تەخسىكەش
باشلىقلارنىڭ ئالدىدا ياۋاش بولدى تەخسكەش ، لالما ئىتتەك ئادىتى قاۋاش بولدى تەخسىكەش.
باشلىقىغا مىڭ تازىم ئانىسىغا يوق تازىم ، ۋاقتى كەلسە دادىنى تالاش بولدى تەخسىكەش.
شۇنداق يامان ئىللەتنى ئۆگەندىكىن قەيەردىن ، ئارقا ئىشىككە بەك ئۇزۇن ئادااش بولدى تەخسىكەش.
ئەمەل ئۈچۈن كىچەركەن ئۇرۇق تۇققان قىرىنداش، ۋىجدان سىتىپ باشلىقنى ماختاش ئىكەن تەخسىكەش .
تەخسە يالاپ ھەر كۈنى تويمايدىكەن ئەجەپمۇ ، بىلسەم كەسپى يۇندىنى يالاش ئىكەن تەخسىكەش.
ئۆزگەر ئەمدى تەخسىكەش ياخشى ئادەم بولۇشقا ، مىھىر شەپقەت ئىلىڭگە تۇتاش بولسۇن تەخسىكەش.
جانبەر ساڭا سۆزلەيدۇ ۋەتەن ئۈچۈن كۆيگىن دەپ ، ياخشىلارنى ئەل باغاش قىلار بولدى تەخسىكەش .
مەنبە: جانبەر يازمىلىرىدىن
|