- تىزىملاتقان
- 2011-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-31
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 1049
- نادىر
- 0
- تېما
- 29
- يازما
- 188
  
- يوقلىما
- 28
قىزغىنلىق- 274 سەر
تىللا- 87 دانە
تۆھپە- 226 سەر
شۆھرەت- 268 سەر
| مىللەتلەرنىڭ بۇلۇنۇشى ھازىرقى دۇنيا مىللەتلېرىنى ئۇلارنىڭ مەلەكە-كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مومكىن. 1،ئېتنوگولوگىيىلىك مىللەت. ئۇمۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلېرى بۇيىچە ئۆلچىگەندە،مىللەتلىك شەرتلېرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز.ئۇيغۇر خەلقى ئۆز مىللى تىل-يېزىقى،تارىخى،فولىكلور بايلىقى،مائارىپ سېستىمىسى،مۇقام-مەشرەپ خەزنىسى،كىلاسسىك ۋە يىڭى زامان ئەدەبىياتى،توي-تۈكۈن ۋە ئۈلۈم-يىتىم يۇسۇنلېرى،مىللى مەدەنيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئىتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز.ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر،دەل شۇ ماقامغا يەتكەنلىك،ئەمما ئۇنىڭدىن ئىشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتور.كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار-نۇمىسىغا چىتىلدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئىپادىلسىمۇ،ئۇنى ئاقلانە تەھلىل قىلىش،راست-يالغانلىقىنى پەرىقلەندۇرۇشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ.مۇشۇ ئاجىزلىقتىن ئۇلارنى بىر-بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلېرىگە قارشى سۆز-چۆچەككە سىلىشى مومكىن.مانا بۇ،گۇماندا بۇلۇپ،ئىشەنىچتە بولماسلىق،غەزەپتە بۇلۇپ،ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.
2.ئىجدىمائىي مىللەت. بۇ ئىتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۇستۈنلىكى بىلەن خاراكتىرلەنگەن مىللەتتور.ئەگەر بىز ئىتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومومى تۈركۈم ئىڭى ۋە مىللى ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت دەپ قارىساق،ئىجدىمائى مىللەتنى بۇنداق ئاڭ،بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دىيىشىمىز مومكىن.ئىجدىمائى مىللەتنى ئىتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۇستۇن قىلغان نەرسە ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئىڭى،كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى،ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنۋىرسال رىقابەت ئۇستۇنلىكىدىن ئىبارەت.دەرۋەقە،ئىجدىمائى ئىجدىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلۈكلېرى،زەئىپلىكلېرى بولسىمۇ،ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلېرى ئۈستۈن تۇرىدۇ.ئۇلار بىكات تەلەپ،لايغەزەل،تەلۋىلەرچە ھەشەمەتخورلۇق،مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئىشىپ چۇشكەن يۇرتۋازلىق،ئۆز مەنپەئىتى ۋە گۇرۇھ مەنپەئىتى ياكى گۇروھ مەنپەئىتى ئۇچۇن مىللەت گەۋدىسىنى پىتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا يىراقلاشقان بۇلۇپ،بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلېرىغا خەيرىخاللىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمى ئالامىتى.
3.سىياسى مىللەت. بۇ مىللەتنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى ئىجدىمائىي مىللەت كاتىگوريىسىدىن پەرىقلەندۇرۇش ئۇچۇن قوللىنىلغان بۇلۇپ،ئادەتتىكى سىياسى سەلتەنەت مەنىسىگە قارتىلمىغان.سىياسى مىللەت ھازىرقى زامان مىللەتلېرى ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرى مىللەت مىللى ئەنئەنىۋى مەداەنيەت،مىللى ئاڭ ۋە بىرلىك-ھەمدەملىككە،رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ئۇستۇنلىكىگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلېرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇلار يالغۇز پەن-تىخنىكا،تاۋار ۋە سودىدا دۇنياۋى تەسىر قوزغاپ قالماستىن،شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇشنى تەشكىللەش،تۇرمۇش مەدەنيىتى جەھەتتىمۇ باشقا خەلىىقلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان،ئۇلار ئۈز مىللى تۈركۈمىنى ئەۋزەللىك بىلەن گۆللەندۇرۇپ قالماستىن،يەنە ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىغان،ئۆز مىللىتىنىڭ«ئىجدىمائىي مىللەت»،«تەبئي مىللەت»چاغلېرىدىكى غەيرى ئىنسانپەرۋەر،غەيرى مەدەنى ئىللەتلەرنى ئاشكارا،سېستىملىق تەنقىد-مەسخىرە قىلىشقا تۇتۇنغان. ئۇلار نەزەريىۋى تەپەككۈر ۋە ئاساسي نەزەريە تەتقىقاتىدا،ئىنسانىيەت تارىخىنى كەلگۈسى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش سەپرىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. مانا،ھازىرقى جاھان مىللەتلېرىنىڭ قول ئىلكىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى،تۇرمۇش رىسقى،يۇز-ئابروي،مەتبۇئات نوپوزى،تۇنۇلۇش دەرىجىسى،تەسىر دائىرىسىنى بەلگىلەپ تۇرغان ئۈچ تامغا!
مەنبە؛ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ«يىپەك يۇلىدا قايتا ئويلىنىش»
|
|