پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1053 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 1

سەن نەلىك ؟(ھەجۋى ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
40
قىزغىنلىق
463 سەر
تىللا
531 دانە
تۆھپە
319 سەر
شۆھرەت
205 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 23:04:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن  نەلىك ؟
‹‹ھەجۋى ساتىرا››


_
سىنىپ باشلىقىمىز ئەكبەرنىڭ ئورنىغا ئۆزى بىلىملىك، مەسئۇلىيەتچان، سىنىپ خىزمىتىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئادىل باشلىقتىن بىرنى سايلايمىز دېگەن ، سېنىڭچە كىمنى سايلىساق بولار؟
_ مېنىڭچە مەتقاسىمنى سايلايلىمىكىن دەيمەن.
_ قايسى مەتقاسىمنى دەيسەن؟  
_ ھېلىقى خوتەنلىك مەتقاسىمچۇ؟  
_قويە ئاداش، خوتەنلىك دېگەنچۇ،   بىرنى بىي دەيتمىز، ئىشكەنى تىرت دەيتمىز دەپ تۇرىۋالىدىغان جاھىل خەق ئۇ.
_ ئۇنداقتا توختاجىچۇ؟
_ نەلىك  نېمە ئۇ ؟
_ قەشقەرلىك.
_ قويا ئۇ قاشقالىقىنى، قاشقالىق دېگەن بىر چەينەك چاي تېپىۋالسا، ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان، گېپى ئاچچىق، زەھەردەك خەق   ئۇ.  
_ ئەمىسە ئاتۇشلۇق ھاجى كېرەمچۇ؟  
_ ئاداش ، ئاتۇشلۇقنىڭ سىنىپ باشلىقى بولۇپ قېلىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن!
_ ئاتۇشلۇق شۇنچە يامانما ؟
_ ئاتۇشلۇق دېگەنچۇ، ئاي شارىغا ئاچچىقسۇ (سىركە)ساتقىلى چىققان خەق.
_ ماڭا ئاداش، ئاي شارىغا ئامرىكىلىق چىققان تۇرسا.
_ ئامرىكىلىق ئەمدىلا ئاي شارىغا چىقىشىغا، ئاتۇشلۇق ئاللىقاچان ئاي شارىدىكى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ  پۇلىنى يانچۇققا سېلىپ قايتقان گەپ.
_ يائاللا، دۇنيادا ئاتۇشلۇق يوق يەر بارمىدۇ؟
_بار  
_ نەدە؟
_ دوزاختا يوق
_ نېمىشقا؟  
— چۈنكى دوزاختا پايدا يوق ئەمەسمۇ؟
_ ئەمىسە تۇنىياز قانداق؟  
_ كىم ئۇ تۇنىياز دېگېنىڭ؟
_ ئاقسۇلۇق تۇنىيازچۇ؟
_ ئاداش، ئاقسۇلۇق دېگەنچۇ، بىر كاۋىنى تالىشىپ تونۇرغا دۈم چۈشۈپ ئۆلگىلى تاس قالغان خەق.
_ ئەمىسە زامانىدىننى سايلايلى ؟
_ ھېلىقى غۇلجىلىق زامانىدىننى دەمسەن، ئۇمۇ بولمايدۇ.   نېمىشقا دېسەك؟  غۇلجىلىق دېگەن بارغۇ، قۇلىقى يوق تەمبۇردىن بىرنى تېپىۋالسا، <خانلەيلۇننى ۋارقىراپ، زەي سالماي پو ئېتىپ، ئۈچ ۋاخ تاماق يېمەيدىغان خەق ئۇ.  
_ بىر قېتىم گەپ قىلىپ، ئون قېتىم كۈلىدىغان خەق دېگىنە ئۇ، خۇددى تۈكىنى تارتقان ئۆچكىدەك.   
_ ۋاي شۇنى دېگىنە، ئايىغىنى پارقىرتىپ، ئىشتاننى قىرلاپ يۈرگەن بىلەن يانچۇق قۇرۇق، بىر تىيىن يوق، ئەتكەن چايغا نان چىلاپ يەپ  كۈن كەچ قىلىدىغان خەق.   
_ ئەجەپمۇ ئوخشاتتىڭا ئۇ غۇلجىلىق خەقنى، مۇبادا زامانىدىننى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويساق، ئۇ بىزگە  يىغىن ئېچىپ قالسا، ساۋاقداشلار، ھازىر يېغىننى باشلايمىز   ۋەيت، بىر ھەپتىلىك ئومۇمىي ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقارساق ۋەيت  دەپ يېغىننى ئولتۇرۇشقا ئايلاندۇرىدۇ.  
_  ئۈرۈمچىلىك دىلشات خېلى تۈزۈك ، يامان ئەمەس نېمىدەك تۇرىدۇ، شۇنى سايلامدۇق- يە ؟  
_ ئۈرۈمچىلىكنى قانداقمۇ سىنىپ باشلىقى قىلغىلى بولسۇن ئاداش، ئۈرۈمچىلىك بارغۇ، پىۋىنى تولا ئىچىپ   لاتىلىشىپ كەتكەن خەق ئۇ، ئۇنى سايلىساق بولمايدۇ.
_ئەمىسە تۇرپانلىق   ئەنەيتۇلچۇ؟ گېپى قوپال بولغان بىلەن ، كۆڭلى ياخشى نېمە ئۇ.
_ بولمايدۇ، ئاداش، تۇرپانلىق دېگەن بەك ئەخمەق كېلىدۇ  جۇما، موللا زەيدىن بوپ قالمايلى يەنە.
_ قۇمۇللۇق سالىچۇ؟  
_ قويە ئۇ تۇڭگان قاپاق ، خەنزۇ چىراي بىر نېمىلەرنى...   
_ ئالتايلىقچۇ؟
_ بولمايدۇ .
- كۇچالىقچۇ بايىرچۇ؟  
_ ۋاي  قويا ، ئۇ خەقنى ،  ئەرلىرى ئەردەك ئەمەس غىلجىڭ بىر نېمىلەرغۇ؟
_ چەرچەنلىك قەيسەرجانچۇ؟
_ تېخىمۇ بولمايدۇ  ئۇ  ئورۇس كۆز.
_ شۇنداق قىلىپ  سىنىپ باشلىقى بولىدىغانغا كىم قالدى؟
_ سەن بىلەن مەن .   
_ ئۇنداقتا  سەن نەلىك______________ ؟
_ ئۆزۈڭچۇ _____________________؟   
  بۇ ساتىرا  ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى ئۇيغۇرچە گېزىتى  2007-يىل 8- ئايلىق سانىدىن ئېلىندى.
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

Rank: 1

قىزغىنلىق
8 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 17:19:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى كىمنى سىنىپ باشلقى سەيلىسە بۇلار ھە! ئەڭ ياخشىسى باش قاتۇرمايلا قۇياي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-4 12:06, Processed in 0.099410 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش