پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1065 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 2

ساپا مائارىپىدا «قۇشۇمچە پەن»يوق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
86
قىزغىنلىق
1181 سەر
تىللا
199 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
855 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 18:16:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساپا مائارىپىدا ‹‹قۇشۇمچە پەن›› يوق


ساپا مائارىپنىڭ مەقسىتى- ھەرجەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيلەنگەن، رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، مەسللەرنى بىر قەدەر ئەمەلىي ھەل قىلالايدىغان، جەمئىيەتنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجىتىمائىي مۇھىتىغا ماسلىشىيالايدىغان ئىز باسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. ساپا مائارەپى – تەلىم – تەربىيىگە ماسلاشقان  بالىلارنى يۈتۈشتۇرۇشنى ئەمەس، بالارغا ماسلاشقان تەلىم-تەربىيە  مۇھىتنى يارتىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ چىقىش نوقىتىسى قىلىدۇ. لېكىن، تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدىغان ئەمگەەك تېخنىكا دەرسى، گۇزەل سەنئەت دەرسى، مۇزىكا دەرسى، ئەخلاق دەرسى، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى قاتارلىق دەرىسلەر تاھازىرغىچە ‹‹قۇشۇمچە پەن›› دەپ قارىلىپ سېستىملىق ئۆتۈلمىدى . بۇ دەرىسلەرنىڭ ساپا مائارىپىنىڭ نىشانىغا يېتىشتىكى ھەقىقىي رۇلى جارى قىلىدۇرالمىدى.
ئىچكىردىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپ سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈش، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلاغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىش ھەرقايسى ئوتتورا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانغان بىز نەچچە يىل ئىچىدە، بىر قىسىم مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىدا تەسىس قىلىپ بەلگىلەنگەن دەرىسلىكلەرنى دەرسلىك ئۆلچىمىنى ئۆز خاھىشىچە كۆپەتىپ ياكى ئازايتىپ ۋە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇتۇشنى ئېمتىھان ئېلىنىدىغان بىر قانچە ‹‹ئاساسلىق پەن›› لەرگە مەركەزلەستۇرۇپ، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسپىتىنى ئۆستۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقان تىرىشىۋاتىدۇ. ئىمتىھان ئېلىنمايدىغان جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، ئەمگەك تېخنىكا دەرىسى، ئونۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى،جەمئىيەت، تەبىئەت، گۇزەل-سەنئەت دەرىسلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۇنۋېرسال، ئەتراپىلىق تەرەققىي قىلىشىنى، بۇغۇپ، تەربىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى، تەڭشىسزلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ساپا مائارىپى ۋە ساپا مائارىپىنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق چۇشەنمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن مەكتەپلەردە يەنى‹‹ ئاساىي پەن ›› گىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ‹‹قۇشۇمچە پەن›،› لەرگە سەل قارىلىپ كىلىۋاتىدۇ . ئاتالمىش ‹‹ قوشۇمچە پەن ›› لەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئونۋېرسال، ئەتراپىلىق تەرەقىي قىلدۇرالايدىغىنلىقى چۇشىنىشى يىتەرسىز. بەزى يېزا   باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر ئوقۇتقۇچى بىر سىنىپنىڭ بارلىق دەرسىنى ئۆتىدىغان بولغاچقا ،‹‹قۇشۇمچە پەن ››دەرس سائىتى ۋاقتىدىمۇ زېھنىي ‹‹ئاساسىي پەن ››لەرگە قارىتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى قاتارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ئۇرۇنغا قۇيۇۋالغان.
مەكتەپلەردە ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەر ئوقۇتقۇچىلارغا تەقسىم قىلىنىپ ،ھەپتىلىك دەرس سىتكىسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇدەرسلەرنىڭ ئورنىدا‹‹ئاساسىي پەن ››لەر ئۆتىلىۋاتىدۇ.
2.مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ‹‹قۇشۇمچە پەن›› ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل.
بەزى مەكتەپلەردە مۇزىكا، گۈزەل- سەننەت دەرسلىرىنى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى كەچىل بولغانلىقتىن،كەسىپ ئەھلى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار شۇدەرسلەرنى بىر سائەتلىك دەرس ۋەزىپىسى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا ئۆتىۋاتىدۇ دەرس ئوقۇتقۇچىسى كەسپ ئەھلى بولمىغانلىقتىن دەرس مەزمۇنىنى خاتا يەتكۈزۈپ قۇيىدىغان ياكى چۈشەندۈرەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، مەسىلەن :مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسغا تارىخ دەرسى تەقسىم قىلىنغان . نەتىجىدە، ئۇئوقۇتقۇچى ‹‹xx ئەسىر››نى ‹‹x. x   ›› ئەسىې قىلىپ يازغان .
3.ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئاساسىي پەن ››لەر بىلەن ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە روشەن پەرق مەۋجۇت.
ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ‹‹ئاساسىي پەن ››ئوقۇتۇشنى ئالاھىدە چىڭ چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ‹‹ئاساسىي پەن ››لەرگە قارىتىلغانلىقتىن، تەبىئىي ھالدا ئوقۇغۇچىلارمۇ ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەرگە سەل قارايدىغان بولۇپ قالدى . بۇلۇپمۇ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بىرىش قىزىق نۇقتىغا ئايلانغاندىن كىيىن ،بۇخىل خاھىش تېخىمۇ كۈچەيدى .
4.مەكتەپلەردە ئوقۇقۇچىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ‹‹ئاساسىي پەن ››   لەرگىلا ئەھمىيەت ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەرگە سەل قاراش خاھىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى .
بەزى مەكتەپلەردە بەزى كەسپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ئېشىپ كىتىش ،بەزى مەكتەپلەردە ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەرگە ئەھمىيەت بىرىلمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشىگە، جەميەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تەسىر يېتىۋاتىدۇ، ئۇ پەللەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن ئونىۋېرىسال ئەتراپلىق يىتىشتۈرۈشتىكى رۇلى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەلىي ئىقتىدار كەمچىل بۇلۇش، ئۆگەنگەنلىرى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ بۇلۇش، ئوقۇغانلىرىدىن نەپ ئالالماسلىقتەك ھالەت يەنىلا ساقلىنىلىۋاتىدۇ.
روشەنكى، ‹‹ئاساسىي پەن ››لەر بىلەن ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەر ئۆز ئارا بىر- بىرىگەبېقىنىدۇ ھەم بىر- بىرىنى تۇلۇقلايدۇ. شۇڭا،‹‹ئىمتىھان مائارىپى ››دىن قالغان ‹‹دەرىجە››پەرقىنى تەلتۆكۈس تۈگۈتۈپ، ھەممىلا پەنگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىمىز، ساپا مائارىپىنىڭ نىشانىغا ھەقىقىي يىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش ‹‹قۇشۇمچە پەن ››لەر گىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى 2007.5 سان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6069 سەر
تىللا
4161 دانە
تۆھپە
4153 سەر
شۆھرەت
4618 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 19:53:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ئادەتتە بىر تۇتاش ئېمتىھان ئېلىمايدىغان پەنلەر شۇنداق ئاتىلىپ قالدىكەن دېسە!

Rank: 4

قىزغىنلىق
320 سەر
تىللا
98 دانە
تۆھپە
241 سەر
شۆھرەت
236 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 15:16:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بورۇندىن تارتىپ شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەنىدى.ئەمەلىيەتتە ئاشۇ «قۇشۇمچە پەن»لەر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقى بىلىمىنى ئاشۇرۇدىغان پەنلەردۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 19:42, Processed in 0.108553 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش