مەشھۇر ئۇيغۇر شەخىسلىرىمىز • مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى ( 1011- 1105)
مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن . ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1019-1085) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكەخاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان. ئەلىشىرنەۋائى (1441- 1501)
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 12 يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان . 13 - 14 ياشلاردا ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن . 1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئەمەلدارى ، ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان . 1501-يىلى 3-يانۋاردا ھېراتتا ۋاپات بولغان . ئەدىب ئۆز ھاياتىدا چاھار دىۋاندىۋانى فانى خەمسە ھەيرەتۇل فەرھاد - شېرىن سەددى ئىسكەندەر سىراجىل مۇسلىمىن لىسانۇتتەير ھەسبى ھالمەجالىسۇن نەفائىسمۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين مەھبۇبۇل قۇلۇپ نەسائىمۇل مۇھەببەت تارىخى ھۆكىما ۋە ئەنبىيا مۇنشەئات تارىخى مۈلكى ئەجەم ۋەففىيە مىزانۇل ئەۋزان مۇناجەتنامە تۆھفەتۇل ئەفكار ھالەتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان . فارابى فارابى (870---950) ئۇ شەرق ئارىستوتېلنامى بلەن تونۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى پۇتكۇل ھاياتىنى ،ئىلىم --پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر ،مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئىلىم --پەن مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. سۇلتان سەئىدخان سۇلتان سەئىدخان (1490---1533)يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ ئىستېداتلىق،مەرىپەت پەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن،يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن ئۇمۇ ئۇيغۇر ۋە پارىس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىر يازغان.بىر قېتىملىق ھەربى يۈرۈشتە43 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933) ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرىنىڭ بىرى،ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئازادلىق،تەڭلىك،دېموكراتىيە ۋە ئىلىم-مەرىپەتنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى،نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنىڭ مۇئەللىپى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىر يېزىش بىلەنلا قالماي، ئىنقىلابقا قاتناشقان ئاكتىپ جەڭچىدۇر. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 32يېشىدا جاللات شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما،ئۇنىڭجەڭگىئىۋار شېئىرلىرى،ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە. تىيىپچان ئېلىيوف(1930-1989) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى،مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور ئابرويقازانغان ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىياتشۇناس تىيىپچان ئېلىيوفشەرق ناخشىسىتۈگىمەس ناخشاتۆھمەت قۇربانى...قاتارلىق توپلاملارنىڭ مۇئەللىپىدۇر.ئۇ يېڭى ھايات ۋىئە پارلاق كېلەچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى بولۇپ،يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن مول -ھوسۇللۇق شائىر،ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەمدە ئەدەبىياتىمىزدا سالماق ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىيمىراسقا ئايلانغان.
شائېر روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىردا ئوقۇغان .شۇنىڭدىن كىيىن ئوننەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا نىستىتوتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يىزلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يېڭى قاشتېشى جورنىلدا مۇھەررىر بولغان . روزى سايىت 1973-يىلدىكىقەشقەر گېزتى دە ئېلان قىلىنغان دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى گىزىت -جورناللاردا چۈشنامەقاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىۋە روبائىسى بارات يازغان ھىكايەقاتارلىق بىرقانچە بارچە ھىكايىسى ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېريىتدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت .ئارسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى .قاشتېشنىڭ رىۋايىتىبۇقىز كىمنى تاللىسۇنمەرھابا ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش كۆڭۈلدىكى گەپلەر مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار روبائىيلار تۇيۇقلار خىيادىن تۆرەلگەن خىياللاردېھقان كۈلكىسى پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى قاتارلىق داستانۋە شىئېرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە بۇخوتەن مەن خوتەن قىزىقاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شىئېر،ھېكايىللىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائېرنىڭ دېھقان يىغلايدۇ چۈشنامە باللار پۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچبارات يازغان ھېكايە يىپەك يۇرتىدا نورۇز قاتارلىق داستان ،شىئېر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزيە بەدئىي سەنئەت دىراممىللىرى ،بۇجاھان جاھان كەڭرى يول كەڭرىناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شىئېرلىردىن تۈزۈلگەن دېھقان بولماق تەسناملىققاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى . خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەميتىنىڭ جوڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خلىق شائىرى رزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقتۇش . شائېر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .......
خوجىنىياز ھاجى خوجىنىياز ھاجىم 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،دادىسى ئىمىننىياز ئۇنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئويلەپ قويىدۇ ،1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ بىر ئاي ھاشارغا شلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭى نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىچىپقورايغا بارىدۇ .ۋەئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ،قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ ،ھاجىم ئانىسىنىڭ يەردىمىدو ھەج سەپىرىگە كىتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كىلىدۇ ، ............ 1912-يىلى شاھ مەخسۇت ۋاڭ تۆمۇر خەلپە قاتارلىق خەتەرلىك دېگەن ئادملەرنى چىرىكلىككە ئىلىپ ئۇرۇمچىگە پالايدۇ ،ئۇلار يولدا تۆمۇر خەلپە باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ كۆتۇرۇپ قۇمۇلغا قايتىدۇ ، ھاجىم دەل مۇشۇ چاغدا قايىتقان بولۇپ قوشۇنغا قوشۇلۇپ پىدائى بولىدۇ ،قوزغىلاڭ سۇلھى بىلەن تىنىچلانغاندىن كىيىن ھاجىم يۇرتىغا قايتىپ تاغدىكى قوشۇنلارغا باش بولۇپ بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇ ،ۋاڭ بارلىق چارە ئاماللار بىلەن ھاجىمنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ .1913-يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۇنى تۆمۇر خەلىپە ئۆلتۇرۇلدۇ ،ھاجىم ئىسمىنى شاق دەپ ئۆزگەرتىپ ئالتاي تەرەپكە كىتىدۇ ،ئۇ يەردىمۇ سىزىلىپ قىلىپ چلچەككە كقلىپ مامۇتباي دېگەن قازاقنىڭ ئوۋچىسى بولۇپ نۇرغۇن قۇرال ياراق توپلايدۇ.ۋاڭ ھاجىمنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىگىنى بىلىپ توخسۇنلۇق نىيازنى تۇتۇپ كىلىشكە ئەبەرتىدۇ ،ھاجىم بۇنىڭدىن خەۋەر تىپىپ روسسىيەگە كىتىدۇ .ۋە ئۇ يەردە ھەربىي تەلىمنى قەبۇل قىلىدۇ ،1923-يىلى ئىلىغا قايتىپ كىلىدۇ ،بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇرۇمچىگە قايتىدۇ ،1927-يىلى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىرلىشىپ قۇمۇل تۇرپانلاردا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇشنى پىلانلايدۇ ،....نۇرغۇن ئوزگۇرۇشلەردىن كىيىن قۇمۇلدا ھاجىمنىڭ ساۋاقدىشى بېشىر ۋاڭ ئۇنى ئوردىغا ئەكىلىۋالىدۇ ،بېشەر ۋاڭ جىن شۇرىننىڭ ئولكىگە بويسۇنۇش تەكلىپىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ھاجىمغا ئەسكەر مەشىقلەندۇرۇش ۋەزىپىسىنى بىرىدۇ ،1931-يىلى پىلانبويىچە قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئاراتۇرۇكنى ئىشخال قىلىدۇ .... .......1931-يىلى جىن شۇرىننىڭ ئارا تۇرۇك باج دارىسىدىكى تۇققىنى جاڭگۇخۇئا قۇرال كۇچىگە تايىنىپ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن مەجبۇرى توي قىلىدۇ ،غەزەپلەنگەن ئامما تەي كۇنى پىلانلىق ھالدا قوزغۇلاڭ كەتۇرىدۇ ۋە تىزلا ئارا تۇرۇكنى ئىشغال قىلىدۇ ،شۇ يىلى 2-ئايدا جىن شۇرىن قۇمۇل گارنىزونى ئارقىلىق يولۋاس باشچىلىقىدا باستۇرما قوشۇن ئىبەرتىدۇ ،ھاجىملار ئۇلارنى تىرە -پىرەڭ قىلىۋىتىدۇ ،بىر نەچچە قىتىم چىقىرىلغان قوشۇنلار قوزغۇلاڭچىلار تەرىپىدىن كۇچلۇك زەربە يەيدۇ ،دەل شۇ چاغدا گەنسۇ ،چىڭخەيدە مابۇفاڭدىن قېچىپ يۇرگەن ماجوڭيىڭ 200دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلغا كىلىدۇ ،ۋە ھاجىملارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ ...... ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن جىن شۇرىن شىڭ شىسەينى قۇماندان قىلىپ بىر باتالىيون ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا ئىبەرتىدۇ ،3 كۇنلۇك جەڭدىن كىيىن ماجۇڭيىڭ گەنسۇغا چىكىنىدۇ ،ھاجىم ئادەملىرىنى باشلاپ تاراتۇغا كىتىدۇ . شىڭ شىسەي ھاجىمنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدۇ ،سۇلھى دە كىلىشەلمەي تاراتۇدا جەڭ قىلىپ 100 دىن ئارتۇق چىرىكنى ئۆلتۇردۇ، بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ. 1931-يىلى ھاجىم ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سىلىپ مۇڭغۇلىيە چىگرىسىغا مىنگاڭ دېگەن يەرگە كىلىپ موڭغۇل ھۆكۇمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇدۇ ،ھەم ئۆز-ئارا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدە قۇرال ياراق ۋە ھەربىي كىيىم -كىچەك سىتىۋالىدۇ،ئۆزقىسىملىرىدىن ئادەم تاللاپ شوپۇرلۇق ،ھەربىي قۇرال -ياراق تىخنىكىسى ،دوختۇرلۇق ،ھەربىي ئالاقە تىخنىكىسى ،ھەربىي قانۇن ،رازۋېت قاتارلىق ساھەلەرگە ئوقۇشقا ئىبەرتىدۇ ،قالغان قىسىملارنى داۋاملىق مەشىقلەندۇردۇ ،يىرىم يىلدىن كىيىن يۇرتى تاراتۇ غا كىلىدۇ ،1932-يىلى 6- ئايدا قۇرۇلتاي ئىچىلىپ ھاجىم قوزغىلاڭچىلارغا باش قۇماندان بولۇپ سايلىنىدۇ .مۇڭغۇلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەربىي تەييارلىقلار تاماملىنىدۇ .1932-يىلى پىچان ئۇرۇشى ،1933-يىلى توخسۇن ئۇرۇشى پارىتلايدۇ ،ھاجىم تۇرپان لۇكچۇنگە كىلىپ شىڭ شىسەينىڭ ئاق ئورۇس چىرىكلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ لگەئىرلەپ جىمىسارغا كەلگەندە 2- قىتىم شىنجاڭغا چىققان ماجوڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن تىركىشىپ قالىدۇ ،1933-يىلى 6-ئايلاردا سۆۋېتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان ھاجىم سۆۋېتنىڭ ئۇرۇمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن شىڭ شىسەي بىلەن دوستلۇق كىلىشىمى تۇزىدۇ ،بۇ ۋاقىت شىڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگەلىۋالغان ،سۆۋېتلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغ ئىدى ....... شۇ ئىشلاردىن كىيىن ،ھاجىم قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ،ئۇششەقتالدا ئالدىنى توسقان ما شىمىن قىسىملىرىنى تىرە -پىرەڭ قىلىپ ،ئاقسۇغا يىتىپ كىلىدۇ . ھاجىم ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە خەلىق يىغىنى ئىچىپ ،پەن -مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،مەكتەپ ئېچىش ھەققىدە نۇتۇق سوزلەيدۇ ،بۇنىڭ تەسىرىدە پۇتۇن شىنجاڭدا مىللى مائارىپ يولغا قويۇلۇپ ،شەھەر ،يېزا ،قىشلاقلاردا ،كەنىتلەردىمۇ مەكتەپ سىلىش باشلىنىپ كىتىدۇ ، 1934-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ نۇرغۇنى ھاجىمنىڭ تەشەببۇسىنىڭ مەشۇلى ئىدى .ئاقىدىن ھاجىم قەشقەر ،يەكەنلەردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ ،ئاقسۇغا قايتىپ گارنىزۇن قۇماندانى بۇلۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆلكە رەئىسى بولغانلىق ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ،لىكىن ھاجىم بارغىلى ئۇنىمايدۇ ،بۇ چاغدا سۆۋېتلەر ئارىغا چۇشۇپ كىپىل بولۇپ ئۇچ خىل يىزىقتا توختام تۇزۇپ 1934-يىلى 8- ئايدا ھاجىمنى ئۇرۇمچىگە ئەكىلىدۇ ، < ئەسكەرسىز قۇماندان ،ھۆقوقسىز ئەمەلدار >بولۇپ قالغان ھاجىم ئاخىرى <ياپون جاھانگەرلىكىنىڭ قۇيرۇقى> دېگەن تۆھمەت بىلەن 1937- يىلى 10- ئايدا قۇلغا ئىلىنىپ سوراق قىلىنىدۇ 1938-يىلى كۈزدە ھاجىم باشلىق 108 سەركەردىلەر شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئولتۇرلۇپ ،سايۇپو نىڭ غەربىدىكى تاققا كۆمۇلىدۇ .
زۇنۇن قادىرى زونۇن قادىر 1911-يىلى تارغاباتاي ۋىلايىتنىڭ دۆربىلجىن ناھيىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئىقتىسادىي جەھەتتە گۇمران بولۇشقا ،تۇرمۇش جەھەتتە نامرتلىشىشقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئوتكەن. ئۇ يەتتە يېشىدا دېنىي مەكتەپتە ئوقۇغان .1937-يىلى ئۈرۈمچىئىگە كېلىپ ئىككى يىل ئوتتۇرا مەكتەپتە ،ئاندىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ ،زامانىۋى بىلىم ئۆزلەشتۇرگەن .ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ ،يېڭى مەدنىيەت ھەركىتنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ رول ئوينىغان .1940-يىلىدىن تارتىپ تىياتىر ئۆمىكىدە ئارست ،ئىجادىيەتچى رېجىسور ،دىكراتور ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئەدىبىيات بۆلىمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىر ۋەكۈرەشئىتتىپاق قاتارلىق گېزىت -جورنالدا مۇھەررىر ،باش مۇھەرىر بولغان .1957-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىبىيات -سەنئەت چىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان . زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ۋە چۆچكلىرىنى ،مەددالارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى .ئۇ ساۋاتى چىقىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىقىپ ، ناۋائى ، مەشرەپلەرنىڭ كىتاپلىرنى ئوقۇشقا كىرىشتى .كېينچە شاھنامە گۇلستانقاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تۇنۇشتى .رۇس ئەدىبىياتى كىلسسىكلىرنىڭ ۋە ئۇلۇغ پورۇلېتارىيات يازغۇچسى ماركىسىم گوركىنىڭ تاتار ۋەئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرنى ،سەدىردىن ئەينى ، ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە نۇر ئىسرائىلنىڭ رومان ،پوۋست ،ھېكايلرىنى ئوقۇپ چىقتى .دېمەك ،زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيىتى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى ،ۋە كىلسسىك ئەدىبىيات ئەنئەنىرى بىلەن ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرنىڭ ئىلغار ئەدىبىياتى تەسىردە شەكىللەندى . زۇنۇن قادىرى 1936-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ،50يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يازغان چېنىقىش غۇنچەم خاتىرىلەر مەسەل ۋە چوچەكلەر ،زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى قاتارلىق كىتاپلىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن .ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلىئەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بىرمۇنچە ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلشىتىن سىرت ، ماركسىم گوركىينىڭ ئارخىپ بوۋا ۋە لىيونكا ،سېۋىت تاتار يازغۇچىسى ئادىل كوتوينىڭ تاپشۇرلىمىغان خەتلەر ،شىنجاڭ قازاق ئەدىبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدن بىرى بولغان تاڭجارىقىنىڭ گۇندىپاي قاتارلىق پوۋېست ،داستان ،ھېكايلىرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى .بىرمۇنچە چۆچەك ،قوشاق ، ماقال -تەمسىللەرنى توپلاپ ئېلان قىلدى .ئۇنىڭ شۇ يىللار ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ،ئۆز دەۋەرنىڭ لغار سېياسىي ،ئېستېئىتىك قاراشلىرى سېڭدۇرۇلگەن ئەدىبىي ئوبزورلار جامائەتچىلىك ئىچىدە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغۇغاندى . ئازاتلىقتىن كېيىن زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى ، ماركىسىزملىق سانئەت تەلىمەتى بىلەن ئېنقىلابىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يازغۇچىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجادىيەت زېمىنى بىلەن تەمنىلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون يىلغايەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،سەزگۈزەشت خارەتكتېرلىك بىر رومان( ئەپسۇسكى ،بۇ رومان مەدنىيەت ئىنىقىلابىنىڭ قالايمىقاچىئىقىدا يوقاپ كەتكەن) ئۈچ دراما ،بىر كىنو سېنارىيىسى ۋە ئونغا يېقىن ھېكايە يېزىپ ،سوتسىيالىسىتىك ئەدىبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرنەرلىك ئىلگىرى سۈرگەن . زۇنۇن قادىرى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىئىگە ، ئەدىبىيات سېپىدىكى تالانت ئىگىلىرنى بايقاش ،تەبىيىلەشكە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن .ئاتغلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيۇۋ ، ئاتاغلىق قازاق شائىرى قۇرمان ئەلىگە ئوخشاش تالانت ئىگىلىرنىڭ بايقىلىشى ،ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى مۇھىم رول ئوينىغان .ئۇ ئۆزنىڭ پۈتۈن زېھىن -پاراسىتنى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدىبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان . ئاتاغلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ، دراماتۇرگ ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىسى ۋە دراماتورگىيىسنىڭ ئاساسچىلىردىن بىرى بولغان زۇنۇن قادىر 1989-يىلى - 9ئاينىڭ -24-كۈنى كېسەل سەۋەبى 77 يېشىدا ۋاپات بولدى .ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش ، شۇنداقلا شىنجاڭ ھەر مىللەت ئەدىبىياتى ئۈچۈنمۇ زور يوقۇتۇش .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدبىياتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇش بىلەن بىللە ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدنىيەت خەزىنىسىدىكى پارلاق گۆھەر ، شۇڭا ،ئۇنىڭ نام -شەرپى ئۆز ئەسەرلىگە بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدىبىياتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ
|