مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 1

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قانچىلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

29

دوست

4811

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1053 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
915 سەر
شۆھرەت
916 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 15:45:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قانچىلىك؟

چەتئەللەردىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ  نوپۇسى  
ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 9مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر لىرىمىزنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى. ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.
1) 1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچكەن،كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.
2) 1847-يىلى قوقەنت قوزغىلىڭدىن كىيىن،(ھازىرقى ئۆزبېكىستان)قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن ،ۋېلىخانلار باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن.
3) 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.
4) 1881-يىلىدىن 1884- يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن.
5) 1930-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش ... ئىسلام جومھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشلەر سابىت داموللا، مامۇت قاتارلىق كىشلەر باشچىلىقىدا كەشمىر،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.
6)1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر،تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.
7) 1962-يىلى جۇڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن.
ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ ؟ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگۇدا بولغاندىن باشقا ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان،قىرغىزسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە،ھىندىستان،پاكىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان، ئامېرىكا ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىئوردانىيە،ياپۇنىيە،كانادا،گېرمانىيە،ئاۋۇستىرالىيە،يېڭى زېلاندىيە،شىۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار. تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
(680مىڭ) تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىدا 6-7مىليۇن ئۇيغۇر نەسىللىك خەلىق ياشايدىكەن.1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.1937-يىلى فاشىست ئىستالىن قوزغىغا<ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارغا زەربە بىرىش ھەركىتى>ندە ،مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان.ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.1950-يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن ،قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچىرىغان.1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭى دىگەن سان 29مىڭ 104كە،1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىن ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليۇن 500مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر پىراپىسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبېكىستاندا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان.
2) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار.
3) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پىرۇگىراممىسىدا <قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى> نى تونۇشتۇرغان بىر پىرۇگىراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان.
4) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) . تۈركىيە دە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق.
5) قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار.
قىرغىزىستاندىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق.
6)پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر.
7) ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ.
8) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار7مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇلار 1000غىمۇ يەتمەيدۇ،قالغان 6مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر.
9) ئىئوردانىيە دىكى ئۇيغۇرلار.
ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم،جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم ،( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار)85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى.
10) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن 10مىڭدىن ئارتۇق.
11) كانادادىكى ئۇيغۇرلار.
نەچچىە مىڭدىن ئاشىدۇ.
12) ئاۋۇستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
3مىڭ ئەتراپىدا.
13) ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار.
ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.
14) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دىگەن جايدا ئولتۇراقلاشقان 1000دى ئاشىدۇ.
15) ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق.
16) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن 100يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 2000دىن ئاشىدۇ.
17) ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ 1000دىن ئاشىدۇ.
مەنبەسى  يانۋاردىن  ياشلار
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...

65

تېما

29

دوست

4811

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1053 سەر
تىللا
192 دانە
تۆھپە
915 سەر
شۆھرەت
916 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 15:06:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بىرەرمۇ كىشى كۆرمىدىمۇ نىمە ؟  
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 17:24, Processed in 0.164965 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش