پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1040 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ مەكتەپ ئېلمىي بۈلۈمنڭ خىزمەت پىلانى 2[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
69
قىزغىنلىق
937 سەر
تىللا
260 دانە
تۆھپە
407 سەر
شۆھرەت
504 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 16:28:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمىنىڭ 2009-2010 – ئۇقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى خىزمەت
پىلانى


مەكتەپ ئىلمى بۈلۈمىنىڭ 2011-2012 ئۇقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى خىزمەت
پىلانى
ئومومى ئەھۋال: يىزىمىز ناھىيە مەركىزىدىن 56كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان چەت-يىراق يىزىلارنىڭ بىرى، يىزىمىزنىڭ ئومومى نۇپۇسى            ئوقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈر-بالىلار       نەپەر بۇلۇپ ئومومى نۇپۇسنىڭ        تىنى ئىگەللەيدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1723 نەپەر بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى پىئونىر 1479 نەپەر. يېزىمىزدا  7تارماق مەكتەپ 4 ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار. ئومومى ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچى   116 نەپەر، رەھبەرلەرنىڭ تەستىقى ئارقىلىق باشقا جايلاردا ئارىيەت بۇلۇپ ئىشلەۋاتقانلار 17نەپەر،خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرۋاتقانلار9  نەپەر، ئەمىلى قالغان ئادەم 90  نەپەر,  قوش تىل ئۇقۇتقۇچىسى 3نەپەر . جەمئى ئىشلەۋاتقانلار سانى 93 نەپەر ،  سىنىپ  69   . ئۇقۇشتىن ئىلگىركى قوش تىل  سىنىپ سانى 6بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 199، 1- يىللىق سىنىپ سانى 7، ئۇقۇغۇچى سانى 171نەپەر .بۇنىڭدىن قوش تىل سىنىپ سانى 2، ئوقۇغۇچى سانى 70نەپەر. ، 2- يىللىق سىنىپ سانى 8 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 244 ،بۇنىڭ ئىچىدىكى قوش تىل سىنىپ سانى 4،ئوقۇغۇچى سانى 156نەپەر. 3- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 339،بۇنىڭ ئىچىدىكى قوش تىل سىنىپ سانى 2،ئوقۇغۇچى سانى83نەپەر. 4- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچى سانى 347 . 5- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 313 .   6- يىللىق سىنىپ سانى 12 بۇلۇپ ئۇقۇغۇچى سانى 309نەپەر
پىلاننىڭ يىتەكچى ئىدىيسى: "بۇ يىل  11-بەش يىللق" پىلاننىڭ ئىككىنجى يىلى ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئۈگۈنۈش يۇقىرى دولقىنغا كۈتۈرلىۋاتقان ، شۇنداقلا ناھىيلىك مائارىپ خىزمەت يىغىننىڭ روھىنى ئەمىللىيلەشتۈردىغان "3كە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىدىيسىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ فاڭجىننى ئوموميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ،مائارىپ ئىسلاھاتى،يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ << قوش تىل ئۇقۇتۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ >>"  ئەخلاقى تەربىيەنى ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ  ،ئىككى ئاساسەن" نى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىلگى سۈرۈپ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ،مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ئۇقۇ-ئوقۇتۇش بىلىم سۈپەت جەھەتتە  بۈسۈش ھاسىل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا يۇقىرنىڭ "ئىككى ئاساسەن" نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۇغۇرسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى، مەكتەپكە كىلىش نىسبىتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە  تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز .
بۇ ماۋسۇملۇق خىزمەتلەرنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرشى تۆۋەندىكىچە:
1)بۇ ئوقۇش ماۋسۇمى جەمئى 21ھەپتە بولۇدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دەرىس ئوقۇش ۋاختى 18ھەپتە، چارەكلىك ۋە ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ۋاختى 2ھەپتە بولۇدۇ.

كۇنكىرىتنى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرش تۆۋەندىكىچە:
(1)2009-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپكە يىغىپ ئوقۇش باشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەيمىز.
(2)2009-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە يىغىپ رەسمى دەرىس باشلىنىدۇ.
(3)بۇ ماۋسۇملۇق ئوقۇش ۋاختى 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچەبۇلۇدۇ.
(4)چارەكلىك ئىمتاھان 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ. 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىنىدۇ.
(5)2010-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇغۇچىلار قىشلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلىدۇ.
(6)بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا مەكتىۋىمىز دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيچە ئوقۇتقۇچىلارنى رۇزھىيتقا بىركۈن، قۇربان ھىيت بايرىمىغا ئۈچ كۈن ،دۆلەت بايرىمىغا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بىرىلىدۇ.
1.        سىياسى-ئىدىيۋى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:
1)        سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىينىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.
بۇجەھەتتە مەكتەپلەدە ھەپتىدە 2سائەتلىك يەنى دۈشەنبە،چارشەنبە  كۈنلىرى چۈشتىن كىيىنكى مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز. خاتىرە قالدۇرۇشقا تەسىرات سۆزلەشكە يىتەكلەيمىز.
2)قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغۇرسىدىكى ھۆججەت، قانۇن، نىزاملارنىڭ روھىنى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنيەتلىك، ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمىز.
3)ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق ۋە ساغلاملىق ، پىئۇنىرلار ئەتىرەت پائالىيتىى  دەرىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاتىزىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىى،ساغلاملىق تەربىيسى ،ئەيدىس كىسىلىنىڭ   ئالدىنى ئېلىش پىروگىراممىسى   ،زەھەر چەكلەش ،  دولەت مۇداپىيە ، بىخەتەرلىك  ، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش ، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن  مۇداپىيەلىنىش تەربىيسىنى كۈچەيتىمىز.
مۇھىت ئاسىراش تەربىيسىنى 1- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە بولغان ئۇقۇغۇچىلارغا ھەر ئۇقۇش ماۋسۇمىدا  ، مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە ئىشخانىسى 3 سائەت  مەخسۇس لىكسىيە شوزلەشنى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرىمىز ھەر ئۇقۇش ماۋسۇمىدا  تارماق مەكتەپلەر بۇيىچە بىر قېتىم ئۇقۇغۇچىلارغا يۇد كەملىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىشقا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز
4)ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنى دەرىستىن كىيىن ئېلىپ بېرلىدىغان  پىئونىرلار پائالىيتىنى  تارماق مەكتەپلەر بۇيىچە جانلىق ئېلىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلمىز .سىنىپ يېغىنى قەرەرلىك تۇلۇق ئاچىمىز  
5)ئىتىپاق ياچىكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
6)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن داھىيلارنى ھۆرمەتلەش، ئىنقىلاۋى قەھرىمانلاردىن ئۈگۈنۈش پائالىيەتلىرىنى ئەتىراپلىق قانات يايدۇرىمىز.
7)ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىك كىتاۋىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە دەرىسلىك كىتاۋىنى رەتلىك پاكىزە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلمىز.

2.        ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:
1) بۇ ماۋسۇم مەكتەپنىڭ تەشكىلى تۈزۈمىنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ، ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. رۇخسەت بىرىش، تەستىقلاش، تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش نىسبىتنى %99 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
2) ياش ھەم يىڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە، يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىمىز. بۇجەھەتتە ھەرقايسى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ناھىيە،ۋىلايەت دائىرسىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى مەكتەپلەرگە1قىتىم ئاپىرىپ، دەرىس ئاڭلاشقا تەجىرىبە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز.
3) ئوقۇغۇچىلارنى %100 تۇراقلاشتۇرۇشقا مەكتەپكە كىلىش نىسبىتى %98.5 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
4)  ئۈلگۈلۈك مۇكاپاتلىق ئوچوق دەرىس ئۆتۈش پائالىيتىنى ياخشى تەشكىللەپ، بۇ مەۋسۇم ئىچىدە كەم دىگەندە تىل-ئەدەبىيات،خەنزۇتىلى ،ماتىماتكا،ئېلىببە پەنلىرى بۇيچە 4قىتىم ئورۇنلاشتۇرىمىز.
5)  مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى مۇكەممەل قۇرۇپ ئۇلارنىڭ رولىدىن تولوق پايدىلىنىمىز.
6)  قوش تىل ئوقۇتۇشىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىمىز. بۇ يىل 6-يىللق 1-سىنىپتىكى 17 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوش تىل بويىچە ياخشى تەربىيلەپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، يىل ئاخىردا شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 1دىن 2گىچە ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
7) 2-دەرىسخانا پائالىيتىنى جانلىق ئېلىپ بارىمىز.
8) تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش، ئارقىدا قالغانلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.
9) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتىرىمىز.بۇجەھەتتە سەيشەنبە 3سائەت ، پەيشەنبە، 3سائەت شەنبە 4 سائەت  جەمئىي 10 سائەتلىك ئۈگۈنۈشكە پۇختا تەشكىللەيمىز.
10) ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتۇش توغۇرسىدا مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە، خىزمەت خۇلاسسىنى ۋاقتىدا ئېچىپ ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ئارقىدا چىققانلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بۇئارقىلىق بۇمەۋسۇمدا يىزىمىزنىڭ ئالدىنقى ماۋسۇمدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى %83.1  بولۇپ بۇ ماۋسۇمدا %85 دىن ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
11)يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى بۇيىچە ئۇقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە ياخشى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
12)ئىككىنچى  دەرىسخانا  قىرائەتخانا ، تەجىربە خانا خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز .تەجىربىخانا، قىرائەتخانا  خزمىتىنى  مەكتەپلەردە ھەقىيقى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپلارنى ئاريەتئېلىپ ئۇقۇش ۋە تاپشۇرۇپ بىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز .بۇلۇپمۇ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاسىراش جەھەتتە مەسئولىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىللەشتۇرۇمىز. ئىلمى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش ، ساقلانغان مەسىللەرگە نىسپىتەن ۋاختىدا بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز.
تارماق مەكتەپلەرنىڭ بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۈتۈلگەن دەرىسىنى ھەپتىسىگە 6سائەتتىن يۇقۇرى بۇلۇش مەركىزى مەكتەپنىڭ 14سائەتتىن يۇقۇرى بۇلۇشىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.
13)بۇ ماۋسۇملۇق باسقۇچلۇق ۋە ماۋسۇملۇق ئىنتاھاننى مەمۇرىيەت تەرپىدىن بىر تۇتاش ئالىمىز ، ھەرقايسى يىللىقلاردا ئايلىق ئىمتاھان ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۇرۇمىز، مۇكاپات جازانى پاراللىللار بۇيىچە قىلىمىز ، ھەرئايلىق ئىمتاھاننىڭ %10نى ئېلىپ ، چارەكلىك ئىمتاھاننىڭ %40،ماۋسۇملۇق ئىمتاھاننىڭ %60نى بۇيچە جازا-مۇكاپات يۈرگۈزىمىز ،ئالدىنقى 30 % ئۇقۇتقۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ ئارقىدا چىققان 20% ئۇقۇتقۇچى جازالىنىدۇ ، نەتىيجىسى لاياقەتسىز چىققان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ 1% ئۈچۈن 20 يۈئەندىن   پۇل تۇتۇلىدۇ.
14)1- يىللىق ئۇقۇغۇچىللىرىنى مۇشۇ يىل  ئىچىدە تۇلۇق ساۋاتلىق قىلىمىز .
15)يېزمىز بۇيچە مۇل مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا پائالىيتىنى بۇ ماۋسۇمدا بىر قىتىم ئېلىپ بىرىشقا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.
16)دەرىس ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تەنتەربىيە دەرىسىنى تولۇق تەسىق قىلىپ ھەر ھەپتىدە بىر سائەت تارماق مەكتەپلەر ئارا ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بارىمىز. ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئەيدىس كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،زەھەر چەكلەش ،يوت كەمىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەربىيەلەرنى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ماۋسۇمدا ئىككى قىتىم ئېلىپ بارىمىز.
17)دەرىس مەزمۇنىغا ساغلاملىق دەرىسى،سىنىپ يىغىنى ئىتتىپاق پىئۇنىرلار ئەتىرەت پائالىيەتلىرگە مۇئاپىق بىرلەشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت مۇداپىيە ،بىخەتەرلىك ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قۇغداش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،سىڭدۇرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش تەربىيەسىنى تولۇق ئېلىپ بارىمىز.
18)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈستۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇدۇ. يېزمىز بۇيچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش تەتقىقات ئىشلىرغا ھەقىيقى كۈڭۈل بۆلۈپ ھەر ھەپتىدە ئېلىپ بىرلىدىغان كەسپى ئۈگۈنىش ، مەدىنىيەت ئۈگۈنىش ۋە خەنزۇتىلى ئۈگۈنىش ۋاختىغا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.
19)ئوقۇشتىن ئىلگىركى قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ توتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. كۈندىلىك پائالىيتىنى 5سائەت ئورۇنلاشتۇرۇمىز.دەرىس ئۈتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ،سۆزلەش ئىختىدارىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۈڭۈل بۆلۈمىز.
ئۆلچەم بۇيچە تاماق بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. راسخۇتنى يۈتكەپ ئىشلىتىۋالمايمىز.
20) ئادەتتىكى سىنىپلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە قوش تىل ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىدۇ. بۇنىڭدا قوش تىل سىنىپلىرنى ئۆلچەم بۇيچە ئاچىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇارقلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.ئوقۇتقۇچىلارنى قوش تىل بۇيچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز.


3.دەرىسلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە:
1)ئوقۇتۇش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن دەرىسلەرنى تولۇق تەسسىق قىلىپ ،دەرس سائىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.ھەرقايسى پەن دەرىسلىرنىڭ دەرىس سائىتىنى خالىغانچە ئۈزگەرتمەيمىز.
2)ئوقۇتۇش كالنىدار پىلانىنى يېزا بۇيىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ  ياخشى تۈزۈپ پىلاندا ۋاقىت ،دەرىس سائىتى ،دەرىس تىمىسى ۋە تاپشۇرۇق،كۈرسەتمە قۇرال قاتارلىقلارنىڭ ئەكىس ئىتىشگە تېگىشلىك بولغان مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرمىز.
3)دەرىس سىرتكىسىنى ئىملى بۈلۈم تەرپىدىن تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، دەرسىلىكنى تاق سائەتلىك ئۆلچەم بۇيچە ئۇرۇنلاشتۇرۇمىز.دەرىس سىرتكىسىنىڭ مۇقۇملىقىغا، ئوقۇتقۇچىلار دەرىسىنىڭ مۇقۇملۇقىغا كاپەلەتلىك قىلىمىز، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خالىغانچە دەرىس ئالماشتۇرشىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىمىز. دەرىس ئالماشتۇرۇش ،دەرىس تۇختىتىش ۋە سەۋەپسىز دەرىس قالدۇرۇش ئەھۋاللانىڭ ئالدىنى ئالىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۈرۈلسە،ئوقۇتۇش تۈزۈمى بۇيچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىمىز .
4)مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرنى ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرگە نۇقتىغا بەلگىلەپ ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرلىشى ئۈچۈن تىرشچانلىق كۈرسىتىمىز.مەكتەپ رەھبەرلىرنىڭ ۋە بەنزە ئەزالىرنىڭ ئۈزكەسپىدىن دەرسى ئېلىش ۋە دەرس ئۈتۈشنى تولۇق ئەمىللەشتۈرۈمىز.ياچىكا شۇجىسى ،مەكتەپ مۇدىرى ھەپتىسىگە ئۈز كەسپىدىن 4سائەتتىن يۇقۇرى دەرس ئېلىپ ئۈتۈشنى ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ، ئىلمى مۇدىر،ئەخلاقى تەربىيە مۇدىر،بۇغالتىر قاتارلىق مەمۇرىيەت ئەزالىرى ئۈز كەسپىدىن 6سائەتتىن يۇقۇرى دەرىس ئېلىپ ئۈتۈشكە ۋە دەرىس تەييارلىقىنى ئۈزى قىلىشقا تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.
تارماق مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۈز مەكتىۋىنىڭ ئوتتۇرچە دەرس سائىتىنىڭ يىرىمى بۇيچە دەرس ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇمىز.
5) دەرسلىك ھەپتىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانلىرى،ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرپىلىرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى قاتارلىق پىلانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈمىز.
6)مەكتەپلەردە دەرس تەسىقلاش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۈرۈپ، تەسسىقسىز ،تەييارلىقسىز دەرىس ئۈتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.  ھەر ھەپتىنىڭ 5- كۈنى مەخسۇس دەرىستىن كىيىن  دەرىس تەسىقلاش تۈزىمىنى   تۇلۇق ئەمىللەشتۈرىمىز تەييارلىقسىز ،تەسسىقسىز دەرىس ئۈتۈش ئەھۋالى كۈرۈلسە ئوقۇتۇش تۈزۈمى بۇيچە بىرتەرەپ قىلىمىز.
7)مەكتەپلەردە يەككە دەرس تەييارلاش ۋە كۇللىكتىپ دەرس تەييارلاشقا ئەھمىيەت بىرىمىز. ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرپىلىرى بۇ ماۋسۇمدا كۇللىكىتىپ دەرس تەييارلاش قىتىم سانىنى بىر قىتىم ئېلىپ بارىمىز، دەرس تەييارلاش جەريانىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەردىن تەبىئى پەن ،ئىجتىمائى پەن بۇيچە خاتىر قالدۇرمىز.
4.دەرس ئاڭلاش ،باھالاش خىزمىتى جەھەتتە:
1)يېزىمىز بۇيچە مەكتەپلەردە دەرس ئاڭلاش باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەنزە ئەزالىرنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاختى بىر ماۋسۇمدا 25سائەتتىن كەم بولماسلىقنى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاختى 36سائەتتىن كەم بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇمىز. بولۇپمۇ يىڭدىن خىزمەتكە قاتناشقان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش قىتىم سانىنى ھەپتىسىگە 3سائەتتىن ئاڭلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
2)ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرىش ئۈچۈن مەكتەپلەردە رىقابەت سەھنىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ تاينىچ ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە پەن باشلامچىلىرنى تەتقىقات خاراكتىرلىك پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىمىز. دەرىس تەييارلاشنى يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى بۇيىچە تۇلۇق بىرلىككە كەلتۈرمىز
3) ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئەلاچى ۋە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ،ئارقىدا قالغانلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.ئەلاچىلار نىسپىتىنى يەككە پەنلەر بۇيچە ئالدىنقى ماۋسۇمدىكى% 63 دىن بۇ ماۋسۇمدىكى ئەلاچىلار نىسپىتىنى يەككە پەنلەر بۇيچە% 64 گە يەتكۈزۈمىز.
4)تەنتەربىيە ، گۈزەل-سەنئەت ، مۇزىكا ئۇنۋىرسال ئەمىلىيەت پائالىيەت دەرىسى ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بىرىپ ،ساپا مائارىپى قەدىمى تىزلىتىلىدۇ. ئىككى ئاساسەن خىزمىتى جەريانىدا سەپلەنگەن تەجىربە سايمانلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرمىز. ھەم يىڭىلىق يارتىش رۇلىغا ئەھمىيەت بىرىمىز.
5)ئىككى گىمناستىكا ۋە ئىككىنجى دەرىسخانا پائالىيتى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىمىز بۇيچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى تەبىئى تالانىتىغا ئاساسەن ھەرقايسى مەكتەپلەر بۇيچە بۇ ماۋسۇمدا ۋالىبۇل ،ۋاسكىتبۇل،تىكتاكتۇپ ، سەنئەت كۇرژۇكى ،رەسىم،ھۆسىنىخەت ،قۇل ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۇرژۇكلارنى تەسىسق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمىلى ماھارىتىنى يىتىلدۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
6) مەكتەپلەردە تەجىربىلىك ۋە كورسەتمىلىك دەرىس ئۈتۈشنى تۇلۇق ئەمىللەشتۈرمىز . بۇ جەھەتتە تەجىربىخانىنىڭ رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز  . مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلار تەجىربىسى ۋە كورسەتمىلىك تەجىر بىنى بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ تۇلۇق ئىشلەيمىز
5. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە:
1) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى رەتلىك، پاكىزە ساقلاپ نۇرمالنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
2) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا تارقىتىلغان دەرىسلىك ماتىرياللىرىنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ ئوقۇتۇشقا پايدىلنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
3) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
4) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمىز.
5) رەھبەرلىك بەنزىدىكى ئەزالارنى ھەركەتلەندۇرۇپ ، قەرەلىك ھالدا مەكتەپلەرنىڭ ھەرساھە خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىمىز. مەخسۇس تەربىيلەنگەن لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالغانلارنى مەخسۇس يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل قىلىمىز. خالىغانچە ئالماشتۇرمايمىز.
6) ئۈسكۈنىلەرنى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەيمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز.
7) ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىمىز. ئەگەر پەۋقۇلادە ئەھۋال ئاستىدا بۇزۇلسا يۇقۇرغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ رىمۇنىتلاپ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
8) باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتۇشنىڭ ئاساسى 1- يىللىق ئۇقۇتۇشى بۇلۇپ،  بىرىنجى يىللىق ئۇقۇتۇش خىزمىتنى  يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن: بىرىنجى يىللىق ئۇقۇتۇۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن مەكتەپتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىتىۋار بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. بىرىنجى يىللىق ئۇقۇتۇشىدا ئىقتىدارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنى  سەپلەپ مەكتەپ مەسئۇلىنى  بىرىنجى يىللىقنى نوقتىلىق يىتەكلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇىمىز، ھەمدە ئايدا بىر قىتىم ماتىماتىكا، تىل – ئەدەبىيات ، ئەخلاق ، خەنزۇتىلى قاتارلىق پەنلەر بۇيىچە ئارىلاپ ئىمتىھان ئىلىپ ھەر ئاينىڭ 1-كۈنىدىن  5-كۈنىگىچە  ئىلىمى بۈلۈمگە يوللاپ بىرىش خىزمىتنى  ياخشى ئىشلەيىمىز. 1-يىللىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئايدا بىر قىتىم ئاڭلاپ، ئىمتھان ئىلىش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ پاراللىلار ئارىسىدىكى نەتىجسىىنى چىقىرىپ 30 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە  مۇكاپات  - جازالاش ، تەجرىبە  تۇنۇشتۇرۇش مەسلىنى قىزىپ چقىرىش ئىلىپ بارىمىز، 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن  خەت يىزىش ئارقىلىق  ساۋادىنىڭ تۇلۇق چىقىشىغا  كاپالەتلىك قىلىمىز ماتىماتىكا، ئىلېپە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ  ئۇرتىقىنىڭ %70  بۇيىچە خۇلاسىلەپ ئىشلەپ جازا مۇكاپات ئەمەلىيەلەشتۈرىمىز، ماۋسۇم ئاخرىدا%100 ساۋاتلىق بۇلۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز، ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەرنىڭ  ئۇقۇتۇشنى  ياخىشى ئىلىپ بىرىشى ئۈچۈن   مەكتەپلەردىكى  ئىقتىدارلق ئۇقۇتقۇچىلارنى  تەجرىبىخانا، قرائەتخانا خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش ئارقىلق تەجرىبخانا ، قرائەتىخانا خىزمتىنىڭ  رۇلىدىن پايدىلىنىمىز، شۇنداقلا تەجرىبخانا قرائەتخانىنىڭ  رۇلىدىن پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغان  ئەھۋالىغا ئاساسەن ماۋسۇم ئاخرىدا  تەكشۈرۈپ يىتەكلەش خىزمىتىنى  ياخشى ئىشلەيمىز.  ئاز دىگەندە  مەمۇرىيەت  تەرىپدىن تەشكىللىنىپ ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئىككى ئاساسەن خىزمىتى ئۇمۇمى  خىزمەتلىرىدىن   2 قېىتىم  تەكشۈرۈىمىز، بۇنىڭدا  ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  سىياسى –ئىدىيە  جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئەھۋاللرى پىلان، دەرس تەييارلىقى خىزمەت  قوللانمىلىرنىڭ  ئىشلىنىش ئەھۋالى ، ئۇچۇق دەرس  ئۈتۈش  ئۇقۇغۇچىلارغا  تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىش ئارقىدا قالغانلارنى يىتەكلەش پىئونىلار خىزمىتى  ، سىنىپ مۇدىرلىق  خىزمەتلىرى مەكتەپ مۇھىتى، رادىئو قارا دوسكا  تەشۋىقاتلىرى ئارقىلق  مەكتەپلەرنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىنى كۈرۈپ مەسئۇلىيەتنامە بۇيىچە جازا مۇكاپات ئىلىپ بارىمىز.
9) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق ساۋاتلىق بۇلۇش خىزمىتىنى باشتىن ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. ماۋسۇم بىشىدا  تەكشۈرۈپ ساۋاتسىز ئۇقۇغۇچىلارنى  ئىنىقلاپ سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە  مەكتەپ مەسئۇلىغا ھۆددىگە بىرىپ  ماۋسۇم ئاخرىدا ساۋاتسىز ، چالا ساۋات ئەھۋاللىرى  كۈرۈلسە مەسئۇلىيەتنامە تەلىۋى بۇيىچە بىر ساۋاتسىز ئۈچۈن 200يۈەن ،بىر چالا ساۋات ئۈچۈن 100يۈەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەققى ئالىمىز.
10) مەكتەپلەردىكى  ئىككىنجى دەرسخانا پىئونىرلار خىزمىتى ۋە كۈرژۈك خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلەيمىز، قوش تىل ئۇقۇتۇشنى  زور كۈچ بىلەن  چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز، مەركىز مەكتەپ ۋە شاختاشلام مەكتەپلەردە نوقتىلىق سىنىپ تەشكىللەيمىز، دەرس ئۈتۈشنى چىڭ تۇتۇپ بۇ يىل 2 دىن 4 كىچە ئۇقۇغۇچىنى  شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز سىنپلارغا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.
11) تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۇش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەيمىز. ھەر ھەپتىسىگە 4 قىتىمدىن  تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيەلەشتۈرىمىز.
12) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىنى %99 ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىشىنى %100 كە يەتكۈزۈمىز ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان ئىتپاقلىقنى تىخىمۇ ياخشىلايمىز.
13) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مۇكاپات جازاسىنى ئەمەلىيەلەشتۈرۈشتە : ماتىماتىكا ئۈچۈن 85% باشقا پەنلەر ئۈچۈن  90%، خەنزۇ تىلى ئۆتكەنلەر ئۈچۈن 75%، ئۆلچەم قىلىنىپ ئاشقان ھەر بىر پىرسەنتى ئۈچۈن  20يۈەن  مۇكاپات بىرىلىدۇ، 50% دىن 59% گىچە بولغانلاردىن  200يۈەن 40%دىن 49% بولغانلاردىن  300 يۈەن 40%دىن تۆۋەنلەردىن 400 يۈەن مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەققى تۇتۇپ قىلىندۇ.
14) مەكتەپلەرنى مۇكاپاتلاش جەھەتتە: مەكتەپنىڭ ئۇمۇمى خۇلاسىنى چىقرىپ 1- دەرىجىگە ئىرىشكەن مەكتەپلەرگە 400يۈەن.2-دەرىجىگە ئىرىشكەن مەكتەپلەرگە 300يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ.
15) 1-يىللىقتىن باشلاپ 6-يىللىققىچە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھۆججەت رۇھى بۇيچە ئايمۇ-ئاي ئمتاھان ئېلىپ خۇلاسىلاپ ، 4ئايلىق ئىمتاھان نەتىجىسىنىڭ ئۇرتىقى خۇلاسىگە ئىشلىتىلىدۇ.ماۋسۇملۇق ئىمتاھان 60% ،باسقۇچلۇق40%بۇيچە خۇلاسە قىلىنىدۇ.
16) يۇقارقىدەك تىرىشىش ئارقىلىق  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 2008-2009-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق بىلىم ئۆزلەشتۈرۈش نىپىتى 83.1%دىن 85% يەتكۈزۈلىدۇ.

باشقا خىزمەتلەر جەھەتتە:
1.مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، كەم ئەسلىھەلەرنى تۇلۇقلاپ بىرىمىز.
2.مەكتەپ يەرلىرىنى ئوبدان باشقۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ مەكتەپلەر شارائىتىنى ياخشىلايمىز.
3.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالمايمىز.
4.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە مەسئۇليەتنامىدىكى تەلەپلەر بويىچە مەۋسۇم ئاخىردا خۇلاسە چىقىرىمىز.
5. ئىمتاھان ئېلىش ئىشلىرىنى مائارىپ ئىدارىسى بەلگىلىگەن كۈن  تەرتىپ بويىچە ئالىمىز. خۇلاسىلەپ مائارىپ ئىدارىسىغا يوللايمىز.

زەپەر               
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-2 02:01, Processed in 0.104883 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش