- تىزىملاتقان
- 2011-9-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-4
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 1057
- نادىر
- 0
- تېما
- 9
- يازما
- 98
 
- يوقلىما
- 79
قىزغىنلىق- 361 سەر
تىللا- 96 دانە
تۆھپە- 141 سەر
شۆھرەت- 184 سەر
  
| مۇھەببەت ھاياتلىق ئالىمىنىڭ قۇياشى ،ھاياتلىق زىمىنىنىڭ بۇلىقى ،گۈزەللىكنىڭ ئانىسى . ئۇنىڭسىز ھاياتلىق ياشنىماس،زىمىنلار ئىللىماس. ئۇ ھاياتقا لەززەت ،تەم ،ئۈمىد،ئىشەنچ،چىدام-غەيرەت ئاتا قىلىدۇ.ھەر قانداق ئىتىقاد ۋە ئىنتىلىش مۇھەببەتنىڭ خاسىيەتلىك كۈچىدىن ھاسىل بۇلىدۇ .شۇڭا مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇنداق مەنىۋى قۇدرەتنى ،روھىي كۈچنى ئەلمىساقتىن بۇيان ھەر قانداق سەنئەت يۈكسەكلەشتۈرۈپ مەدھىيلىگەن ۋە ئىجادىيەتنىڭ ئوزۇقى يۇقىرى پەللىسى ،ئالتۇن تاجى قىلىپ كەلگەن ،ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىنى ۋە ئادىمىيلىك خىسلىتىنى ئۆلچەياىغان تارازا قىلىپ كەلگەن.ھاياتلىق ئالىمىدە شۇنداق بىر قانونىيەت مەۋجوتكى ،ھەر قانداق جانلىقتا مۇھەببەت بۇلىدۇ .ئىنساننىڭ مۇھەببىتى ۋە ئىجتىمائىي خاراكتى كۈچلۈك بولغان ،ئالىجاناپلىق بىلەن پەسكەشلىك تۈۋەن دەرىجە بىلەن يۇقىرى دەرىجە ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ بىر ھالەتتە بۇلىدۇ .شۇڭا ئىنساننىڭ مۇھەببىتى تەربىيەگە ھەممىدىن بەك مۇھتاج بۇلىدۇ . مۇھەببەتمۇ بارلىق شەيئىلەرگە ئۇخشاش يەككە -يىگانە مەۋجوت بولمايدۇ .مۇھەببەتسىز نەپرەت يوق،نەپرەتسىز مۇھەببەت يوق .بۇ ىۇددى قاراڭغۇلۇق بىلەن يۇرۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئۇخشايدۇ .قاراڭغۇلۇق بولمىسا يورۇقلۇقنىڭ مەۋجوتلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ . يورۇقلۇق بولمىغان بولسا قاراڭغۇلۇق ئۇقۇمىمۇ ،قاراڭغۇلۇقنى سەلبىيلەشتۈرۈش ئىڭىمۇ بولمىغان بولاتتى .بۇلار بىر-بىرىنى مەۋجوت قىلىپلا قالماي ،بىر- بىرنى كۈچەيتىدۇ.ئاسمان قانچىكى قاراڭغۇ بولسا يۇلتۇزلار شۇنچا پارقىراق بۇلىدۇ .گۈلخان يالقۇنى قانچىكى كۈچلۈك ۋە يورۇق لاۋۇلداپ كۆيسە،ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقنى ئىلغا قىلماق شۇنچە تەس بۇلىدۇ .
تارىخ بىر بۈيۈك تىراگىدىيىدۇركى ،بۇ تىراگىدىيەنىڭ سەۋەبكارى دەل مۇھەببەتتۇر،تارىخ بىر چوڭ، غەلىتە كۇمىدىيەدۇركى ،بۇ كۇمىدىيەنىڭمۇ باش ئاخىرى مۇھەببەت،جەننەت نىسى ئەمەستۇركى ، ئۇ مۇھەببەت بار جايدىدۇر. پەرھادنى تاغ كەستۈرگەن نىمە؟تاھىرنى دەريادا ئاقتۇرغان نىمە ؟ ئىپارخاننى چىيەنلۇڭ خانغا خەنجەر سالدۇرغان نىمە؟نۇۇەۇمنى دار ئالدىدا تىك تۇرغۇزغان نىمە؟مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتى ساپ ئىنسانىي مۇھەببەتسىز،ئۇلۇغۋار ئەل يۇرت مۇھەببىتىسىز،ھاياتقا كەلگۈسىگەبولغان چەكسىز مۇھەببەتسىز ئاشۇنداق پىداكارلىقتىن،چىدام -غەيرەتتىن ،سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس.خەلقىمىز مۇھەببەتنى شۇ قەدەر يۈكسەك ئورۇنغا قويغانكى ،ئۇ بىر ئىلاھىي ئوت كەبى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئىمانىي كامىللىقىنىمۇ ،ئاجايىپ تەڭداشسىز تەقۋادارلىقى ۋا سوپىپەرۋەرلىكىنىمۇ ئۆز يالقۇنىدا ئۆرتىگەن . ئادەم ئاتا- بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئەڭنىسىز جىسمىغا مۇز ئۈستىدىمۇ ھارارەت ئاتا قىلغان .ئۇلارنىڭ 400 يىللىق جۇدالىقىمۇ بۇ ئوتنى ئۈچۈرەلمىگەن . كاككۇك بىلەن زەينەپ ئۈمۈرلۈك ۋىسال ئەييامى تەقەززالىقىىدا بىر0بىرىنىڭ نامىنى تىلدىن چۈشۈرمەيدۇ .بۇلبۇل قىزىلگۈل پىراقىدا باغرىنى چاك ئىتىپ ئىشىق نەغمىسىنى توختاتمايدۇ .قۇياش ئۇپۇقنى سۆيمەك تەشنالىقىدا ئوتلۇق گەۋدىسىنى كۈتىرىپ ھەر سەھەر بىر مۇشەققەتلىك سەپەرنى ئىختىيار قىلىدۇ . دۇني ئۇنىڭدىن نۇر ئالىدۇ.زىمىستان ئاشۇ نۇردىن ئىللىقلىقققا ئېرىشىپ باھارنى قۇچاقلايدۇ . ئىزغىرىن شاماللار گۈل- گىياھلارنىڭ ھىدىغا قانماي ، باغمۇ باغ،گۈلشەنمۇ گۈلشەن سەير قىلىپ تىنمايدۇ.سۇلار چاڭقاق دىللارنىڭ ۋە قۇملۇق زىمىننىڭ تەشنالىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ ،تۇمۇر- تۇمۇرلىرىدا ئىقىش بىلەن پاكلىنىدۇ .پاكلىنىش بىلەنئابىزەمزەمگە ئايلىنىدۇ.قۇشلار باھار زەۋقى بىلەن ئۆز نەغمىسىنى ئەۋجىگە چىقىرىدۇ .يۇلتۇزلار يۈكسەك كائىنات كۆكسىگە بىزەك بۇلۇپ ،كىچە زۇلمىتىنى ئۆز جىسمى بىلەن يورۇتۇپ ،زىمىنغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغىنىغا سۈيۈنۈپ ،كۆزلىرىنى تىنماي چىمچىقلىتىدۇ .گاھىلىرى تاقەت قىلالماي زىمىن باغرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ .تاغلار كۆك يۈزىنى سۈيۈشكە شۇنچىلىك بوي سوزسىمۇ ،تۇپراقتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي ،ئۆز مەشۇقىنىڭ قۇچىقىدا يانپاشلىنىپ يىتىشىدۇ.شەبنەم دانچىلىرى سەھەر قۇياشىنىڭ پارلاق ھۆسنىگە نەزەر سىلىش تەمەسىدە ياپراقلار ئۈستىدە سىمابتەك لېغىرلاپ ،تىترەپ تۇرۇپ تاڭنى كۈتىدۇ ،كىپىنەكلەر گۈلزارلىق تاماشىسىدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي ،ئۆز گۈزەللىكىنى كۆز- كۆز قىلىپ گۈلدىن -گۈلگە قۇنۇپ،بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ھارمايدۇ .يەر كۆككە باقىدۇ،كۆك يەرگە باقىدۇ .ئاسمان كۈلسە يەر تەبەسسوم قىلىدۇ .يەر سۇغۇق نەپەس ئالسا، ئاسمان ياش تۈكىدۇ . ئاسمان قاپاق تۈرسە يەر پەرىشان بۇلىدۇ. ئەپسوس، مىڭ ئەپسوسكى ،ئىنسان بالىسى ئۆزىدىكى تەبىئەتتىكى بۇ سىرلارنى بىلمەيدۇ.ئۇلار مۇھەببەتتىن لاپ ئۇرىشىدۇ .ئەمما، مۇھەببەتنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ .ئۇلار مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ .بىراق مۇھەببەتنى ئۆزلىرى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن ئۇيالمايدۇ .مۇھەببەتنى كۆككە كۈتىرىپ چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيلىشىدىيۇ ئۇنىڭغا ھۈرمەتسىز مۇئامىلە قىلىپ ئۇۋال قىلىشتىن باش تارتمايدۇ .مۇھەببەت ئۆزىنىڭ ۋوجودىدا ،ئەتراپىدا ،يىنىدا تۇرسا مۇھەببەت ئىزدەپ ئاۋارە بۇلىشىدۇ . مۇھەببەت قەلب ئىتىزىدا ئۈسىدىغان گۈل . ئۇنى ئىچىلدۇرۇپ خوشپۇراق تارقىتىش ياكى خازان قىلىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق . ئەگەر ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ئىچىلدۇرالىساڭ بەختىڭ ئىچىلىدۇ،نامۇ شەرىپىڭ چىچىلىدۇ .ئەگەر سەن ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلالمىساڭ ،ياكى ئۇنىڭغا قاغا قۇزغۇنلارنى قوندۇرساڭ ئۇنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلغان ،ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭنىڭ خار ۋە زەبون بۇلىشىغا رازى بولغان ،ھاقارەتنى ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن بۇلىسەن . ماھىيەتتە سىنىڭ ئىنسانلىقىڭ ،ئىنسانىي سۈپىتىڭ خۇنۈكلەشكەن ،قەدىر- قىممىتىڭ دەپسەندە قىلىنغان ،ئىززەت -ھۆرمىتىڭ چەيلەنگەن بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتكە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۆزى سىنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىڭنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم . مۇھەببەت ساداقەت دىمەكتۇر .ھىس -تۇيغۇ تۇراقسىز بۇلىدۇ .مۇھەببەت ھىسسىياتنىڭ مەھسولى بولغان ئىكەن ،ئۇنىڭ تۇراقسىز بۇلىشى تەبىئىي .بىراق ئىنسان ئىجتىمائىي خوسوسىيەتكە ئىگە مەخلۇق بولغاچقا ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ئىچىدە بەلگىلىك مەسئولىيەت ۋە بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان بۇلىدۇ .ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەجبورىيىتى ئەخلاقىي ،دىنىي ،قانونىي ۋە ۋىجدانىي نۇقتىلاردىن بەلگىلەنگەن ۋە كاپالەتلەندۈرۈلگەن .شۇڭا بۇخىل كاپالەتلەر تاكامۇللىشىپ مەدەنىيلەشكەنۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئاساسىدا دىمۇكراتىيەلەشكەن جەمىيەتتە مۇھەببەت ئەھلى ئۈچۈن ساداقەتنى ئىنسان مەجبورىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆلچەم قىلىش ،يەنى ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئۈلچىمى قىلىش ئىلغارلىق سانىلىدۇ . مۇھەببەت ساۋىر -تاقەت دىمەكتۇر«سەۋىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر»،«سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن»دىگەنلەر مۇھەببەتنىڭ ھاياتىي كۈچى بولغان سەۋر -تاقەت ھەققىدىكى دۇردانە سۆزلەردۇرمۇھەببەت ئەھلىگە نىسبەتەن سەۋر -تاقەت پەزىىلىتى،ئۈمىدۋار خىسلىتى مۇقىم بىر مىزاندۇر.
مۇھەببەت تەقدىم قىلىش بېغىشلاش دىمەكتۇر.مۇھەببەتتە پىداكارلىق ،ئۆزىنى بېغىشلاش دىگەنلەر ئاشىق ئۈچۈن ئالىي ھىممەت ۋە ئىخلاسمەنلىكنىڭ يۇقىرى چىكى ھىسابلىنىدۇ . بۇنداق بېغىشلاش ۋە چەكسىز ھىممەت كۆرسىتىش پۈتۈنلەي خالىسلىققا تايانغان بۇلۇپ ،ھەر قانداق شەخسى تەمە ۋە ۋە شەخسى غەرەزدىن خالىي بولغان بۇلىدۇ .بىراۋغا قىلىنغان ياخشىلىق ،بىراۋغا تەقدىم ئىتىلگەن مۇھەببەت ئۆزى ئۈچۈن زور خۇشاللىق ،مەمنونىيەت ۋە روھىي تۇقلۇق ئىلىپ كىلىدۇ . ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىدىن رازى بۇلىشى ،ئۆز- ئۆزىدىن سۈيۈنۈشى ياكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى جەننەت مىۋىسىدىن شېرىن ،ھۆر _پەرىنىڭ بۆسسىسىن تاتلىق بۇلىدۇ ،بۇمەنىدىن ئېيتقاندا باشقىلارنى سۈيۈش ماھىيەتتە ئۆزىنى سۈيۈشكە باراۋەر دۇر، باشقىلارنى رازى قىلىش ئۆزىنى رازى قىلىشقا ئۇخشاشتۇر.
بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز مۇھەببەتنى ھىچقاچان جىسمانىي جەھەتتىكى بىردەملىك ھوزۇرلىنىشنىڭ ،ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرۋىلىشنىڭ ۋاستىسى سەپ قارىغان ئەمەس.ئىكسىچە ئۇنى ئىككى روھنىڭ يۈكسەك بىر نۇقتىدا قۇشۇلىشى ،ئىنسان روھىنى پاكلايدىغان ،مەنىۋى كامالەتكە باشلايدىغان مۇقەددەس نەرسە،ئىنساننى ئىنسانىي سۈپەتكە ،ئىمانىي كامىللىققا نائىل قىلىدىغان مەنىۋى قۇۋۋەت دەپ تۇنۇپ مەدھىيلىگەن .
مەن ياشلارغا تەۋسىيە قىلىمەنكى سىلەر مەھلىيا بولغان تىشى پال- پال ،ئىچى غال -غال نەرسىلەر سىلەر بىزار بولغان ياكى تاشلىۋەتكەن تەبىئىي،ساپ نەرسىلەردەك سىلەرگە مەنپەئەت بېرىشى ، ۋاپا قىلالىشى ناتايىن . ئۇنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتلىشىشتە ماڭىدىغان ،سىلەرنىڭ غايىۋى ،خىزىر سۈپەتمەدەتكەرىڭلار بولغان يەتتە ئاشىق، مەسۇق ئاچقان ۋە گۈللەرگە پۈركەنگەن تىخىمۇ پارلەق ۋە ئۇلۇغۋار بىر يولمۇ بار~~~~ بۇ يول سىلەرنىڭ قەدەم بىسىشىڭلارنى ، سىلەرنىڭ يول ئىچىشىڭلارنى كۈتمەكتە..
ئاپتورى :ئەنۋەر مەتسەيدى |
|