- تىزىملاتقان
- 2012-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 4134
- نادىر
- 0
- تېما
- 51
- يازما
- 759
 
- يوقلىما
- 84
قىزغىنلىق- 1168 سەر
تىللا- 198 دانە
تۆھپە- 841 سەر
شۆھرەت- 844 سەر
| ئۆمۈر تەلقىنلىرى ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق يىللىق تۇرمۇشنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ‹‹ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ››دىگەن بىر ئۇلۇغ ھىكمەت قانداق مەقسەتتە ، نىمە سەۋەپ بىلەن پەيدا بولغان بولغىيتتى ؟بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدەنگەنلەر قىسقىسى، ئويلىنىپ كۆرگەنلەرمۇ ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك. گۈدەك چاغلىرىمدا كۆڭلۈمگە نۇرغۇن ئارمانلارنى پۈككەن ئىدىم. شۇ ئارزۇ- ئارمانلىرىمنىڭ قانچىسى روياپقا چىقارالىدىم ؟ئويلاپ باقسام ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى رىئاللىققا ئايلانغاندەك، يەنە بىر قىسمى بولسا كۈپۈككە ئايلانغاندەك، ئۆزۈمگە ئايدىڭ ئەمەس . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇنچە ئيلاپمۇ قانائەتنىلەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم . قايتا تۇغۇلسام ئىدىم . قىلغان –ئەتكەن ، كۆرگەن –بىلگەنلىرىمنى تەپەككۇر ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ، پىكىر شەربەتلىرى بىلەن سۇغىرىو ، ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ ئابىدە خاتىرىمىلىرىمگە بىر –بىرلەپ يېزىپ ماڭغان بولاتتىم . كۆزۈمنىڭ گۈنى كىتىپ ،قۇلىقىم ئېغىرلاپ ،ھەممىدىن مۇستەسنا قالغان بۈگۈنكى كۈنۈمدە بالىلىرىم، نەۋرە-چەۋرىلىرىم شۇ خاتىرىنى ئوقۇپ ،خىياللىرىمدىن خەۋەر تاپار ئىدى. ساۋاق ئالار ئىدى ئۈمۈد بىلەن ياشار ئىدى، ئۈمىدكە تولغان بۇ كۈننىڭ قەدىر –قىممىتىگە يېتەر ئىدى …. دەر ھەقىقەت! ھەرقانداق قىزنازىنىن ھەۋەس قىلغۇدەك كىلىشكەن ،چەبداس، جەسۇر يىگىت چاغلىرىم بولغان، ئۇ ھاياتىمدىكى يۈكسەك ھىسلارغا غەرق بولغان، مەنىلىك ھەم مەنىسىز ئۆتكەن جەزبىلىك چاغلار ئىدى. ياشلىق ‹‹شاشلىق بەڭباشلىق ›› دەپ ئېيتىلغاندەك ئاساۋ، ساراڭ چاغلار ئىكەن، ئادەم بۇ مەزگىلدە ھېچنىمىدىن يانمايدىغان، قورقمايدىغان ھەممە جۈرئەت –جاسارەت بىلەن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، يۈگەنسىز چاغلار ئىدى .بۇ چاغلار ئىكەن . بۇ چاغلىرىڭنى قەدىرلىمىسەڭ گويائىچى قۇرۇق تاغارغا ، يۆلىمىسە ئۆرە تۇرالمايدىغان پور تىرەككە ئوخشىتىپ قويىدىغان چاغلار ئىكەن …… 30 ياشقا كىرگەن ئاشۇ قېنىم ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلارداتوي قىلىپ بالىلىق بولدۇم، ياشلىقتىكى شوخلۇقۇم ۋەجىدىن ‹‹ۋاقىت ››ئاتالغۇسنى ئۇنتۇپ بېشىم قايغان ، پۇتۇم تايغان يەرلەردە يۈرۈپ تۈن تەڭ بولغاندا ئۆينى تاپاتتىم. ھازىر ئويلىسام شۇ چاغدا نە ئۆيۈم ،نە خىزمىتىم بىلەن نە ئاتا-ئانام بىلەن كارىم بولماي، بەڭباشلارچە دوست تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىكەن. 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئېلىپ جىسمىممۇ ، روھىممۇ قۇۋەت بىلەن تولغان، ھەرقانداق يۈكنى ھاردىم –تالدىم دىمەي كۆتۈرەلەيدىغان قىران چاغلىرىم ئىدى ،خىزمەت چوڭلارنىڭ ھالىغا يېتىش ،كىچىكلەرگە كۈيۈنىش جەميەتتىكى تۈگىمەس قائىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېشىمدىن كەچۈرۈپ باقتىم. ئاشۇ قىران چاغلىرىمدا مەن بارمىغان سورۇن، ئوينىمىغان ئۇيۇن قىلمىغان ئىش قالمىغاندەك تۇراتتى، ئۇچاغلاردا بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ كۈنلەرمۇ مانا ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق قاچا بولسىمۇ مادار يوق ….!ھەش –پەش دىگۈچە 60 باھار –قىشنىمۇ ئۆتكۈزۈپ پىنسىيەگىمۇ چىقتىم جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك بېسىملار كۈندىن كۈنگە ئازىيىپ باردى ئىشقىلىپ كۆنگەن ئادەم بىراقلا ئىشتىن توختاپ ،بىكارچى بۇلۇپ قالسا ، خۇددى تىز كېتىۋاتقان ماشىنىنى جىددى تۇرمۇز قىلغاندەك ئادەمگە تۇلىمۇ ئېغىر كىلىدىغان ئىشىكەن. ئۆيدىكىلەردىن ھەركەت قىلغاچ كۆكتات ئەكىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتكىزىۋالدىم نەۋرىلەرمۇ بارا –بارا كۆپىيىشكە باشلىدى بالىلىرىممۇ ياشلىق –قىرانلىق چاغلىرىغا قەدەم باسقان بولغاچقا، بىزنى ئاياپ، ئوماق نەۋلىلەرنى بالىلار باغچىلىرىغا ئاپىرىپ بېرەتتى ، بىز ئۇلارنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتەتتۇق. بالىلىمىز بىزنى ھەقىقىي مىھىر –مۇھەببىتى بىلەن ئايىغانمىدۇ ياكى قېرىلار دەۋرىگە يىتىشەلمەي قالدىم بالىلىرىمىز نى +دۇنيادىكى يېڭى –يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلالمايدۇ ياكى ئۇلارغا يېڭىچە بىلىم بىرەلمەيدۇ دەپ ئەنسىرەمدىغاندۇ ؟ئۇنداقمۇ ئەمەستۇر بەلكىم ، ھازىرقىلارنىڭ بىلىدىغىنى بىزنىڭكىدىن كۆپ….. 80 ياشقىمۇ كىردىم ئەمدى تىك تۇرالماي مۈكچىيىدىغان ھاسا شىلىتىپ گەپ قىلىدىغان ،دۇختۇرخانىدىن بىرى كىلەلمەيدىغان ، قارغىشلىق قىلىدىغان ، ئىشقىلىپ پۇتى تۇرۇپ ماڭالمايدىغان ، ئېغىزى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەيدىغان ، كۈزى تۇرۇپ كۈرەلمەيدىغان بولدۇم شۇتاپتا بىر پۇتۇم ساڭگىلدى . ياشلىقتىكى ئارمانلىرىمنىڭ قانچىلىكى ئىشقا ئاشتى ؟ مەندىن ھەقىقەتەن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقمۇ ياكى شۇ دەرماننى ئارمانغا ئىشلەتكۈدەك دىت يوقمۇ؟ ھاياتىمدا خۇشال بولغيدەك نىمە ئىشلارنى قىلدىم ؟ئۈزۈم خۇش بولغان شۇ ئىشلاردىن زامانداشلىرىم ئورتاق بەھرىنىلىدۇ –يوق ؟مەندىن كىيىنكى ئەۋلاتلار ھاياتىمغا قانداق باھا بىرەر ؟مەن ئۆلگەندە نامىزىمغا يىغىلغانلار ‹‹ھەي، مەرھۇم، مۇنداق –مۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلغان ››دەپ سانىغاندا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىم بىلىپ –بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنىڭ ئالدىدا تارازا باسالارمۇ؟ئەمدىكى خىياللىرىم كۆپرەك دۇنيادىن ئۆتكەندىن كىيىن ھاياتىمغا قانداق باھا بىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى . دەر ھەقىقەت ئادەم تۇغۇلۇپ، بۇ دۇنيادىن كەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئازۇ -0ئارمان قوغلىشىپ ،تەقدىر بىلەن ئېلىشىپ ياشايدىكەن .ھەر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى، ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ، ئۇنىڭ نىيەت –ئىقبالىغا باغلىق ئىش .ئادەم ئۆز ئايىغىدىن تىكەن ئۈنىدىرەمدۇ ياكى خۇشپۇراق گۈلمۇ . بۇمۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ھەق –ئادالەت ، ۋىجدان –غۇرۇر ئالدىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشىغانلار ئەلنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئاققانلار، باشقىلارغا ئىلىم ئۈگەتكەنلەر ياكى ئۆگىنىشكە دالات قىلغانلار، باشقىلارنىڭ رىزىقىغا چاڭ سالماي، شۈكىر –قانائەت بىلەن ھالال ياشىغانلار ،قوشنا-قۇلۇملار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ جامائەت ئىشلىرىنى خالىس تۆھپە قوشقانلار ، ئاجىز –يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ساخاۋەت قۇلىنى كەڭ ئاچقانلار ….ھامان ئەلنىڭ قەلبىدە يادلىنىپ،ھايات ۋاقتىدا ماختىنىپ،ھۆرمەت تونى كىيىپ، ئۆلگەندىن كىيىن نامى يادلىنىدىكەن ئۇنىڭ ئەكىسچە ھەق –ئادالەت، ۋىجدان –غۇرۇر ئالدىدا مۇناپىقلىق قىلىدىغان، ئەلنىڭ كۈلكىسىگە يىغلاپ، يىغىسىغا كۈلىدىغانلار، باشقىلارنىڭ رىزىقىغا چاڭ سېلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغانلار، جامائەت ئىشىدىن قاچىدىغانلار ئاجىز –يىتىملارنىڭ نىسىۋىسىنى يەپ، نامەرتلىك ئېتىغا مىنگەن ، چىرىكلەشكەن ئاچكۆز ، جازانىخورلار ھەر ئىككى دۇنيادا نەپرەت ئوقلىرىغا يەم بۇلىدىكەن. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەمرىگە ، ئۆز ھاياتىغا باھا بىرەلمەيدۇ ،بۇ باھانى خەلىق بىرىدۇ. خەلىقنىڭ باھاسى ئەڭ ئادىل ،ئەڭ ھەققانىي. مۇشۇ كۈنلەردە بالا-چاقا ، نەۋرە- چەۋرىلىرىم يىغىلسا ئۇلارغا تۇلاراق ھەق –ئادالەت ، غۇرۇر –ۋىجدان ،ئىنساب –ھالاللىق ،جامائەتكە كۆڭۈل بۈلۈش ھەققىدە سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ئويلايدىغىنىم ، ئۇلارنى قېرىغاندا ئەمەس ،ياش ۋاقتىدىن باشلاپبۇ ئىشلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە دالالەت قىلىشتۇر، خالاس! مەنبە؛ شىنجاڭ ياشلىرى 2012-يىلى 3-سان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلئۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-30 17:38
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 6 تۆھپە + 10 باھا خاتىرىسى
|