ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى چوڭ - كىچىك مۇنبەرداشلار مەنكى شاتگۈلدىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام !!! ياخشىمۇسىزلەر؟ مەن بۇ مۇنبەرنى ئارىلاپ كۆرۈپ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم . چۈنكى بۇ بىر ئوقۇتقۇچىلار توپلاشقان ئىللىق ماكان ئىكەن. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەم مىللەت ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈممىدلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھبە قوشقۇم بار . شۇڭا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ مېنى قوللىشىنى، يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى، ئۆز ئارا دوستلۇق ئورنىتىپ ، بىلمىگەننى ئۆز ئارا ئۈگىنىپ مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھبە قوشساق دېمەكچىمەن..... ھەمدە بۇ مۇنبەرنىڭ تەۋەلىكىنى بىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن . ماڭا 课件 يوللاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن....مۇنبەرگە قورۇق كېلىشنى لايىق كۆرمىدىم شۇڭا ئاددى بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىجادىيىتىمنى ئېلىپ كەلدىم....
قۇياشتىن ئىزدەيمەن سىمايىڭنى مەن
تاڭلارنى ، تاڭلارغا ئۇلاپ ھەر كۈنى ، يېڭى بىر سەھەردىن باشلاپ كۈتۈشنى . ئۆتمەكتە بۈگۈنلەر ئاجايىپ تەستە ، قوللايدۇ كۆزلىرىم ياشلار تۆكۈشنى .
دېرىزەم تۈۋىدە تۇرىمەن تەنھا ، باقىمەن ھەر سەھەر قۇياشقا تامان. گەر قۇياش بىلەن تەڭ كېلەلمىسەڭمۇ ، ئۆتىدۇ سۆيۈپ ئۇ مەڭزىڭنى ھامان .
قۇياشتىن ئىزدەيمەن سىمايىڭنى مەن ، پۇرايمەن ئۇنىڭدىن ھىدلىرىڭنى ھەم . شۇندىلا بۇ يۈرەك تاپار ئاراملىق ، سۆيگۈمىز بېرىدۇ ماڭا شېرىن تەم .
گەر ئىگىز تاغلار ھەم ئېقىن، دەريالار ، توسسىمۇ يوللارنى قەلىبلەر تۇتاش . سۆيگۈمىز رىشتىسى ئۈزۈلمەس قورغان ، سېغىنىش كۈتۈشكە بولىدۇ يانداش .
مەنبە: ئىلھاملىرىم 2011ـ يىلى 19 - نويابىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-23 12:14
|