پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1049 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 1

دۇنيادىكى 10چوڭ ئىمپىراتۇر[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
28
قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:13:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى 10چوڭ ئىمپىراتور
•        - چىڭگىزخان-( 1227 - 1162 ) 1206 - يىلىدىن 1227 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 4 مىليون 860 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان . چىڭگىزخان تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن تارتىپ ئىچكى دېڭىزغىچە ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شىمالىي يېرىم قىسمى ، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق كەڭ رايونلارغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
2- ئالىكساندىر -مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334 - يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 326 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، تەخمىنەن 2 مىليون 180 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مېلى زېمىننى بويسۇندۇرغان . ئۇ - بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ، كىچىك ئاسىيا ، مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تارتىپ ، ھىندى دەرياسىغىچە بولغان كەڭ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
3 - تۆمۈرلەڭ - مىلادى 1370 - يىلىدىن 1402 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، تەخمىنەن 2 مىليون 140 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان .
ئۇ - پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ، شۇنداقلا ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
4 - كىرائۇس -بۇ قەدىمكى پىرسىيە پادىشاھى بولۇپ ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 559 - يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 539 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 2 مىليون 90 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان .
ئۇ - شەرقىي ئىران ئېگىزلىكى ، غەربىي كىچىك ئاسىيادىكى كەڭ رايونلار ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
5 - ئادلوف گېتلىر - ( 1945 - 1889 ) 1933 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 1 مىليون 370 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم زېمىننىڭ ھەممىسى ئۈچ يىل ئىچىدە قولدىن كەتكەن .
گېتلىر - پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا ، ئانگىلايىس بوغۇزىدىن تارتىپ موسكۋاغىچە بولغان رايونلارغا ، شىمالىي ئافرىقىدىن تارتىپ نورۋىگىيىگىچە بولغان كەڭ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
6- ناپالىئون بۇناپارت -( 1821 - 1769 ) 1796 - يىلىدىن تارتىپ ، فرانسىيە 1 - ئىمپېرىيىسى گۈللەنگەن 1810 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆزىنى فرانسىيىنىڭ ئېمپيۇراتۇرى دەپ ئاتىغان ناپالىئون تەخمىنەن 720 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان . ئۇ- فرانسىيە ، بېلگىيە ، گوللاندىيە ، شۋېتسارىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
7 - كورتۇس - ( 1547 - 1485 ) ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچى بولۇپ ، 1519 - يىلىدىن 1526 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى كىچىك بىر قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ تەخمىنەن 315 مىڭ كۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان . ئۇ ئازتېكلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي مېكسىكا رايونىنى ئىگىلىگەن ، ئارقىدىنلا كېۋاتېمالار ۋە گوندۇراسنى بويسۇندۇرغان . بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-28 12:12  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
274 سەر
تىللا
87 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
268 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 12:14:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالغان 3 ئمپىراتۇرنى تورداشلار ئۆزى دەپ باقسۇن.
يۇقۇرىغا چىقاي دىسەڭ،پۇتۇمدىن تارتماي،قۇلۇمدىن تارتقىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 23:51, Processed in 0.103794 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش