روھىڭىزنى جانلاندۇراي دېسىڭىز...

سىز ئىلگىرى روھىڭىزنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تاڭ سەھەردىلا كەينى – كەينىدىن ئۈچ ، تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ باققانمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ بەك چارچايسىز . قەھۋە تەركىبىدىكى كوففىئېن مەركىزىي تۈگۈن نېرۋا سىستېمىسىدىكى بەلگىلەش ماددىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توشقۇنلۇق قىلىدۇ . شۇڭا قەھۋە ئىچىش روھنى جانلاندۇرۇپ ، تېتىكلەشتۈرىدۇ . بىراق ئەتىگەندىلا كەينى – كەينىدىن ئۈچ ، تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرۈپ ، تېتىكلەشتۈرۈش رولى چۈشكە بارمايلا يوقاپ كېتىدۇ ، كىشىنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سەھەردىلا بىرلا ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ ، چۈشتىن كېيىن چارچىغان چېغىڭىزدا ئاندىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچىڭ . كوففىئېننى مۇشۇنداق مۇقىم ھالدا ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز ، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەت بولىدۇ . قەھۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك روھىنى جانلاندۇرغۇچى ئىچىملىك بولۇپ ، تەتقىقاتتىن بايقىشىمچە ، ئادەتتە قەھۋەنى ئىستېمال قىلىپ بىر سائەتتىن يېرىم سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن . بىراق بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 مىللىگىرامدىن ئارتۇق كوففىئېن ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . بۇنىڭدىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەلكىم ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ ، كىشىنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويۇشى ، يۈرەك رېتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قەھۋەنىڭ روھنى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئاياللاردا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن . |