پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1060 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 3

100نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىش كۈچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
85
قىزغىنلىق
1180 سەر
تىللا
199 دانە
تۆھپە
852 سەر
شۆھرەت
855 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 13:54:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

100نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىش كۈچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى


نامراتلارنىڭ پەرىشتىسى


دېرىيسا مۇناخنىڭ ئەسلى .ئىسمى مارىيە . دېرىيسا. بوگېي بولۇپ ، ئالبانىيىلىك خەيرى -ساخاۋەتچى . ئۇ1979-يىلى نوبىل تىنىشلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
دېرىيسا مۇناخ كاتولىك  دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئائىلىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ ، ئاتا -ئانىسى ئىخلاسمەن مۇخلىس ئىدى . ئۇئىلاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ دىنى ئىتىقاتىدىن ھىس قىلغان .
ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىتىقاتى ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيلىگەن . ئاپىسى قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە بۇرۇنلا ئويلىنىپ بولغان . دېرىيسانىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىكى مەزگىلى چىركاۋدا ئۆتكەن . بىر يىلدىن كىيىنمۇ ئۇ ھۈكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالماي ، ئاچىلىرى بىلەن بىللە ئۆيدە كاتولىك دىنى تەربىيىسى ئالغان . بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۆينىڭ يېنىدىكى بىر چىركاۋدا باشلىنىپ ، ئاخىرىدا ئورتاق دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلىشاتتى . ئاتا-ئانىسى قىزلىرىنى مۇشۇ خىل تەربىيە بىلەن چوڭ قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى . ئەلۋەتتە ، دېرىيسامۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلغان .
دېرىيسا 12ياشقا كىرگەن يىلى ، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان . دېرىيسا تەڭرىنىڭ چاقىرۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا تۇيۇقسىزلا كەلگۈسىدە بىر مۇناخ بولۇش ئارزۇسى تۇغۇلغان .مۇناخ بۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئىش بولماستىن ،دىنى ئەقىدىدە مۇناخلارغا نىسپەتەن قاتتىق بەلگىلىمە بار ئىدى ،كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كىلىۋاتقان دېرىيسا بۇ بەلگىلىمىلەرنى بەش قولدەك بىلەتتى .دېرىيسانىڭ مۇناخ بۇلۇشتىكى .ئۇيى ئاساسلىقى نامراتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدى .
ئەلۋەتتە، بۇخىل بالىنىڭ كاللىسىغا بىردىنلا كىلىپ قالغان ئىش ئەمەس ئىدى . توققۇز ياش ۋاختىدا ،دادىسىنىڭ ۋاپات بۇلۇشى بۇبىر ئائىلىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرغان ئىدى .ئەڭ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىش ئازابى ئۇلار بىلەن چىركاېنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان ئىدى .پەقەت چىركاۋدا دۇئا قىلغاندىلا ئۇلار ئازابىنىڭ بىر ئاز يىنىكلەپ قالغاندەك بولغانلىقىنى ھىس قىلاتتى .شۇنىڭ بىلەن دېرىيسانىڭ تەڭرىگە بولغان ئىتىقاتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ، تەڭرىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا باشلىغان.
كېيىن ، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى بىر قېتىملىق تاساددىبىي پۇرسەتتە تېخىمۇ كۈچەيگەن . بىر كۈنى ئۇ باستىرنىڭ لورېتتا مۇناستىرى ھەققىدە سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ . لورىتتا مۇناستىرى ئەنگىلىيىدە بۇلۇپ ،1609-يىلى قۇرۇلغان ،بۇ مۇناستىرنى قۇرۇشتىكى مەخسەت بىر قىسىم ياش ئاياللارنى تەربىيلەپ ، ئاندىن ئۇلارنى ھىندىستاننىڭ بىنگالغا ئاپىرىپ شۇ يەرلىك بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ قۇرۇش ئىدى .
بۇ  مۇناستىر دېرىيسانى جەلىپ قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇناخلىق تۇرمۇش يۇلىغا رەسمى قەدەم بېسىش نىيىتىگە كەلگەن .شۇنداق قىلىپ ،ئۇ لورىنتا مۇناستىرىغا كىرىپ ، ھىندىستانغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان .ئەمدىلا
18 ياشقا كىرگەن ،بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1.52 مېتىر كىلىدىغان دېرىيسا يۇرتىدىن ئايرىلغان ھەمدە شۇنىڭدىن كىيىن ، ئاپىسى بىلەن ئاچىلىرىنى كۈرۈپ باقمىغان .دېرىيسا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ،كىيىن ئۇ ھىندىستانغا كىلىپ نامراتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان .ئۇئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق سانسىز كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ ،كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹پەرىشتە ››دەپ ئاتالغان .

ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ئارزۇسى


فردېرىك . گىرانىك .بانتىنگ كانادالىق تىببى ئالىم . ئۇدىئابىت كېسىلىنى داۋالايدىغان ئىنسولىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 1923-يىلى فىزىئولوگىيە ۋە مىدىنسىيا پەنلىرى بۇيىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
بانتنگ ئۆيىدىكى بەش بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بۇلۇپ ،ئاپىسى ئۇنى تۇققان چېغىدا كىسەل بۇلۇپ قالغان .بۇئىشنى بانتنگ ئەقلىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇققان ،شۇڭا ئۇ ئاپىسىغا يۈزكىلەلمەيدىغاندەك ،ئاپىسىنىڭ كىسىلىگە ئۆزى سەۋەب بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلغان ،شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇئاپىسىغا ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلگەن .ھەر قېتىم ئاپىسى ساقسىز بۇلۇپ قالغاندا ،ئۇھەمىشە مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن ،ئاۋۋال دورىخانىغا بېرىپ ئاپىسىغا دورا ئېلىپ ،ئاندىن ئۆيىگە قايتاتتى . ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن ،چوڭ ئادەمدەك ئاپىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ :‹‹قانداقراق تۇرىسىز ؟قاتتىق ئاغرىمىغاندۇ؟››دەپ ئەھۋال سورايتتى .ئاندىن قايناغ سۇ بىلەن دورىنى ئەكىلىپ،ئاپىسىغا دورىنى ئىچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ،دەرسلىرىنى تەكرارلايتتى .
ئاپىسى ئخلاسمەن مۇخلىس بۇلۇپ ،ئۆزىگە تەڭرىنىڭ پاناھ بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى .ھەر يەكشەنبە كۈنى ،ئاپىسى چىركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلاتتى . بۇنداق ۋاقىتلاردا بانتنگ ئاپىسىنى يۆلەپ باراتتى . ئۇ تەڭرىنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى ساقايتى، باشقا دوسلىرىنىڭ ئاپىلىرىغا ئوخشاش ئۇنى ئويناتقىلى ئاپىرالايدىغان قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى .
ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن، ئاپىسى ئۇنىڭ مۇناستىردا ئوقۇپ ، كەلگۇسىدە ئىنسانلارنىڭ روھىنى قۇتۇلدۇرىدىغان پوپ بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . بانتىنىگ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بىر مۇناستىرغاكىرىپ ئوقىغان . ئەمەلىيەتتە، ئۇ تىببىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، كەلگۇسىدە دوختۇر بولۇپ ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى . ئۇ ئاپىسىنىڭ گېپىگە كېرىشنى ئەڭ چوڭ ۋاپادارلىق دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپىسى پوپقا ئەڭ چوقىنىدىغان بولۇپ ، ئۇ پوپنى تەڭرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، دەپ قارايتتى .
بانتنگ ئاپىسىغا بولغان ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلەپ، تەڭرىنىڭ ئاپىسىغا پاناھ بولىشىنى تىلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما تەڭرى ئاپىسىدەك ئىخلاسمەن مۇخلىسقا ئىچ ئاغرىتمىغان ، ئاپىسى ناھايىتى تىزلا ئالەمدىن ئۆتكەن . بانتنگ قاتتىق ئازاپلانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ تەڭرىگەبولغان ئىشەنچىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن يۇقالغانىدى . ئۇ تەڭرىنىڭ پەقەت كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ھېچ كىمنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى ، پەقەت دوختۇرلا قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن .
ئۇ مۇناستىردا بىر يىل ئوقۇپلا مۇناستىردىن چېكىنىپ تېببىي مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولىشى ئۈچۇن ئاپىسىنىڭ سۈرىتىنى ئۈستىلىگە تىزىپ قويغان . ھەر قېتىم ئاپىسىنىڭ ئىللىق چىرايىغا قارىغىنىدا، ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچ نېمە بىلىنمەيتتى .
شۇنداق قىلىپ ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكىچە ، ئاپىسىغا بولغان ۋاپادارلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ھەركەتلەندۇرگۇچ كۈچ قىلىپ ، ئىنىسونىلنى بايقاپ ، دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىنى ھەل
قىلغان . (02)
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى (2007-يىلى 5 )
ئۆزۈم كىرگۈزگەن .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
242 سەر
تىللا
57 دانە
تۆھپە
141 سەر
شۆھرەت
147 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 02:05:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز. بولسا ئىشنى قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلىپ 100 نەپەرنىڭ ھەممىنى يېزىۋەتكەيسىز.
مۇشۇ نوبىل مۇكاپاتى ئالغان كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ كىچىك ۋاقتى قىيىنچىلىق ئۆستىدە ئۈتۈپتىكەن، لىكىن بۇلار قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئاخىرى ھەممە قايىل بولغۇدەك نەتىجىگە ئىرىشتى. بۇلار كىچىكىدىن باشلاپ قىزىقىشى بويىچە ئىش كۆرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئارقىلىق ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئاخىرىدا چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىدى. شۇڭا بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش كىرەك، مەيلى ئۆز بالىڭىز بولسۇن ياكى ئوقۇغۇچىڭىز بولسۇن قىزىقىشىغا ھەرگىزمۇ سۇ سەپمەڭ. ( قىزىقىشى ئۇرۇنلۇق بولسىلا)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6053 سەر
تىللا
4161 دانە
تۆھپە
4147 سەر
شۆھرەت
4612 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە داۋامىغا تەشنامىز جۇمۇ !كىيىن ھەممىسى بىر بولغاندا ئېلكىتاپ قىلىپ چىقىرامىز!

Rank: 2

قىزغىنلىق
15 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
17 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 18:13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازما قولىڭىىزغا دەت بەرمىسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-5 07:40, Processed in 0.100129 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش