پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 95 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 0

قىزچاق!مۇقەددەس <<توي كۆڭلىكىڭىز>> پاكمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
68
قىزغىنلىق
2855 سەر
تىللا
2961 دانە
تۆھپە
2182 سەر
شۆھرەت
2607 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-6 16:34:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىزچاق!مۇقەددەس <<توي كۆڭلىكىڭىز>> پاكمۇ؟



48_3_9ec7e655862b7dd.jpg




بىز كىچىك چاغلاردا ھەدىلىرىمىز توي قىلسا، يۈزىگە <<بۆرتمەشال>>دەيدىغان بىر خىل ئېسىىل يىپەك رومال يېپىپ ئولتۇراتتى. ئاق،كۈمۈشرەڭ،سۇس ھال رەڭلىك رەختلەردىن ئۇزۇن قىلىپ يېڭى كۆڭلەك تىكتۈرەتتى،بەزىلەر رەڭدار ئەتلەستىن كۆڭلەك كىيىپ، توزدەك جۇلالىنىپ كېتەتتى. ھازىرمۇ بەزى ھەدىلىرنىڭ<<تويلۇق كۆڭلىكىم>>دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان ئاق يىپەك رەختلەردىن تىكىلگەن كۆڭلەكلىرىنى ھەر بىر قېتىم قولىغا ئالغىنىدا ئۇلارنىڭ چېھرىدە ھاياجانلىق، شادلىق ئىپادىلىرىنى كۆرىمەن. دېمەك توي ئىنسان ھاياتىدىكى مۇقەددەس بىر ئىش.شۇڭا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارمۇ مەيلى ئېسىل،مەيلى ئاددىي بولسۇن مۇقەددەس بۇيۇم سۈپىتىدە ئەتىۋارلانسا،ساقلانسا ئۆز قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيان تويى بولغۇچى قىزنىڭ توي كۆڭلەكنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. سەۋەب شۇكى بىزنىڭ قىزلىرىمىز نەچچە ئۇن قېتىم ھەرخىل بەدەنلەرگە كىيىلىپ،ئەستەرلىرىگە بەدەن كېپەكلىرى ئورناپ كەتكەن،بەدبۇي پۇراپ تۇرغان،ھەتتا ئېتەكلىرى كىرلىشىپ كەتكەن بۇ كۆڭلەكلەرنىڭ <<ئالىي دەرىجىلىكى>>نى 600 يۈەن،<<ئوتتۇرا دەرىجىلىكى>>نى400 يۈەنگە ئىجارىگە ئالىدىكەن-دە، شۇ قەدەر پاك، شۇ قەدەر قىممەتلىك مىنۇتلاردا بەدىنىگە كىيىپ، بولغۇسى جۆرىسىنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن. تېخى بۇ كونا كۆڭلەكلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى يىگىت تۆلەيدىكەن.يېقىندىن بۇيان<<تەرەققىيات>>تېزلىشىپ، قىز قولدىشىنىڭ توي كۈنى كىيىدىغان كىيىمىنىمۇ ئارىيەتكە ئالىدىغان،ھەتتا ئۇنىڭ توي گىرىمىنىڭ پۇلىنىمۇ يىگىت ئۆز لايىقىنىڭ ئارىيەتكە ئالغان توي كۆڭلىكى،توي ىرىم پۇلىغا قوشۇپ تۆلەيدىغان بوپتۇ. مېنىڭچە دۇنيادىكى ھېچقانداق جاي،قەۋمدە قىز قولداشقىمۇ پۇل خەجلەيدىغان نادان يىگىتلەر بولمىسا كېرەك. مەن 1991 - يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالمۇتادا بولغانىدىم. بىر تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە كىچىك ئوغلىنىڭ توي خاتىرىسى سۈرىتىنى كۆرۈپ قىزىقتىم، كېلىنىنىڭ ئۇچىسىدىكى توي كۆڭلىكى ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان تەييار كۆڭلەكلەرگە ئانچە ئوخشىمايتتى، ئاددىي، كۆركەم ئىدى. بېشىغا تاجا شەكلىدە تىزىلغان ئاق گۈل تاقىغان، قولىدىمۇ بىر دەستە ئاق گۈل بار ئىدى. قىز قولداشمۇ يېڭى كىيىم كىيگەن،ئۇنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل سەل كىچىك،رەڭدار ئىدى. مەن كېلىندىن سورىدىم: - سىزنىڭ توي كۆڭلىكىڭىز تەييار كۆڭلەكلەرگە ئانچە ئوخشىمايدىغۇ؟ - تەييار كۆڭلەكلەر بەك قىممەت، بۇ رەخت كورىيىنىڭ رەختى،شۇنچە نەپىس،مەن رەخت ئېلىپ ئۆزۈم لايىھىلەپ،ئۆزۈم تىكىۋالدىم. تەييار كۆڭلەكنىڭ پۇلىنىڭ يېرىمىمۇ كەتمىدى،-دەپ جاۋاب بەردى كېلىن. نېمە ئۈچۈن توي كۆڭلىكىگە كۆورەك ئاق رەڭ تاللىنىدۇ؟ چۈنكى ئاق رەڭ پاكلىققا،ساپ مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. باشقىلار كىيىپ بەدەن پۇرىقىنى سىڭدۈرگەن كىيىم ھېچقاچان پاك ئەمەس،ساپ مۇھەببەتكە سىمۋولمۇ بولالمايدۇ.<<توي كۆڭلىكىنى ئارىيەت ئېلىش>>دولقۇنى ھازىر شەھەرلەردىن يېزىلارغا كېڭەيدى. بۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىيىنىمۇ پۇقرالار ئۈچۈن ئېغىر يۈك. مېنىڭچە توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلىرىمىز تويدىن ئىلگىرىكى ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان بۇ يوچۇقنى ئېتىشى، پاك سۆيگۈنى پاكىزلىق ئۈستىدە چېچەكلىتىشى لازىم. ئاخىرىدا ياشلاردىن كۈتۈدىغىنىم:<<توي كۆڭلەك ئارىيەت ئېلىش>>دولقۇنىدا قارىغۇلارچە ئېقىۋەرمەڭلار. سىلەرنىڭ توي كۈنى ئىشلەتكەن بارلىق بويۇمىڭلار قاتارىدا توي كۆڭلىكىڭلارمۇ كىيىم - كىچەك مەدەنىيىدىمىزنىڭ يادىكارلىقلىرى سۈپىتىدە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس بولۇپ قالالسۇن!
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى  ئاپتورى:رەشىدە غوپۇر
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 23:45, Processed in 0.258420 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش