا يەنە بىر تەننىڭ بارلىقىدىن، بىر ئېغىزدىن ئىككى تەننىڭ نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىدىن تەپەككۇرۇم قانائەتلىنىپ خىياللارغا كىتىمەن. كوچىلاردا ماڭسام بوۋاق كۆتىرىۋالغان ئاياللارغا قاراپ ئۆزۈمنىڭمۇ بىر نەچچە ئايدىن كىيىنكى ئاشۇنداق ھالىتىمنى كۆز ھالىتىمغا كەلتۈرۈپ :‹‹مەن قانداقراق ئانا بولارمەن ؟›› دىگەن سوئالنى تەكرارلايتتىم. يەتتە ئاي تۇشاي دىگەندە قىشلىق كىيىملەردىنمۇ ھامىلدارلىقىم بىلىنىپ قالغان بولسا كېرەك .كۇچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىقسام كىشىلەر ئورۇن بوشاتقانلىرىدا ئىلگىرى بىر چاغلاردا ئاشۇنداق ‹‹ئانىچاق››لارغا تالاي ئۇرۇن بەرگەنلىرىمنى ئەسلەپ: ‹‹بالا ئىدىم، بالام بۇلۇپ قالدى-ھە!›› دەپ ئۆز –ئۆزۈمگە پىچىرلاپ ئىرىمغا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويىمەن .بۇنى چۈشەنگەن ئىرىم قورسىقىمغا قاراپ كۈلۈپ كىتىدۇ . زېھنىي كۈچىنى بالا تەربىيەسىگە سەرپ قىلىش ھېچ بولمىغاندا بالا يەتتە ياشقا كىرگىچە ئۆز تەربىيەسىدە چوڭ بۇلۇش ئايال بولغۇچىنىڭ ئارمىنى ھەم ئاياللىق تەربىيىتىنى جۇلالاندۇرىدىغان خىسلەتلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟ ئاياللار ئەسلىدىنلا ئائىلىدە رول ئويناپ ئەرلەرگە شوتا بولۇپ كەلگەن. مەن ئاياللارنىڭ جەمئيەت ۋە ھۈكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى خاتالىق دېمەكچى ئەمەس ،بەلكى جەمئىيىتىمىزدىكى خىزمەت ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا يەتكۈچە جاپا تارتىۋاتقان ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى داۋالغۇشلارنى ، ئائىلىسىدە يۈز بىرىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ئىجدىمائى نۇقتىدىن چۈشىنىپ باقساق دەيمەن .ھازىر ئايال كىشىنىڭ ئالدى بىلەن بىر ئائىلىگە ئەمەس خىزمەتكە بەكرەك مەسئۇل بۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى يۈرىكىمىز ئاللىبۇرۇن ئىقرار قىلىپ بولدى .ئايال-خىزمەت-ئائىلە مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىنكاسلار ئېتۇتلىرىمىزدا، چاقچاقلىرىمىزدا، سورۇنلاردىكى پاراڭلىرىمىزدا قىزىق تىما بۇلۇپ ، ئاخىرىغا كىلىپ ‹‹ئامال يوق يۈزلىنىش ،شۇ، تۇرمۇش ئۈچۈن....››دىگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلىنىپ تاماملىنىلىدۇ. مەيلى باشقا يۇرتلاردا ياكى ئۆز يۇرتىڭىزدا خىزمەت قىلىڭ ،بالىلىق بولغاندىن كىيىن بالىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش خىزمەتتىكى ئەر-خۇتۇن دۇچ كىلىدىغان مۇھىم مەسىللەر بۇلۇپ قالدۇ. نەۋرە بېقىش ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەزگىللىك شەرەپلىك ۋەزىپىسىگە ئايلىنىلىدۇ. ئىككى ياشقا ئەمدى توشقان بالىلار يەسلى كوللىكتىپىغا كۈنلۈك ياكى ھەپتىلىك تاپشۇرىلىدۇ ،خىزمەتتىن ھېرىپ ھالى قالمىغان ئانىلار كەچتە، ياكى ھەپتە ئاخىرىدا بالىنى تىلىۋىزوردىكى كارتون دۇنياسىغا تاپشۇرىدۇ. مەلۇم بىر ئىدارىگە خىزمەت ئوقۇشۇپ بارسام ،ئۇلار پىرىنسىپ جەھەتتىن قىز –ئاياللارنى قۇبۇل قىلماسلىقنى قارار قىپتۇ. كەسپىم دەل چۈشسىمۇ ئۇلارنىڭ دېيىشىچە‹‹ھېلى توي قىلدىم، ھېلى تۇغۇمەن، ھېلى بالام ئاغرىدى، ››دەپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يىتىدىكەن ،بۇنىڭغا ئامال قانچە؟ ھېلىقى ئىدارىدىكىلەرنىڭ گەپلىرى ماڭا بەك ئېغىرمۇ كىلىپ كەتمىدى، ئاۋۋال بالام تىنىچ دۇنياغا كەلسۇن دىگەننىلا خىيال قىلدىم. شۇنداق قىلىپ ئىشخانىدىن كۈلۈمسىرەپ يانىمەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا كۆپىنچە مۇئەللىملىرىمىزنىڭ بالىلىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇپ ھەپتىدە بىر ئۆيىگە كىلەتتى.بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن قاقشىغانلىرىنى دەرس ئارلىقىدا سۆزلەپ بىرەتتى. بىز بۇنداق چاغلاردا توققۇزى تەلدەك كۆرىنىدىغان ئۇ بالىلارنىڭ پىروفىسور، دوكتور دادىلىرى. ئانىلىرىدىن قاقشىغان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يېزىلارنىڭ مەھەللىمىزنىڭ پاكىز تۇپرىقىدا ئۆتكەن تاتلىق بالىلىقىمىزدىن پەخىرلىنەتتۇق. كەلگۈسى بالىمىزدىن ۋە شەھەردىكى بالىلىقنى يوقۇتۇپ قويغان، بالىلىقىغا قانمايۋاتقان بالىلاردىن ئەنسىرەيتتۇق. خىزمەتچى ئائىلىسى مەدەنىيەت ساپاسى، بالا تەربىيىسى جەھەتتىن ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە قارىغاندا خېلى پەرىقلىنىدۇ. ئەمما ھازىر ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ بىرگە بۇلۇش ۋاقتىنى ھېسابلىساق شەنبە-يەكشەنبە كۇنلىرىمۇ بالا ئۆيدە بولالمايدۇ. كۆپىنچى شەخىسلەر ئاچقان تىل ياكى تەكرار كۇرۇسلاردا ئۆتىدۇ. تەتىل مەزگىلى تېخىمۇ شۇنداق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۇش يېشى ئىلگىركىدىن تۆۋەنلىدى. ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىدارە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئىشچى-جىزمەتچىلەرنىڭ يەسلى يېشىغا توشمىغان بالىلىرىنمۇ ئويلاشسا، ئۇلار خاتىرجەم خزمەت قىلسا بولاتتى. ھازىر كوچىلاردا ماڭدامدا بىر .ئاياللار كىسەللىكلىرى دۇختۇرخانسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى، ئاياللار ساغلامىلق مەھسۇلاتىغا دائىر ئېلانلارنى ئۇچرىتالايمىز. باشقىلار دۇچ كەلگەن مەسىلە مېنىمۇ كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بەزىدە ئاۋۋال خىزمەتنى قۇلۇمغا ئالاي باشقىسى ھەل بولار دەيمەن- يۇ، تالاي ئەر-خۇتۇنلارنىڭ بالا-ۋە ئائىلە توغرىسىدىن كىلىپ چىققان جېدەللىرىنى قۇلۇقىم بىلەن ئاڭلاپ ھەم ئۇرۇق- تۇققانلار ئارىسىدىكى بۇنداق زىددىيەتلەرنى شاھىت بۇلۇپ تۇرغاچقا، ھەقىقەتەن چۆچۈيمەن. ئەگەر خوتۇننىڭ مائاشى قوشۇلسا (ھېچ بولمىسا بالا ئوقۇشقا كىگۈچە )ئايالمۇ ئائىلىنىڭ ھۆدىدىسىدىن خاتىرجەم چىقىپ، بالىنى ياخشى تەربىيەلىسە قانداق ياخشى بولاتتى- ھە!ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بالا ئاساسەن يات بالا باققۇچىنىڭ قولىغا ياكى يەسلىگە تاپشۇرالمايدىغان ياخشى ئەنئەنە بار ئىكەن. ئۇلار بالىغا ئاتا -ئانىدىنمۇ ياخشى تەربىيە بېرەلەيدىغان باشقا بىرى يوق دەپ قارايدىكەن. جەمئىيەتكە نەزەر سالساق ھەممە خزمەت ئۈچۈندەك، ھەتتا خزمىتى بارلار ياشاشنىڭ مۇتلەق كاپالەت ھۆججىتىنى ئېلىۋالغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. ھەممىنىڭ ئاغزىدا خىزمەتنىڭ، ئىدارىنىڭ، مائاشنىڭلا گېپى. خىزمەت گويا تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىگە ئايلىنىپ بولغان. خزمەت گويا يول چىڭداش ماشىنىسىدەك، ئادەملەرنى، پەزىلەتنى، ئارماننى... دەسسەپ، پىرىسلاپ نىشانسىز بىر تەرەپكە كېتىپ باراتتى. خىزمەت ئەسلىي تۇرمىشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولسا بولاتتى. بەزىدە مەنمۇ خىزمەت بەك مۇھىمدەك ئويلايمەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكىلگەن بىر تۇنۇشۇم مەبلەغ يېتىشمەي بانكىدىن قەرىز ئالماقچى بولدى. شۇ كۈنى مەنمۇ بىللە ئىدىم، بانكا خادىمى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى، خىزمەت كىنىشكىسىنى سۈرۈشتۈدى. خادىمنىڭ دېيىشىچە دۆلەت كادىرى بولمىسا قەرىز بەرگىلى بولمايدىكەن. بۇ ئىش سىر ئەمەس. ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا بىلىم بولسىلا ھەممە ئىش راۋان بۇلىدۇ دەپ تۇلىمۇ ساددا ئويلايدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتشۇناسلىقتا نەتىجىمىز نۆل بولغاچقا، تالاي مۇشەققەتتە ئالغان بۇ بىلىم بىر چەتتە بىچارىلارچە بۇيۇن قىسىپ قالىدىكەن. كاللامدىكى بىلىمگە شاھىت بولغان دىپلوم ماڭا تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك غەمكىن قاراپ تۇراتتى..... مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى 2012-يىلى 3-سان
|
|