بىر تورچىنىڭ ئۆلۈمىدە ئوقۇلغان نوتۇق
بۇ نۇتۇقنى بىر مۇنبەر باشلىقى تولۇپ - تاشقان ھېسىياتتا شەرەپ بىلەن ئوقىغان
ھۆرمەتلىك جامائەت ، مۇنبىرىمىزنىڭ پېشقەدەم تورچىسى، ئاۋانگارت باشقۇرغۇچىسى ، ئاتاقلىق شائىر ، قويۇق ئەبجەش ھېسسىياتقا باي مۇزىكانت ، ئالەمچە شۆھرەتكە ئىگە رەسسام ۋە فوتوگراف ، شۇنداقلا خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە مۇخبىر، دۇنياۋى مەشھۇرلار تەتقىقاتچىسى ، تونۇلغان ئىنكاسچى ، مىللەتپەرۋەر پەيلاسوپ ۋەمۇنبىرىمىزنىڭ گېنىرال لېيېتناتى غوجا سەمەندەر جامالى مۇستاپا ئابدۇلقۇددۇس سەردارى311 بۈگۈن داۋالاش قىلچە ئۈنۈم بەرمەي ، ئوتلۇق كۆزىنى ئاخىرى چىڭ يۇمدى . ھەممىمىز شۇ تاپتا قايغۇلۇق ھالەتتە نېمە قىلىشىمىزنى ، نېمە دېيىشىمىزنى بىلمەي تۇرۇپتىمىز . مەنغۇ ئۆلەيلە دەۋاتىمەن ، نېمىشقا دېسەڭلا ئۇ مۇنبىرىمىزنىڭ ئىسمى - جىسمىغا خاس سەردارى ئىدى . شۇ تاپتا مۇنبىرىمىزنىڭ « جاپا چىكىپسىز ، ھارمىغايسىز » ، «ياخشى يېزىپسىز »، « داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ » دېگەندەك كىشى قەلبىنى ئېرىتىپ تاشلايدىغان ، ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ئوقچۇپ تۇرغان ئىنكاسلىرى ۋە « قۇيرۇقى يوق كالا »، « قوڭى يوق بالا تۇغۇلدى»، « ساددامنىڭ ئۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەلگەن خوتۇنى » دېگەندەك كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان خەۋەرلەرنى يوللايدىغان ۋە «ئىككى ئۇيغۇرنى تالاشقا سېلىپ ، بىرنى ئۆلتۈرەيلى »، « تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پارسلار » دېگەندەك پەۋقىلادە بايقاش خاراكتېرىدىكى يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازىدىغان تۇت تۈمەندىن ئارتۇق ئەزايىمىزنىڭ ئىشنىمەنكى كۆزلىرىدىن سەل ئاقتى ، يۈرەكلىرى چوقۇم كاۋاپ بولدى ... ئۇلارغىمۇ تەس ، چۈنكى ، غوجا سەمەندەر جامالى مۇستاپا ئابدۇلقۇددۇس ساردارى 311نىڭ ئەسەرلىرىگە ئۇلار كۆنۈپ قالغان ... ئۇلار ئەمدى قانداقمۇ قىلىشاركىن ، بىر نەچچىسى ئۆلىۋالمىسىلا بولاتتىغۇ ؟ مۇنبەر شۇ تاپتا مەرسىيە بىلەن تولۇپ كەتتى ، ئېھتىمالىم . جۇدالىق ئوتىغا قايسى بىر ئوت تەڭ كەلسۇن ! مەنمۇ دەردىمنى ئىچىمدە بىلىۋاتىمەن . شۇنى تولىمۇ قايغۇلۇق ھالدا ئېيتىمەنكى ، غوجا سەمەندەر جامالى مۇستاپا ئابدۇلقۇددۇس سەردارى311 بۇ دۇنياغا بىرلا كېلىپ قالغان ئېسىل سۈپەتلىك زات ئىدى . بەلكىم ئۇ يەنە ياشىغان بولسا ، مۇقەرەركى ، ئۇ دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىدىن ئارتۇق قوغدىلىدىغان ئادەملەر تۈركۈمىگە كىرەتتى . بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ شۇ شەرىپى ئۈچۈن مۇنبىرىمىزنىڭ گېنىرال لېيېتناتى بولغان . ئۇنىڭ شۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئەجىرى ئۈچۈن ئالغان ئوردېن ، مېدال ، يۇلتۇزلار باش سۈرىتىنىڭ ئاستىغا پاتماي قالغان ، كېيىن ئۇنىڭغا ئايرىم ئورۇن ئاجرىتىپ بەرگەنمەن . ئۇنىڭ شۆھرىتى ، تۆھپىسى ھەسسىلەپ ئاشقان ، پۇلى تىرىليوندىن ھالقىپ كەتكەن ، ئۇنۋانى مىڭ دەرىجىگە بارغان . جۈملىدىن ئۇ باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تۈمەن مىڭ بېشى بولغان . ئۇ زاماندىن ھالقىپ كەتكەن ، كۆپ بىسلىك ئېسىل زات ھايات ۋاقتىدا ئۇ ئوردېن ، مېداللارنى بەدىنىگە چەكتۇرۋالغاندىن سىرت ، مىسكەرلىك دۇكىنىغا بېرىپ ، ئۇنى مىسكەرنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ، ئالاھىدە ياسىتىپ ئاسقىنىدا ، چاپىنىڭ ئالدىغا لىقمۇ لىق كەلگەن . شۇڭا ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئېڭىشىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان . ( ئۇنىڭ شۇ مېدال ، ئوردېنلىرى مۇنبىرىمىزنىڭ مۇزېيىدا ھېلىھەم ئا نۇسخىدا ساقلانماقتا ) ئۇ ئەشۇ شەرەپلەرنى شۇنداق ئاسانلا قولغا كەلتۈردىمۇ ؟ ياق ، ياق . ئۇ زور - زور بەدەللەرنى تۆلىدى . راست دەيمەن . «ئاجايىپ يېزىلىپتۇ » دېگەندەك ئىنكاسلارنى قولىدا يېزىپ بېلى تالسا، يېتىۋېلىپ پۇتىدا يازغان . بۇ مەدھلەشكە تېگىشلىك نېمە دېگەن ئالىجاناپ روھ - ھە ! ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ ئۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دۇنيا تەتقىقاتچىلىرى بايقىيالمىغان تەرەپلىرىنى بايقاپ ، يېزىپ چىققان . مەسىلەن : ئۇنىڭ « 3 - ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى » دېگەن كىتابنى كۆرۈپ تۇرۇپ يازغان ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ 4 - قىسمىدىكى خەرىتە بىلەن مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان « گىتلېرنىڭ روسىيەگە ھۇجۇم باشلىشى » دېگەن تارىخى تېمىدىكى تەتقىقات ماقالىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، خەلقئارادا زىلزىلە پەيدا قىلغان ، ئۇ مۇنداق قارايتتى : « ئۇيغۇرلارنى تەرەققى قىلدۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم دۇنياۋى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تارىخىنى يېزىپ ، ئۇلارغا ئۈلگە قىلىش كېرەك ھەم دۇنيادىكى ئاجايىپ - غارايىپ مۆجىزىلىك ئىشلارنى كۆپلەپ يېزىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىنىڭ سىلكىنىشىگە تۈرتكە قىلىش كېرەك . » شۇڭلاشقا ، ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا : « چېختا باشسىز بىر ئادەم تۇغۇلدى» دەپ تېنىمسىز ۋارقىرىدى . مەن ئەشۇ چاغدا كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم . ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈش نەتىجىسىدە ، مۇنبىرىمىزگە تۆشمۇ - تۆشتىن يوللىغان « بىر ئادەم مىڭ يىلدىن كېيىن تىرىك قوپقان »، «ئامېرىكىلىق بىر بوۋاينىڭ 150 كە كىرىپمۇ چىشى چۈشمىگەن »، «كېلىنتون قايتا زۇڭتۇڭ بولىدىكەن » ... دېگەندەك يوللانمىلىرىغا قاراپ ، ئۇنى «ئاجايىباتشۇناس»، «خەۋەرشۇناس » دېمەسكە ھەددىمىزمۇ ؟ يەنە ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە داڭلىق شائىر ئىدى . « بەختىيارمەن بۇ زاماندا »، « زامانەمنىڭ قۇلىمەن »، « يارىم كۈلدى بەختتە»، مانا بۇ قۇياشتەك پاكىت ئالدىدا كۆزىمىزنى يۇمۇشقا قانداقمۇ يۈرىكىمىز چىدىسۇن ؟! خالايىق ! ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مىللەتپەرۋەر تارىخچى ئىدى . ئۇنىڭ : « ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى يۇرتى گەنسۇ ( كەڭ سۇ ) ، ئەجدادى يۇغۇر » دېگەن ماقالىسى بۇنى روشەن ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ ! ھەي ، ئەھلى جامائەت ! ئۇ كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتكەن رەسسام ئىدى دەيمەن ، جۇمۇ ؟! ئۇ ئۆزىنىڭ باش سۈرىتىنى قېتىرقىنىپ لاھىيىلەپ چىققان . ئۇ شۇ ۋاقتىدىكى تەسىراتىنى ماڭا مۇنداق بايان قىلغان : << ئەگەر باش سۈرىتىمنى لاھىيىلەشكە كەتكەن ۋاقتىمنى ئانامغا بەرسەم ، ئۇ دۇنيا ، بۇ دۇنيالىق دۇئاسىنى ئالغان بولاتتىم ، لېكىن مەن بۇنى لاھىيىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتىم >> قاراڭلار ، ئۇنىڭ باش سۈرىتىنى لاھىيىلش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىغا ! ئۇنىڭ كارامەت رەسساملىقىغا كىم پېتىنىپ بىر نەرسە دېيەلىسۇن ! قۇربان بەرمەي ، نەتىجە قازىنىش مۇمكىنمۇ ؟! ئۇ بىر خەلق ئاھاڭىغا ئۆزىنىڭ ناخشا تېكىسىتىنى سېلىپ ، ئۆزى ئېيتىپ مۇنبەرگە يوللىغان ئاتاقلىق كومپوزىتور ، مىللىي پۇراققا تويۇنغان ناخشىچى ئىدى . ئاھ ، يۈرىكىم سەردارى311 ! ئۇنىڭ مۇنبىرىمىز ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئويلىسام ، كۆڭلۈم بۇزۇلۋاتىدۇ . ئۇ مۇنبەرنى قىزىتىش ئۈچۈن قىلچە باش تارتماي، نەچچە ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىپ ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھەر خىل ئۇسۇل - چارىلەر بىلەن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدىغان قايناق مۇنازىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . نەتىجىدە ، مۇنبەردىكىلەر « ئاق تاغلىق »، « قارا تاغلىق » بولۇشۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ ؟ كارامەت قىزىپ كەتكەن دەيمەن ! ئەزا سانى ھەسسىلەپ ئاشقان ! ئۇزۇنغا سوزۇلغان « ئىنقىلاب » خاراكتېرلىك مۇنازىرىنىڭ پىلتىسىگە دادىللىق بىلەن ئوت يېقىپ ، « مۇنازىرىسىز ئىلىم ، ئىلىم ئەمەس » دېگەن كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ « بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن قول » چىقىرىشىغا يېڭىچە داغدام يول ئاچقان ! ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ھەر بىر ئىنكاسى شۇنچىلىك دارىتمىلىققا ۋە ئىلمىلىككە ئىگە ئىدىكى ، « گەپكە گەپ كەلگەندە ، داداڭدىن قايتما » دېگەندەك ئۇ نۆۋىتى كەلگەندە ، « ئاناڭنى » دېگەن سۆزنى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىشلىتىۋىرەتتى . « ئانا » دېگەن سۆزنى تىلغا ئالماقنىڭ نەقەدەر تەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان . چۈنكى ، ھەممىمىزنىڭ ئانىسى بار . سەردارى 311 بۇ جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغانىدى . مەن ئۇنىڭ شۇنداق « يېڭى»لىقلارنى يارتىشىغا داغدام يول ئېچىپ بەرگەنمەن . سەۋەب شۇكى ، سەردارى « مەدەنىيەت جەڭچى »سى ئىدى ھەم ئىشلىرىمنىڭ راۋانلىقىغا مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى كېرەكىدى ... مەن ھازىر بۇ يەردە بۇ تەزىيە نۇتىقىنى سۆزلەپ تۇرۇپتىمەن . مۇنبەردىكى ئەزالار نېمە بولۇپ كېتىپ بارغاندۇ ، دەڭلا ؟ بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ ... سەردارى311 ھەر بىر ئەسىرىنىڭ ئالدىغان ئۆز تەخەللۇسىنى يېزىشنى زىنھار ئۇنۇتمايتتى ! راست ، غوجا سەمەندەر جامالى مۇستاپا ئابدۇلقۇددۇس سەردارى311 ئالامەت يۇمۇر ئىگىسى ئىدى . « كۈلمىسىڭىز ئۆلتۈرۋىتىمەن » دېگەندەك كىشىنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان ماۋزۇلارنى قويۇپ ، يۇمۇرلارنى تۆكۈۋىتەتتى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىستىتىك قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقىدىن شۇنداقلا مەزمۇن دائىرىسىنىڭ چېتىلىشچانلىقىنىڭ كەڭلىكىدىن تېمىلىرى ئىزچىل چوقۇلىنىپ ۋە نادىرلىنىپ كەلگەن . باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭ تېمىلىرىنى چۇقىلاپ ۋە نادىرلاپ ئۈلگۈرەلمەي قالغاندا ، ئۇ بەس سېلىشنى نومۇس بىلىپ، ئۆزى قول سېلىپ چوقىلىغان ۋە نادىرلىغان . ئۇ « ENTER » نى بىرلا ئۇرۇش بىلەن بىر ئەسىرىنى 300 مۇنبەرگە دەقىقە ئارىلىقىدا چاچىرتىۋىتەلەيتتى . بۇنىڭ بۇ يۈكسەك ماھارىتى ئۇنىڭ تور دۇنياسىدىكى شۆھرىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان . چۈنكى ، ئۇ « ئادەم بولۇپ ياشىماق كېرەك ، شۆھرەت بولۇپ ئۆلمەك كېرەك » دېگەن پىرىنسىپقا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان مۇنداق پەلسەپەۋى قاراشلىرى ھېلىمۇ ئىسىمدە : « ھەر بىر شەخس ئاۋال نوپۇسىنى تىكلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز بىلىمىنى نامايەن قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇمىغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ مەلۇم پارچىلىرى يوللىساق ، ئۇلار بىزنى شۇ كىتابنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىس ، دەپ چۈشنىۋىرىدۇ ، ئاندىن بىز دۇنيا تارىخچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىسى بولۇۋىرىمىز ... » شۇڭا ، سەردارى311 تور جامائەتچىلىكى ئىچىدە كاتتا ئابرۇيغا ئىگە يېتۈك زات بولالىغان ! ئاھ ھەسىرىتا ، ئۇ كەتتى . بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر يوقۇتۇش بولدى . تەكلىماكان ئاسمىنىدىن نۇرلۇق بىر چولپان ئەلەم بىلەن ساقىدى . بۇ ئانا تۇپراق مۇسىبەتكە چۆمدى . دۇنيا سىلكىندى . يەر شارى ئۆز ئوقىدا بىر سائەت قېتىپ قالدى . ئۇنىڭ پۇتۈشكە ئازلا قالغان زور ھەجىملىك «چوشقا بىلەن قوينىڭ مۇھەببىتى» دېگەن ئىپىك داستانىنىڭ ئەمدىلا ئىككى مىسىراسى يېزىلغان ئىدى . مەن قانچە سۆزلىسەممۇ ، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ تۈگىتەلمەيمەن . ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كېرەك ئىدى ، تور مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن ئىدى . مانا ئۇ كۆز يۇمۇپلا ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتى چوۋگەي بولۇشقا باشلىدى . ئۇ بىز ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر ئىدى ، ئەپسۇس ، ئۆمرى قىسقا كېلىپ قالدى . ئۇ ئۆزىنى يارىتىش ، مىللەتكە تۆھپە قوشۇش يولىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەمگەكلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى . ئۇ نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئانىسى كۆز يۇملغاندا بېشىدا بولالمىغان ، ھەتتا ئۆيى بىلەنمۇ كارى بولمىغان . ئاھ ، بۇ ھەمىمىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك نېمە دېگەن سۆيۈملۈك روھ - ھە ! ئۇ ئاخىرى شەرەپلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ھاياتىنى كومپىيۇتېر ئۈستىلى ئالدىدا تاماملىدى . ئۇ جان ئۈزگەندە كومپىيۇتېرنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى . مەن ئۇنى بەكمۇ تەسلىكتە ئاجىراتتىم ، جامائەت ! مەن ئۇنىڭغا موھتاج ئىدىم ! ئۇ دۇنيا سەھنىسىگە ئىختىساسلىقلارنى قاتارىدا چىقىشقا بىرلا قەدەم قالغان ! ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ! مەن ئۆزۈمنى باسالمىدىم ، جامائەتكە رەھمەت ، جامائەتكە رەھمەت ! مەنبە ئىزدىنىش مۇنبىرى، ئاپتۇر «قارا خەنجەر»
|