شىنجاڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى پەن تۈرلىرى مۇسابىقىسىنى توختىتىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىلدىن تارتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى تۈرىدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى ئېغىر بولۇش، تەربىيەلەش ئورگانلىرى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى تۈرىدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى، گۇۋاھنامىسى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى نومۇر قوشۇپ بېرىشنى چېتىۋېلىش، مەكتەپلەرنىڭ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىنى ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ قوشۇمچە شەرتى قىلىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن. مەنبە: جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى |